logo

trugen jacn

كانادادا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى قۇرۇلدى

-98kmKdczsA

كانادا ھۆكۈمىتى 15 – ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى رەسمىي تىزىمغا ئالغان.

ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ 20 – ئىيۇل رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كانادا فېدىرال ھۆكۈمىتى مۇئەسسسەلەر ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە ئۇلارغا تىزىمغا ئېلىش گۇۋانامىسىنى تاپشۇرغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە. سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، كانادادا تىزىمغا ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چەتئەللەردىكى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي پائالىيەت باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ تەرىپلىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/sherqiy-turkistan-surgun-kanada-07212015194803.html

Share
3120 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.