logo

trugen jacn

كامبودژا ساقچىلىرى تايلاند چېگراسىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

 

مېھرىبان

تايلانتتا چىقىدىغان بانكوك پوچتىسى گېزىتى دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا كامبودژا ساقچىلىرى «كامبودژادىن تايلاندقا ئۆتمەكچى بولغان 5 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەپىرىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان جايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى» نى خەۋەر قىلدى

بانكوك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كامبودژا ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن، ئەمما قالغان ئىككىيلەننىڭ قولىدا بېنگال پاسپورتى بار 41 ياشلىق مورال مۇھەممەد ئابباس سابۇر ۋە 42 ياشلىق ئاددىن مۇھەممەد سوفىې ئىسىملىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا مالايشىيا ساقچىلىرىنىڭ 155 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بايقىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە تەقدىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/musapir-uyghur-10072014171137.html

Share
1411 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.