logo

trugen jacn

قەشقەر ئاۋات يېزىسىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانا سوراق قىلىنغان

image

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆزلىرى ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ئىچىدىكى سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلىرى، كۆيۈمچان قېرىنداشلىرى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ قەشقەر ئاۋات يېزا يالاڭ كەنتتىكى 72 ياشلىق ئانىسى نۇرىمانخان ئانا 15-ئىيۇن يەنى تۈنۈگۈن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدە سوراق قىلىنغان.

ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئائىلىنى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن سوراق قىلىشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ ئانىسى نۇرىمانخان ئانا ئەڭ ئاخىرى ئۆز ئاۋازى بىلەن خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئائىلىگە سېلىۋاتقان بېسىمىنى ۋە ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا نەۋرىلىرىنىڭمۇ روزا تۇتۇشى چەكلىنىۋاتقىلىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىش نىيىتىگە كەلگەن. بۇ ھەقتە 24 يىلدىن بېرى ئانىسىنى كۆرەلمىگەن تۇرغۇنجان ئەمەت ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر قەشقەردە ياشاۋاتقان 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانا بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرغۇنجان ئەمەت ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 92-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئۇ، 1996-يىلى 3-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ ئۈچ يىل كېسىلگەن.

تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە مىسىر، لىۋان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىسلامى ئىلىم تەھسىل قىلىپ، كېيىن نورۋېگىيەگە يەرلەشكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/nurimanxan-soraq-06162016142422.html

Share
842 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.