logo

trugen jacn

قەشقەر قازرىق دېھقانلىرى 14 يىلدىن بۇيان تارتىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلىرىنى تېخىچە قايتۇرۇۋالالمىغان

f2358427-bb63-4982-9957-06cbc1f0ca62

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يەر – دېھقاننىڭ جېنى ھەم تىرىكچىلىك مەنبەسى.

ئەسىرلەردىن بۇيان «يەر ئالتۇن قوزۇق» دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىپ، ھالال مېھنىتى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىق تىرىكچىلىكىنىڭ مەنبەسى بولغان تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.

2002-يىلى قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن نەزەرباغ يېزىلىق دائىرىلەر قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ھەمدە قەشقەر ئايرودرومىنى قايتا قۇرۇش باھانىسى بىلەن قازرىق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ 5 مىڭ موغا يېقىن يېرىنى تارتىۋالغان. بۇ يەرلەر ئۇزاق ئۆتمەيلا قەشقەردە يېڭىدىن كېڭىيىۋاتقان «قەشقەر-شىنجېن ئالاھىدە تەرەققىيات رايونى» غا سېتىۋېتىلگەن. قازرىق دېھقانلىرى شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۆلەم ئېلىش ياكى يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلنىمۇ بەرمىگەن. يەر دەۋاسى قىلىپ ئاپتونوم رايونغا، ئۇ يەردىن بېيجىڭغىچە بارغان قازرىق دېھقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنىپ يېزىلىق ساقچىخانىغا سولاپ قويۇلغان.

ئۆتكەن يىلى بۇ ۋەقە تورغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، رادىئومىز بۇ ھەقتە يەرلىكتىكى دېھقانلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

ھالبۇكى، ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازرىق دېھقانلىرى قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى تېخىچە قايتۇرۇۋالالمىغانلىقىنى، تېگىشلىك تۆلەمگىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، يەرسىز قالغان دېھقانلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

قازرىق كەنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايال دېھقانلاردىن تارتىپ ئېلىنغان يەرلەرگە ھازىر شىنجېن تەرەققىيات رايونى نامىدا نۇرغۇن بىنا ئۆيلەرنىڭ سېلىنىپ بولغانلىقىنى، ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ تېرىپ كەلگەن بىنەم يەرلەرنىڭ ھازىر سېمونت تاملىق شەھەرگە ئورۇن بوشاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن يۇقىرىقى قازرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقان بىلەن سۆزلەشتۇق.

ئۇ قازرىق دېھقانلىرىنىڭ 2002-يىلىدىن بۇيان كەنت ۋە يېزا كادىرلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قولدىن بېرىپ قويغان تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ دەۋاسىنى بۈگۈنگىچە قىلىۋاتقانلىقىنى، كەنتتىكى 4 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ھازىر كىشى بېشىغا ئاران بىر پۇڭدىن ئاشىدىغان ئىنتايىن چەكلىك تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yer-tartiwelish-03092016144502.html

Share
964 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.