logo

trugen jacn

قەشقەر ۋە خوتەندىن 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشلانغان

 

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى جىددىي ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى مەلۇم.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن سىرتقا يۆتكەش پىلانلانغان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» تۈركۈملەپ يولغا سېلىنىشقا باشلىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان 3 يىل جەريانىدا قەشقەر ۋە خوتەندىن 100 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» نى قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا يولغا قويماقتىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل قەشقەر، خوتەندىن 30 مىڭ ئەتراپىدا ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا يۆتكەش پىلانلانغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 19 مىڭ كىشى ئاللىقاچان سىرتقا يۆتكىلىپ ئىش ئورنىغا بېرىپ بولغان ئىكەن.

ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شىمالدىكى سانائەت رايونلىرى بىلەن بىڭتۇەننىڭ كارخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىپ تارقاقلاشتۇرۇپ يوقىتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/eshincha-emgek-07032017140230.html

Share
756 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.