logo

trugen jacn

قەيسەرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

22324685611622104101527287990228796653641280708013553n

قەيسەرىدە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ۋىلايەتلىك شۆبىسى تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش تەشكىللىدى.

     ئۈلكۈ ئوجاقلىرىنىڭ قەيسەرى ۋىلايەتلىك شۆبىسى 1 – فېۋرال تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان 367 ئۇيغۇر ۋە ئاتا يۇرتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەركىنلىك نامايىشى تەشكىللىدى. قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشقا، بەزى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى.
ئۈلكۈ ئوجاقلىرى قەيسەرى ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ باشلىقى سەلىم گۈمۈش، بۇ ئالاھىدە كۈندە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى قەيسەرى ۋىلايەتلىك شۆبىسىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئورگانلارغا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ۋە پارتىيە رەھبەرلىرىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى. ئۇ: «بىز جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىنى كۈتكەندە، بىر مۇسۇلمان، بىر ئۈممەت كىشىلىرى ۋە يېرىم ئەسىردىن بېرى دائىم چەتكە قېقىلغان، ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ ئەۋلادلىرى سۈپىتىدە كۆرۈپ، قوللىشىنى كۈتىمىز. ئىسلام ئالىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئەسىرلەر بويىچە بايراق تۇتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شۇنداقلا ئىسلام يۇرتى، يېقىنقى كۈنلەردە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن سۈرىيە بىلەن پەلەستىندىن قېلىشمايدۇ. ئۇ يەردىكى خەلقمۇ سۈرىيە ۋە پەلەستىن خەلقىگە ئوخشاش بولغاندىن باشقا، ئوخشاش دىن، ئوخشاش تىل ۋە ئورتاق تارىخنىڭ بىر پارچىسىدۇر» دېدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ دەۋانى مىللىي ۋە شەرەپلىك دەۋا دەپ قاراپ، ھەر تۈرلۈك ياردەمنى ئايىمىغانلارغا رەخمەت ئېيتىمىز. بۇ دەۋاغا چىن قەلبى بىلەن بېرىلىش ئاللاھنىڭ نېسىپ قىلىشىغا باغلىق. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ دەۋا يولىدا خەيرىلىك خىزمەتلەرنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1741 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.