logo

trugen jacn

قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سالام

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سالام

 

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى 2018.يىلى 15. مارت كۈنى مۇھاجىرەت تارىخىمىزدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغۋار پائالىيەتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. ئوخشاش بىر كۈندە 14 دۆلەتنىڭ 18 شەھرىدە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى بىر قولىدا باللىرىنى يىتىلەپ، بىر قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق مۇبارەك بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كوچىلارغا چىقتى ۋە ۋەتەندە كومبايىن تەرىپىدىن ئورۇلۇپ يۇتۇلىۋاتقان بۇغداي ئېكىنزارلىقىغا ئوخشاش، قارا قۇيۇق قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دات پەريادىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. بۇ 2009.يىلى 7.ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ “خىتايلار، تۇتۇپ كەتكەن ئەرلىرىمىزنى، بالىلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەر!” شوئارى بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشتىن كېيىنكى ئەڭ پىداكارانە تارىخى بىر ھەركەتتۇر

بىر مىللەتنىڭ بېشىغا پاجىئە كەلسە ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ۋە ئازاب – ئوقۇبەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئانىلار ۋە بالىلاردۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ بۇنداق زىيانكەشلىكنىڭ كوللىكىتىپ قۇربانلىرى بولماقتا. بىز ئۇيغۇر ئەركەكلىرى خىتاينىڭ قولىدا خارلىنىۋاتقان ئانىلىرىمىزنى، ئاچا- سىڭىللىرىمىزنى، خوتۇن- قىزلىرىمىزنى خىتاينىڭ ھۇجۇم ۋە زىيانكەشلىكىدىن ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز قېلىپ، ۋىجدان ئازابى يۈكى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خوتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بۇ بۈيۈك پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشى يالغۇز چەتئەلدىكى بىز ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ئەمەس، شەرقى تۈركىستان تۈرمىلىرىدە، يېغىۋېلىش لاگىرلىرىدا جىسمانى ۋە روھى ئازاپ تارتىۋاتقان ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىنى، يېزا ۋە شەھەرلەردە باققۇچىسىز قېلىۋاتقان ساناقسىز ياشانغان بۇۋاي- موماي، سەبى بالىلىرىمىزنى ھاياجانغا چۆمدۈردى

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئازاتلىق يولىدا ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان ئىپارخان، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم…لارنىڭ تومۇرلىرىدا ئاققان قاننىڭ ئۆزلىرىنىڭ تومۇرلىرىدىمۇ ئېقىۋاتقانلىقىنى تارىخ ئالدىدا ئىسپاتلىدى. 15.مارت كۈنىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ تارىخى پائالىيىتى كەلگۈسىدىكى ئازات شەرقى تۈركىستاننىڭ مەكتەپلىرىدە دەرسلىك كىتابلىرىغا چوقۇم كىرگۈزولگسى

ئاۋۇستىرالىيەدىن نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن نيۇيوركقا كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ شۇ جۈملىلىرىنى رادىئودىن ئاڭلىدىم؛ “ ئانىلار قوزغالسا ۋەتەن قوزغىلىدۇ.” بۇ سۆزنى ئاڭلاۋېتىپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىم نەملەدى. “ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئېكىنزارلىقتۇر.” (بەقەرە سۈرىسى.223.ئايەت). ئاللاھ، ئاياللارنى ئېكىنزارغا ئوخشىتىدۇ. ئېكىنزار سۆزىنىڭ ئەرەپچىدىمۇ، ئىڭىلىزچىدىمۇ مەدىنيەت دېگەن مەناسى بار. مەدىنيەت يوق زېمىنلەر ۋەتەن دېيىلمەيدۇ.ئانتاركتىكا قىتئەسى ۋە ئاسمان جىسىملىرىدا مەدىنيەت يوق. شۇڭا ھىچكىمگە ۋەتەن ئەمەس.مەدىنىيەتنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئانىلاردۇر. ئانىلار ۋەتەنگە ئوخشاش ئۇلۇغ بولغاچقا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز “ جەننەت ئانىلارنىڭ ئاياق ئاستىدىدۇر.” دېگەن تەلىماتنى بەرگەن. 15. مارت كۈنى تارىخ ياراتقان ئۇيغۇر ئانىلىرى ۋە ئانا نامزاتلىرى بۇلغان ياش خانىم- قىزلىرىمىزغا چوڭقۇر ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. دۇنيا مىقىياسىدا بۇنچىۋالا بۈيۈك ئورگانىزە ئىشىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تەشكىللەشتە كۇچ چىقارغان ئايال رەھبەر، يولباشچىلارغا ئالاھىدە ئاپىرىن ئوقۇيمەن. بۇ تارىخى مۇۋەپپىقىيەت ئاسان قولغا كەلمىدى. خىتايدىن باشقا ئارىمىزدىمۇ توسقۇنلۇق، بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تۇردۇم. بۇ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپىقىيەت، بۇزغۇنچىلارنىمۇ، ھەسەتخورلارنىمۇ نەپىرەت ئەۋرەزلىرىگە كۆمۈپ تاشلىدى

نامايىش توغرۇلۇق ئىستانبۇلدا مۇنداق ئىنكاسلار ئارقا-ئارقىدىن قولۇغۇمغا كەلدى؛ “ ئىستانبۇلدا بىر قانچە مىڭ ئۇيغۇر ئايالنىڭ نامايىشقا چىققانلىقى ياخشى بولدى. بىراق ھەممىسى قارا پەرەنجىگە يۆگىلىۋالغان ئاياللار. خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى خۇنىكلىشىدىغان بولدى.” بۇ پىكىرنى قىلغۇچىلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ خوتۇن- قىزلىرى نامايىشقا چىقمىدى. مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم، “ ئەگەر ئىستانبۇلدا بېشى ئۇچۇق، نورمال ياغلىق چەككەن خانىم- قىزلار نامايىشقا چىققان بولسا ئىدى. نامايىشچى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانى 2-3 ھەسسە كۆپ بولغان بۇلاتتى. بۇلارنى كۆرگەنلەر، “ھە، ئۇيغۇرلاردا بېشى ئۇچۇق ئاياللارمۇ، نورمال ياغلىق چەككەن ئاياللارمۇ، پەرەنجىگە ئورالغان ئاياللارمۇ بار ئىكەن.” دېگەن تۇيغۇغا كەلگەن بۇلاتتى.” ھەقىقەتەن خوتۇن- قىزلىرىمىزنى نامايىشقا چىقارماي، چىققانلارنىڭ كىيىملىرىدىن قۇسۇر ئىزدەش ۋىجدانغىمۇ، ئەخلاققىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. قارا پەرەنجىگە يۆگىلىۋالغان بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاپئاق قەلبىنىڭ قانچىلىك جاراھەت بىلەن تولغانلىقىنى بىز بىلىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەرلىرى ۋەتەندە تۇرمىدە، بەزىلىرى جان-جىگەر بوۋىقىنىڭ ئۆلۈگىنى مالاشىيا، تايلاند ئورمانلىرىدا قارا تۇپراققا كۆمۈپ قويۇپ ئىستانبۇلغا كەلگەن، كۆزلىرى قۇرىغان بۇلاققا ئايلىنىپ قالغان ئانىلار. بەزىلىرى “بىز قايتىپ كېلەلمىسەك كىچىك بالىلارغا ئوبدان قارا” دەپ قويۇپ ئۆيىدىن بىر كېچىسى چىقىپ كېتىپ ھىچ قايتىپ كەلمىگەن ئەرلىرى، بالىلىرى ئۈچۈن جاينامازدىن قوپماي ئاللاغا يالۋۇرۇپ بىر تىرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئانىلار، ئاياللار. ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي دېگەن يەرلىرىنىڭ مەھەللەلىرىدە ھەپتە ئىچىدە بازارلار بولۇپ تۇرىدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە دىققەت قىلسىڭىز بازارنىڭ بىر چېتىدە تارتىنىش ئىچىدە مۈكۈنۈپ تۇرغان قارا پەرەنجىلىك ئاياللارنى كۆرىسىز. بازارچىلار بۇزۇلۇپ قالغان كۆكتات، مىيۋىلەرنى تۆكۈۋېتىپ كېتىشكە باشلىغاندا، بۇ ئاياللار يەردىن ئۇ كۆكتات، مىيۋىلەرنى يىغىپ كېچە قاراڭغۇلىقىدا غايىب بولىدۇ. يېتىم بالىلارنىڭ ئانىسى بولغان بۇ ئۇيغۇر ئاياللار بىر ھەپتە بالىلىرىنى ئۇ كۆكتات، مىيۋىلەر بىلەن باقىدۇ. ئامما ئۇلار ھېچبىر ئۇيغۇرغا “بىز ئاچ قالدۇق. ياردەم قىلىڭلار.” دېمەيدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەرت ئېيتىپ يىغلىمايدۇ. ئۇلار يوقسۇل، ئامما غۇرۇرلۇق ئىنسانلار. 15. مارت ئىستانبۇل كوچىلىرىغا چىقىپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى بېشىغا ياغلىق قىلىپ چىگىپ، قولىدا ئىگىر كۆتۈرۈپ ۋارقىراپ شۇئار توۋلاپ ماڭغان قارا پەرەنجىلىك ئاياللار ئارىسىدا ئەنە شۇ ئانىلارمۇ بار. ئۇلار شەخسى ئازابى ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزۇڭلار” دەپ ۋاقىرىمىغان . ئامما كوچىدا “شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئانىلارنى، بالىلارنى خىتاي زۇلمىدىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم قىلىڭلار.!” دەپ ۋاقىرىدى. ئۇلار، ئاتىسىز قالغان سەبى بالىلىرىنى يېرىم ئاچ ھالدا ياتقۇزۇپ، ئۆزى كېچە بويى ئاچ ھالدا بالىنىڭ بېشىدا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا يىغلىماي، كوچىدا ۋەتەن ئۈچۈن، ۋەتەندە خىتاينىڭ دۇزىخىدا كۆيىۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن كۆز يېشى تۆككەن ئاياللاردۇر. ئىستانبۇلدىكى باي ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆزئارا ھەشەمەتلىك مىھماندارچىلىقلىرى توغرۇلۇق بۇ يەردە سۆز قىلمايمەن. پەقەتلا، بۇ قارا پەرەنجىلىك ئۇيغۇر ئاياللاردىن راھەتسىز بولماسلىقىنى تەۋىسيە قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار، شۇ قارا پەرەنجىسى يۈزىدىن ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋەياكى ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلار. ۋەتەندە كىيەلمىگەن كىيىمىنى ئىستانبۇلدا قورقماي كېيسۇن. ئۇلار ئەڭ قىيىن شارايىت ئىچىدىمۇ ئىمانىنى، ۋىجدانىنى، ئىززەت، نەپسىنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئالىجاناب ئانىلاردۇر، خانىم- قىزلىرىمىزدۇر. مەن، غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھىسداشلىقىغا بىر قانچە يۈز، بىر قانچە مىڭ قارا پەرەنجىلىك ئاياللىرىمىزنىڭ كۆلەڭگۈ چۈشۈرىدىغانلىغىغا ئىشەنمەيمەن. ئىسرائىل كوچىلىرى قارا پەرەنجىلىك يەھۇدى ئاياللىرى بىلەن تولۇپ تاشقان. غەرپ دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلنى قوللىشىغا ئۇلارنىڭ قارا پەرەنجىلىرى كۆلەڭگۈ چۈشۈردىمۇ؟ نيۇيوركتىكى، ئاۋۇستىرالىيەدىكى نامايىشلارنىڭ رەسىملىرىگە باقتىم، يالاڭۋاشتاق، نورمال ياغلىق چەككەن ئاياللار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. تەبىئەت دۇنياسىنىڭمۇ، ئىنسانلارنىڭمۇ رەڭگى خىلمۇخىل. كىيىملەرمۇ خىلمۇخىل.گەپ بىزنىڭ، مەسىلىنى دۇنياغا توغرا ئاڭلىتىشىمىزغا باغلىق. كەلگۈسى ئازات شەرقى تۈركىستاندا ھەر بىر پۇخرانىڭ خالىغان كېيمىنى كېيىپ يۈرۈشى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتا ھەممەيلەننىڭ ئىسىدە بولىشى لازىم دەپ چۈشۈنىمەن

بىز ئۈچۈن 15. مارت ئىپتىخارىنى ياشاتقان بارلىق مېھرىۋان ۋە قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سالام

يىل 2018- 3.ئاينىڭ 16. كۈنى

Share
5619 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.