logo

trugen jacn

قەشقەر تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمچىلىرىنىڭ چوڭ بىر جەمەت ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا 22-ئىيۇن كۈنى قەشقەر تاختاكۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ جەمئىي 21 كىشى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ يېڭىشەھەرنىڭ تازغۇن يېزا تۆۋەن قۇلاقلىق كەنتىدىكى چوڭ بىر جەمەتنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەمەتتىكى ئۈچ ئاكا-ئۇكا ۋە ئىككى ئاچىدىن تەركىب تاپقان 5 قېرىنداش جۆرىلىرى، كېلىن-كۇيئوغۇللىرى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بارغان. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ ھۇجۇمغا جەمەتنىڭ چوڭى، دىنىي مۆتىۋەر، 60 ياشلىق ئاتاۋۇللا داۋۇت يېتەكچىلىك قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قېرىنداشلار تەشكىللىنىش، جەمەت ئەزالىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۇيغۇر مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتىدىكى بىر يېڭى يۈزلىنىش ۋە بىر ئۆزگىچىلىكتۇر. دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 29-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىن قوۋۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىدائىي ئوسمان ھەسەن ئانىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان، توققۇزاق سايباغدا يۈز بەرگەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى 5 ئاكا-ئۇكا ئاياللىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان. بۇلتۇر مارالبېشىدا يۈز بەرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىمۇ 4 ئاكا-ئۇكا رول ئالغان. بۇ ئەھۋالنى بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتايغا قارشى مىللىي قارشىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بىر چارىسىزلىقنىڭ ئىپادىسى يەنى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئائىلە ئەزالىرى سىرتىدىكى كىشىلەر بىلەن تەشكىللىنىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-qarshiliq-06292015150103.html

Share
1623 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.