logo

trugen jacn

قەشقەر دائىرىلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن يۈز مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ، قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەن

 

قەشقەر دائىرىلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن يۈز مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ، قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەن

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاممىنى تەشكىللەپ «كوللېكتىپ قەسەمياد يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت كادىرلىرىغا «ئوچۇق خەت»ئېلان قىلدۇرۇش دولقۇنىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك دائىرىلەر 27-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىغا 100 مىڭ كىشىلىك پارتىيە ئەزاسى بىلەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى توپلاپ، «قەسەمياد يىغىنى» ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك «قەسەمياد يىغىنى» دا پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كادىرلار بىردەك ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى مۇرەسسەسىز جەڭ ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەرگەن.

خەۋەردە يەنە، قەشقەر شەھىرىنىڭ خەلق مەيدانىغا توپلانغان يۈز مىڭ پارتىيە ئەزاسى بىلەن ھەر دەرىجىلىك كادىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ياسىن سىدىقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شوئار توۋلاپ قەسەم بەرگەنلىكى ۋە بىر-بىرلەپ ئىمزا قويغانلىقى تىلغان ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يۈز مىڭ كىشىلىك «قەسەمياد يىغىنى» رامىزان كىرگەندىن بۇيان پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەڭ زور كۆلەملىك سىياسىي ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەرياندا رايوندىكى سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-qesemyad-05292017143129.html

Share
890 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.