logo

trugen jacn

كابۇل ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنىڭ 2-قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىدۇ

indir

ئافغانىستاننىڭ كابۇل ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى2- قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 30 ‏-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ئالىي تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىسمائىل قاسىميار جۈمە كۈنى سۆھبەتكە خىتاينىڭ ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «2‏-قېتىملىق سۆھبەت زور ئېھتىماللىق بىلەن 30‏-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇق» تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، تالىبان ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇھلار ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىدا ش ت ئى نىڭ ئەزالىرىنى پاناھلىق ماكان، ھەربىي تەلىم تەربىيە بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاينىڭ تالىبان بىلەن كابۇل ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە ساھىبخانىلىق قىلىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن.

ئىسمائىل قاسىميار، سۆھبەتكە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كابۇل ھۆكۈمىتى بىلەن بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ‏1- قېتىملىق سۆھبەت بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن. سۆھبەت پاكىستان ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/taliban-07242015163012.html

Share
1400 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.