logo

trugen jacn

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا «مەسىلىلىك كىتابلار سەۋەبلىك» كەسپىي خىزمەتلەر توختىتىلغان

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلاردىن (سولدىن ئوڭغا): ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئەپەندى، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت خانىم ۋە مەمەتجان ئابلىز بۆرىيار ئەپەندى.

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى نەشرىيات ساھەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى داۋامىدا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن 600 نەچچە كىتابنى «مەسىلىلىك كىتاب» دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە بىرقانچە ئاي ئىچىدە نەشرىياتنىڭ 49 خىزمەتچىسىنىڭ 30% ئىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، مەزكۇر نەشرىياتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە كەسپىي خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقى، تۇتقۇندىن ئامان قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۆۋەنگە خىزمەتكە چۈشۈرۈلگەنلىكى، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى خىزمەتچىلىرىنىڭ 30% نىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىز مەزكۇر نەشرىياتنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەزكۇر نەشرىياتنىڭ بىر ھەپتىدىن بېرى كەسپىي خىزمەتلەرنى توختاتقانلىقى، تۇتقۇندىن ئامان قالغان خىزمەتچىلەرنىڭ قەشقەرنىڭ بىر يېزىسىغا خىزمەتكە چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ كۈندۈزى ئۈرۈمچىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاخشاملىرى سىياسىي ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ئاز بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ نەشرىيات بىناسىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن نۆۋەتچىلىككە تۇرغۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلگىرى زىيارەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۆز كۆزىتىشلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئاساسەن دېگۈدەك كىتاب بېسىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. قەشقەردە تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىم، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا، ئۇيغۇرچە ئەدەبىي كىتابلارنىڭ پەقەتلا نەشر قىلىنمىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا 600 نەچچە «مەسىلىلىك كىتاب» بېسىلغاندىن كېيىن، بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان كىتابلار نەشر قىلىنمىغان؛ پەقەت «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» نامى ئاستىدىكى دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، زاكاز تەشۋىقات كىتابلار نەشر قىلىنغان.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ قۇرۇلۇش غايىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە قوشۇمچە ھالدا پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئالاقىدار خادىملارنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى خادىملار، نەشرىياتنىڭ بۇ خىزمەت غايىسىدىن چەتنەپ، ھەتتا بەزىدە پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېسسىياتنى كۈچلەندۈرۈشكە بېرىلىپ ۋە بۇ ئارقىلىق ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان».

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تارىخ ۋە رېئاللىق ھەققىدە يېزىلغان مەيلى ئىلمىي، مەيلى ئەدەبىي بىر كىتاب بولسۇن، ئۇنىڭ چوقۇم بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە چېتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، نەشرىيات ساھەسىنىڭ خىتاينىڭ چىشىغا تېگىش ۋە دۈشمىنىگە ئايلىنىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنى يوق قىلىشنىڭ قەدىمىنى بېسىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. قاھار بارات يەنە خىتاينىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بولۇپ باقمىغانلىقى، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدىن پايدىلانغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇنداق بىر پايدىلىنىشقا زۆرۈرىيەت قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن نەشرىيات خادىملىرىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىۋاتقانلىقى ۋە كەسپىي خىزمەتلەرنى توختاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

Share
2771 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.