logo

trugen jacn

قەشقەر ھېيتگاھ جامائەسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار يەنە ئۇسۇلغا سېلىندى

1114498157_14253479562781n

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا 3-مارت ئېلان قىلىنغان سۈرەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 2-مارت كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا «105-قېتىملىق خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش» نامىدا چوڭ تىپتىكى سەنئەت كۆرۈكى ئۆتكۈزۈلگەن1114498157_14253479561581n

خەۋەردە دېيىلىشىچە ھېيتگاھ مەيدانىدا قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق ئاققاش يېزىسى، ئاۋات يېزىسى، يېڭىئۆستەڭ يېزىسى، نەزەرباغ بازىرى قاتارلىق يېزا-بازارلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى كوللېكتىپ ھالدا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» نى ئورۇندىغان، ياش دېھقان ئاياللىرى «زامانىۋى كىيىم مودېللىرى» مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان. سەنئەت كۆرۈكىدە يەنە «ئۇزۇن چاچلىق ئاياللار مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆرۈمە چاچلىرى چۇۋۇۋېتىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان.

ئاز كەم 500 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي تارىخى قۇرۇلۇش قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئۇيغۇرلار دىنىي پائالىيەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئىسلام ئەللىرىدىمۇ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس تارىخىي جايلىرى ۋە ئىسلام تارىخىي بىناكارلىقىنىڭ نامايەندىلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت قاتارلىق بايراملىرىدا ناغرا چېلىپ ساما ئۇسۇلى ئوينايدىغان ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا، بۇ خىل ئاممىۋى ھېيت پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى، چاغان بايرىمى قاتارلىقلارنى كوللېكتىپ تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويغان. بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

ئۆتكەن ئايدا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، ياشانغان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرى ھەتتا مەسچىت ئىماملىرىنىڭمۇ ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلىنىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-usul-03032015161100.html

古城喀什歌舞迎新春

 

Share
3540 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.