logo

trugen jacn

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4 مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى تۇتقۇن قىلىنغان

 

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ئاشكارىلىنىشىچە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى ئەكبەر ئۆمەر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن مۇختەر ئابدۇغوپۇر، قۇربان ئوسمان ۋە گۈلنار ئوبۇللار، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشخانا خادىمى 4 پروفېسسورنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە قاماققا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما قايسى قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋەزىيىتىنى مەكتەپ تور بېتى ئارقىلىق كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئاڭلىغۇچىمىز 6-سېنتەبىر كۈنى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، مۇشۇ ئاينىڭ 2 ‏-كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېتىدىكى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ تىزىملىكىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، تىزىملىكتە ئەسلىدە بار بولغان ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر، مۇئاۋىن مۇدىر مۇختەر ئابدۇغوپۇر، قۇربان ئوسمان ۋە گۈلنار ئوبۇللارنىڭ رەھبەرلىك تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بۇ مەكتۇبىدا، 2 ‏-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن مەزكۇر 4 پروفېسسورنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە رەسىملەرنىڭ مەكتەپ تور بېتىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ جازالانغانلىق ئېھتىماللىقى ئىنكاس قىلىنغان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىز ئالاقىدار خادىمدىن ئەڭ ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغان مۇدىرلار ئىچىدە مۇئاۋىن مۇدىر مۇختەر ئابدۇغوپۇرنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ مەخپىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ مۇختەر ئابدۇغوپۇرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز ئاندىن مۇدىر ئەكبەرنىڭ قاچان مەكتەپتىن ھەيدەلگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە نۆۋەتچى خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، نۆۋەتتە مۇدىرنىڭ ئورنىنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى، يېڭى مۇدىرنىڭ تېخى تەيىنلەنمىگەنلىكى ۋە بىر مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ مەكتەپنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئارقىدىن مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى مۇدىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ئەسلى مۇدىرنىڭ ئەركىن ئۆمەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ يېقىندا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن مەكتەپ پارتكوم دائىمىي ھەيئىتى، پروفېسسور گۈلنار ئوبۇلنى سورىدۇق. ئۇ گۈلنار ئوبۇلنىڭمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن يېقىندا مەكتەپتە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان 4 رەھبەرنىڭ ئىسىملىرىنى دەپ بېرىشنى سورىدۇق. ئۇ بۇ تۆت كىشىنىڭ «ئەركىن ئۆمەر، مۇختەر، قۇربان ئوسمان ۋە گۈلنار ئوبۇل» ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكرار سورىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن نۆۋەتتە بۇ دېلوغا قايسى ج خ تارمىقىنىڭ قول تىققانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما يۇقىرىدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ، بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە خىتاينىڭ بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆردۇق. ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر گەرچە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئۇچۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ توربەتلىرىدە ساقلىنىپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە مۇدىر ۋە پروفېسسور ئەركىن ئۆمەر تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا شېنجېندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى زىيارەت قىلغان؛ گۈلنار ئوبۇل بۇ يىل 4 ‏-ئايدا گۇاڭدۇڭدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە سۆزلىگەن.
بۇ ئۇچۇرلار، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ 4 نەپەر مۇدىر ۋە پروفېسسورىغا بېرىلگەن بۇ جازانىڭ ئۇشتۇمتۇت بولغانلىقىنى، يەنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى سىياسىي بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qeshqer-uniwersitetining-mudirliri-tutqun-09082018014923.html

Share
2845 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.