ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر چېگرا ئېغىزىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
«شاڭخەي گېزىتى» نىڭ 8 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «قاراسۇ تاموژنىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر چېگرا ئېغىزى قەشقەر بىلەن تاجىكىستان چېگراسىغا جايلاشقان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىگە 10 يىل كەتكەن. ھاۋا رايى ۋە يول بىخەتەرلىكى مەسىلىسى تۈپەيلى چېگرا ئېغزى پەقەت ھەر يىلى ئاپرېلدىن نويابىرغىچە ئىشلەيدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قىلىنغان ئىمپورت – ئېكسپورت مىقدارى خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى سودا نىسبىتىنىڭ 78 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي يېقىندا پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى قەشقەر بىلەن تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر قۇرۇلۇشلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى نامەلۇم.
ئىگىلىرى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/fqeshqer-tajikistan-qarasu-tamuzhna-05092015222608.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER