logo

trugen jacn

قەشقەردە 12-مارت كۈنى يۈز بەرگەن قىمارخانا ھۇجۇمى ساقچىلار ۋە دوختۇرلار تەرىپىدىن دەلىللەندى

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈچ كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر ئۇچۇردا قەشقەر شەھىرىنىڭ يابېشى ئاھالىلەر رايونىدا بىر قىمارخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدا 8 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 4 ھۇجۇمچىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى بايان قىلىنغان، ئەمما ۋەقە خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنماي كەلگەن ئىدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. قەشقەر شامالباغ ساقچىخانىسى ۋە قەشقەر 1-دوختۇرخانىنىڭ خادىملىرى ۋەقەنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، شۇ كۈنى 6 نەپەر پىدائىي يابېشى تەۋەلىكىدىكى بىر قىمارخانىغا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما قىمارخانا خادىملىرى ئىشىكنى تاقىۋېلىش ئارقىلىق ھۇجۇمچىلارنى ئىچىگە كىرگۈزمىگەن.

ھۇجۇمچىلار قىمارخانا ئالدىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن 8 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، ۋە ئۇلارغا تەۋە بىرقانچە موتسىكلىت ھەم ماشىنىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپىرىنى ئېتىپ تاشلىغان، ئىككى نەپىرىنى ئەسىرگە ئالغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-hujum-03162015151051.html

Share
1539 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.