logo

trugen jacn

قەشقەر ۋىلايىتىدە 113 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۈكۈم ئىلان قىلىندى

b7f1b2a4-f466-41a5-af5b-fd858a71fc1d

 

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى: قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق قەشقەر شەھەر ۋە قەشقەر يىڭى شەھەر قاتارلىق 11 ناھىيە ۋە شەھەردە خىتاي ھاكىمىيىتى، 25.ئىيۇن كۈنى بىرلا ۋاقىتتا سوت ئەچىپ 113 نەپەر ئۇيغۇرنى “تىرور جىنايىتى” بىلەن ئەيىپلەپ ھۈكۈم كەستى.ئامما خىتاي ئاخباراتى نىمىشكىدۇ بۇ دۆلەت تىرورى ھەركىتىنى 4 كۈن كىچىكىپ 29.ئىيۇن خەۋەر قىلدى

    خىتاي ئاخباراتى،خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز،مۇددەتلىك كىسىلگەن كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ،بىر قانچە كىشى توغرۇلۇق قىسمەن مەلۇماتقا يەر بىرىلگەن

ئابلەت خۇدابەردى ۋە رەخمۇتۇللا ئابابەكرى تور ئارقىلىق “كۆپ قىتىم چەتئەل رادىيوسى،ۋىدىيوسى ئاڭلىغان ,كۆرگەن”لىكى ئۈچۈن “تىرور جىنايىتى” بىلەن ئەيىپلىنىپ ھەر ئىككەيلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان

       قەشقەر شەھىرىدە ئۆي سايمانلىرى دۈكىنى بولغان مەمەت يۈسۈپ ئىدىرىس 2014.يىلى 5.ئاينىڭ ئاخىرى 2 پالتا،2 چەيدو،2 پىچاق ساتقان بولسىمۇ،ئالغۇچىنىڭ ئىسمنى تىزىملاپ ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ۋە بۇ سايمانلار كىيىن قەشقەر شەھەر خەبىڭ دوختۇرخانىسى ئالدىدا 2 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ،بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۆي سايمانلىرى دۇككان ئىگىسى مەمەت يۈسۈپ ئىدىرىس قا 10 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەن

يەنە باشقا بىر دىلوغا ئائىت بولغان ئۇبۇلتالىپ مامۇت “توردا 22.ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى” توغرۇلۇق تورغا چۈشكەن خەۋەرلەرنى چەتئەلدىكى بىر دوستىغا ئۈندىدار ئارقىلىق 7 قەتىم ئۇچۇر يوللىغان” لىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەنلىگى يىزىلغان

       يەنە باشقا بىر دىلوغا چىتىشلىق دىيىلگەن ئۇبۇل كەرىم ۋەرۇزى ئەمەت ساقچى تەرىپىدىن ئىزدەۋاتقان ياقۇپ ئۇبۇل قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قايەردە ئىكەنلىگىنى بىلسىمۇ، سوراپ كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىككەيلەنگە 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بىرىلگەنلىكى يىزىلغان

       خىتاينىڭ،تور،ئۈندىدار ۋە كىيۇ كىيۇ قاتارلىق ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزارا خەۋەر ئالاقە قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا بۇنداق قاتتىق جازا بەرگەنلىكىگە قارىغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تامامەن ئۈزۈۋەتىپ تۇرۇپ،ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدە ئۇمۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىق ئەلىپ بىرىشتىن ئىبارەت قەبىھ پىلانىنىڭ بارلىقى پايقاش مۇمكىن

مەنبە

新疆喀什严打“暴恐”113人获刑
天山网

Share
1401 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.