logo

trugen jacn

قەشقەر نەزەرباغ دىخقانلىرىدىن ئۇچۇق خەت

 

قەشقەر شەھەر نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى قازىرىق 14 -كەنت ئەزالىرى، بىز 4400 نوپۇس، 700 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان ئەسىرلەر داۋامىدا مۇشۇ كەنىتتە ياشاپ كەلگەن. ھەم كېيىنكى يىللاردا كەنىتتىن بىزگە مۇۋاپىق تۈردە بۆلۈپ بېرىلگەن تېرىلغۇ يەردىن پايدىلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھال كۈنىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ ھاللىق تۇرمۇش سەۋيىسىگە قەدەم قۇيۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتاتتى.
2002-يىلىغا كەلگەندە قەشقەر شەھىرى سالالاشتۇرۇپ بېرىمىز دەپ،كەنتنىڭ شىمالىي قىسمى ( قەشقەر ئايرۇدۇرۇمىنىڭ شىمالىي تەرىپى) دىكى 7500(%75) مو يەرنى يىغىۋىلىپ،سالالاشتۇردى.بۇ يەرمۇ ئەسلى مۇنبەت تېرىلغۇ يەر بولۇپ،1980-يىلىدىكى بىرىنچى قىتىملىق يەر تەڭشەشتە دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.1986-يىللىرى بۇ يەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەم ئۈستۈن ئارتۇشتىن كېلىدىغان چاقماق دەرياسىنىڭ سۈيى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشى،يەنە بىرى، قەشقەر ئايرۇدۇرۇمى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ،كەنتنى ئىككىگە بۆلۈۋىتىپ،دېھقانلارنىڭ نورمال قاتنىشى 8 كىلومېتىر ئۇزىراپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىك،سۈ يېتىشكەن 3722 مو يەر ئىزچىل تۈردە تىرىقچىلىق قىلىنىپ،قالغان يەر سۇ تولۇق يىتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن يايلاق قىلىنىشقا قالدۇرۇلغان.
قەشقەر شەھىرى يەرنى سالالاشتۇرىدىغان چاغدا كەنت تەۋەسىدىكى 3200 نوپۇستىن ھەر بىر نوپۇستىن 40 يۈەندىن پۇل يېغىۋالغان ھەم بۇ پۇلنى سالالاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئىدى.يەنە 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە،بۇ يەردىن 5000 مو يەرنى قەشقەر شەھىرىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى كۆكەرتىش قىلىمىز دەپ،دېھقانلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالماي ھەقسىز ئىگىلىۋالغان. قالغان 2400 مو يەر بۈگۈنكى كۈنگىچە دېھقانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ،تىرىقچىلىق قىلىپ كېلىنگەن.2012 –يىلى 4-ئايغا كەلگەندە بۇ يەردىن 864 مو يەرنى قەشقەر شەھىرى شىنجىن تەرەققىيات رايۇنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە نەزەرباغ بازارلىق ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا توختام تۈزگەن.ئەمما،شىنجىن تەرەققىيات رايۇنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 864 مو يەرنىڭ ئىچىدىن 160 مو يەر ئۈچۈن كەنتتىكى 3200 نوپۇسقا 1500 يۈەندىن تولۇقلىما پۇلى بەرگەن.
بىراق قالغان 704 موسىغا ھىچقانداق تۇلۇقلىما پۇل بەرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇناسىۋەتلىك ئورونلاردىن سۈرۈشتۈرسەك، بىرىشكە تىگىشلىك بولغان تۇلۇقلىما پۇلنى بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى.
2012-يىلى12-ئاينىڭ بېشىدا بازارلىق ھۆكۈمەتكە بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىپ بارساق، بازارلىق ھۆكۈمەت بۇ يەر كوللىكتىپنىڭ يېرى دەپ، ئىشلەتكەن 704 مو يەرگە قارىتا بىرىشكە تىگىشلىك بولغان تۇلۇقلىما پۇلنى بىرىشنى رەت قىلدى.
2012-يىلى12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەرلىك يەر- زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بارساق، ئۇلار بۇ يەر تاشلىۋىتىلگەن يەر ئىكەن، سىلەرنىڭ پۇل تەلەپ قىلىشىڭلار يولسىزلىق دەپ، ئاساسسز باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بىزنىڭ تەلىۋىمىزنى يەنە رەت قىلدى. ۋىلايەتلىك يەر- زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىگىمۇ يۇقارقى ئىشلارنى ئىنكاس قىلىپ بارساق، ئۇلارمۇ ئوخششلا بىزنىڭ تەلىۋىمىزنى رەت قىلدى.
بۇ يىل 2-ئاينىڭ23-كۈنى ئۈرۈمچىگە كىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورونلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغاندۇق. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئالىم يېزا باشلىقى، كەنىت سېكىرتارى مۇختەر تۇرسۇن قاتارلىقلار ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئىنكاس قىلغان دېھقانلارغا بىز بۇ ئىشىڭلارنى ھەل قىلىپ بىرەيلى دەپ يۇرىتقا ئېلىپ كەتتى. يۇرۇتقا كىتىپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بۇ ئىككى دېھقان ۋەكىلىنىڭ قولىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تارتىۋالدى، بۇ ئىسپات ماتىرىياللانى تا ھازىرغىچە دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بەرمىدى.

ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە، دۆلىتىمىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ھەمدە بىز جوڭگو پوقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق- مەنپەئەتى شۇنداق ياخشى قوغدىلۋاتقان مەزگىلدە بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشى بىز دېھقانلارغا ئېغىر ئىقتىسادى زىيان ۋە ئېغىر كۈڭۈل ئازابى ئېلىپ كەلدى. بىز مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق نۇرغۇن ئورونلارغا ئىنكاس قىلىپ باردۇق. لىكىن يەرلىكنىڭ بىزنىڭ گىپىمىزنى تىڭشىماسلىقى، ن ئورونسىز يوللارنىڭ كىلىپ چىقىشىگە سەۋەبچى بولدى.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىنكاس ماتىرىيالىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇق. رەھبەرلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بىزنىڭ كىچىككىنە ئىشىمىزغا كۈڭۈل بۈلۈپ بىز دېھقانلارنىڭ ھازىرقى ۋە بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم رەھبەرلىكنىڭ يۇقارقىدەك ئىشلارنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ بىزگە ئادىل بولغان نەتىنجە بىرىشىڭلارنى سورايمىز.
قەشقەر ۋىلايەتلىك يەر زېمىن بايلىقى ئىدارىسى كەنت دېھقانلىرىنىڭ يەر دەۋاسى توغرىسىدىكى ئىلتىماسىغا قارىتا 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى چىقارغان «ئەرزگە بېرىلگەن جاۋاپ»تا 864 مو يەر يۇقارقى قازىرىق كەنتى دېھقانلىرىنىڭ 30 يىللىق ھۆددىگە بېرىلگەن يەر دائىرىسىگە كىرمەيدىغان يەر؛6000 مو يەر بولسا تاشلاندۇق يەر ھەم قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايۇنىغا كىرگۈزۈلگەن يەر،14-كەنت دېھقانلىرىنىڭ بۇ يەرنى بىزنىڭ دىيىشىنىڭ قانۇنىي ئاساسىي يوق، دېگەن قارارىغا قارىتا كەنت دېھقانلىرىنىڭ پىكىر ئاساسى مۇنداق:
بىرىنچى،بىز دەۋا قىلىۋاتقان يەر،يەنى قەشقەر ئايرۇدورۇمىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان 7500 مو يەر تارىختىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە تېرىقچىلىق قىلىپ، تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن يەر بولغان. بۇنىڭغا بارلىق قوشنا كەنت-يېزا ئاھالىلىرى، ئۈستۇن ئارتۇش ئىلىشقۇ سۇ تەخسىملەش پونكىتى ھەم بەزى يازما ھۆججەتلەر پاكىت بولالايدۇ.
ئىككىنچى،2002-يىلى بۇ يەرلەرنى سالالاشتۇرىدىغان چاغدا شەھەر لىك ھۆكۈمەت كەنتتىكى ھەر بىر نوپۇستىن پۇل يىغىپ سالالاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن.مۇبادا بۇ يەر دۆلەتنىڭ بولىدىغان بولسا،نىمە ئۈچۈن ئەينى چاغدا دېھقانلاردىن پۇل يېغىپ،بۇ يەرنى سالالاشتۇرىدۇ.
ئۈچىنچى، 7500 مو يەرنى سالالاشتۇرغاندا،كەنت ئەزالىرىنى ھەقسىز ئەمگەككە سالغان.
تۆتىننچى،مۇشۇ يەرگە بەش خۇسۇسىي كارخانا (يەنى خىش زاۋۇدى،پور خىش زاۋۇتى قاتارلىقلار) جايلاشقان بولۇپ،ئۇلار يەرنى ئىشلىتىدىغان چاغدا يۇقارقى قازىرىق كەنتى بىلەن توختاملاشقان.بۇ توختام ھازىر كەنت كومېتىدا ساقلانماقىتا .
بەشىنچى،بۇ يەردىكى كارخانىلار ئىشلىتىدىغان سۇنى بۈگۈنكى كۈنگىچە كەنت دېھقانلىرى 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىن باشلاپ كېلىپ،ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز بېرىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ھىچقانداق ھەق بېرىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ،كارخانىلار ئىشلىتىدىغان بارلىق سۇلارنىڭ ھەققىنى دېھقانلار تۆلەيدۇئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر شەھەرىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئۆتكۈزىۋالغان 5000 مو يەرنىڭ سۈيىنى تەمىنلەش ۋەزىپىسىمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن.بۇنىڭمۇ سۇ پۇلىنى كەنت دېھقانلىرى تۆلەيدۇ.بۇ يەر كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر بولىدىغان بولسا،سۇنى نىمە ئۈچۈن كەنت دېھقانلىرى تەمىنلەيدۇ ۋە سۇ پۇلىنى دېھقانلار ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئالتىنچى،2012-يىلى كەنتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەسئۇلى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ توختىمىنى تەكشۈرگەندە، مەلۇم بىر خىش زاۋۇدى قورغان بىر كارخانىچىنىڭ توختىمىدا بۇ يەرنىڭ ئىچىدىن 50 مۇ يەرنىڭ 60 يىللىق ئىشلتىش ھوقۇقىنى 100 مىڭ يۈەنگە توختاملاشقانلىقى مەلۇم بولغان. بىراق، ئەمىلىي تەكشۈرۈشتە بۇ كارخانىچى ئىگىلىگەن يەر 186 مو بولۇپ چىققان.بۇ كارخانىچىمۇ توختامنى 2010-يىللاردا كەنت بىلەن تۈزگەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ كارخانىغا كىتىدىغان سۇنىمۇ ئېلىپ كىلىش ۋەزىپىسى(تەمىنلەش ۋەزىپىسى) كەنت دېھقانلىرى ئۈستىگە يۈكلەنگەن.سۇ پۇلىنى ھەم دېھقانلار تۆلەپ كەلگەن.
يەتتىنچى،2012-يىلى 10-ئايدا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار شىنجىن تەرەققىيات رايۇنى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ تولۇقلىمىسى دەپ يۇقارقى قازىرىقتىكى ھەر بىر نوپۇسقا 1500 يۈەندىن جەمئىي 3200 نوپۇسقا تۆلەم بېرىلگەن.يەر كوللىكيىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر بولىدىغان بولسا بۇ پۇل نىمە ئۈچۈن بېرىلىدۇ.
دېھقانلارنىڭ ئورتاق تەلىپى:
بىرىنچى ،شىنجىن تەرەققىيات رايۇنىنىڭ شىمالىدىكى «تاشلاندۇق يەر»دەپ قارالغان 6000 موچە يەرنى دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىقىغا قايتتۇرۇپ بەرسە.يەنى، بۇ يەر ئەسلىدىنلا كەنت دېھقانلىرى تېرىۋاتقان يەر ھىساپلىناتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەرنىڭ يېنىدىكى 1543 مو يەرنى ھىلىھەم دېھقانلار تىرىقچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ يەر قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىنسا.
ئىككىنچى ،شىنجىن تەرەققىيات رايۇنىغا كىرگۈزۈلگەن يەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تولۇق تولۇقلىما بېرىلسە،يەنە 704 مو يەر ئۈچۈن.
ئۈچىنچى،نەزەرباغ يېزىسى 5-كەنت 7-گورۇپپىدىن ياسىنجان ھاشىم ئىسىملىك بىر كارخانىچى 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەنت دېھقانلىرى دەۋا قىلىۋاتقان يەر دائىرىسى (يەنى قەشقەر ئايرۇدورۇمىنىڭ شىمالىدىكى يەر) دىن 510 مو يەرنى 50 يىللىق مۆھلەت ئىچىدە ئىشلىتىش توغرىسىدا كەنت باشقۇرۇش كومېتىتى بىلەن توختام تۈزۈشكەن. بۇ يەرنىڭ سۈيىنى تەمىنلەش ۋەزىپىسى كەنت دېھقانلىرى ئۈستىگە يۈكلەنگەن ھەم بۇ يەرگە ھەر ئايدا كەنت دېھقانلىرى 120 ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەپ بېرىش بەلگىلەنگەن.بۇ توختام قانۇنلۇقمۇ قانداق؟ بۇنى قايتا تەكشۈرۈپ،بۇ توغرىلىق دېھقانلارغا ئىنىق جاۋاپ بېرىلسە ھەم بۇ توختام بىكار قىلىنىپ،بۇ يەر دېھقانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قايتۇرۇپ بېرىلسە.
دېھقانلىرىمىزنىڭ دەلىل -ئىسپاتلىرى تولۇق ۋە يېتەرلىك ، يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرسا تولۇق پاكىت – ئىسپات بىلەن تەمىنلەيمىز .
يوقىرىقى تەلەپلىرىمىزنى ئاپتونوم رايون مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئويلىشىپ بىزگە ياخشى ھەل قىلىپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز

höjjet

imza

http://bbs.bagdax.cn/thread-23951-1-1.html

Share
1639 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.