logo

trugen jacn

قەشقەردە 22 ئۇيغۇرغا ھۈكۈم ئىلان قىلىندى

4437e68d893a15a6e2b04b

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى؛ قەشقەر شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن (10.ئۆكتەبىر) قەشقەر ئاھالىسىنى مەجبۇرى سوت مەيدانىغا يىغىپ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى سوت مۇنبىرىگە يالاپ چىقىپ 5 يىدىن 16 يىلغچە قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى
قەشقەر سوت مەھكىمىسى،خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا شۇنداق دىيىلىدۇ؛ “ بۇ قىتىم سوتلانغانلار 3 خىل جىنايەتچىلەردۇر.1.قانۇنسىز قۇرئان تەبلىگ قىلغۇچىلار.2.دىنىي ۋەزىپىسىدىن ئەلىپ تاشلانغان بولسىمۇ يەنىلا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار.3.دۆلەتنىڭ مائاشىنى ئەلىپ تۇرۇپ قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دىنىي زاتلار.بۇلارنىڭ جىنايەتلىرى؛مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتىرىتىش،مىللىي كەمسىتىش،قانۇنسىز دىنىي تەبلىگ…” مانا بۇ،خىتاي سوتىنىڭ 22 نەپەر ئۇيغۇرغا 5 يىدىن 16 يىلغىچە قاماق جازاسى بىرىشتىكى دەلىللىرى
قەشەر شەرلىك پارتىكۇم مۇئاۋىن سىكىرتارى،قەشەر شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن،خىتاي مەتبۇئاتىغا مۇنداق بايانات بەرگەن؛ “ يىقىنقى زاماندىن بىرى بەزى يەرلەردە ئاشقۇن دىنىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى كۈچىيىپ كەتكەن،ھەر خىل دىنىي ئەسەبىي پىكىرلەرنى تەشەببۇس قىلىش كوچا-يويلاردا يامراپ كەتكەن.بۇ ئوچۇق سوت، دىنىي ساھە ۋە تىرورىزىمغا قاخشاتقۇچ زەربە بولدى.شۇنداقلا بۇ سوت ئەڭ جانلىق قانۇن تەربىيە نەخ مەيدان يىغىنى بولدى” دىدى

خىتاي سوتى بۇ قىتىم،سوتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىدى

سوتلانغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھىچ بىرسى بىر يەرگە تاش ئىتىپ بىرەر دەرىزىنى چقامىغان،ئادەم ئۇرغان،ئادەم تىللىمىغان.پەقەت مسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىنى تەبلىگ قىلغان.خىتاي ھۈكۈمىتى قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۆز قانۇنىنى ئاياق-ئاستى قىلىپ گۇناسىز ئۇيغۇرلارنى توپ-توپ تۇتۇپ سوتلاپ تۇرمىلارغا تاشلىغانلىقى،ئۇيغۇر مىللىتىنى ئىسيانغا مەجبۇرلاشتىن باشقا ھەركەت ئەمەس

مەنبە

新疆喀什依法对22名涉暴恐犯罪分子一审公开宣判

Share
1565 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.