logo

trugen jacn

قەشقەردە «يېشىل كارت» تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا

image (1)

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا مەيدانغا كەلگەن ھەر نارازىلىق ۋەقەسىنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىلگىرىلەپ چىڭىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرسا، مانا بۇ تەدبىرلەرمۇ يېڭى بىر توقۇنۇشنىڭ سەۋەبچىسى بولماقتا. دائىرىلەر يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبتىكى يېزا-بازارلاردا قامالنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى بىر يېزىدىن بىر يېزىغا، بىر شەھەردىن بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت سوراپ، يول خېتى ئېلىپ ماڭىدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ تۈزۈم ھېلىھەم داۋام قىلماقتا ئىكەن.

2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يەكەن ئېلىشقۇ بازىرىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋە ئارقىدىنلا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى جۈمە تاھىر پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مىسلىسىز كۈچەيتتى. بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى كىرىپ-چىقىش ئېغىزلىرى، پويىز-ئاپتوبۇس، ئاپتوموبىللار قاتتىق تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان، كوچىلاردا قوراللىق-قورالسىز چارلىغۇچى ساقچىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان. دائىرىلەر شۇندىن كېيىن يەنە، جەنۇبتىكى شەھەر، يېزا-بازارلاردا «قۇلاي كارت» ياكى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا «يېشىل كارت» دەپ ئاتىلىدىغان يول خېتى تۈزۈمىنى يولغا قويغان. تۈزۈمگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىملىتىپ، كىنىشكا ئېلىپ بېرىشى، بارغان يېرىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى بېكىتىلگەن ئىدى.

بىز تۈنۈگۈن قەشقەر شەھىرىگە تېلېفون قىلىپ، بىر مېھمانخانا باشقۇرغۇچىسى ئۇيغۇر خانىم بىلەن قىلغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا، بۇنداق تۈزۈملەرنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە قەشقەر شەھەر ئىچىگە باشقا بىر جايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.

بۇ ئۇيغۇر خانىمنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىلغان سۆزلىرى قەشقەردىكى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان بۇنداق مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. كىشىگە نەپەس ئالغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمەيدىغان بۇنداق تۈزۈملەر ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق تۈزۈملەردىن ھەر كۈنى بىر يېڭىسىنى تۈزۈپ چىقماقتا. يېقىندا، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۈرۈمچىدە سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، 2015-يىلىنى «قاتتىق زەربە بېرىش يىلى»، «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يىلى» ۋە «ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى بۇ يىلنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوخشاشلا بېسىم يىلى بولىدىغانلىقىنىڭ شەپىسىنى بەردى. ئۇ شۇنداقلا تېخى چاغان ئالدىدا مەخسۇس قەشقەر ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلىپ، قەشقەردە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئاشقۇنلۇقنى قەتئىي يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بولسا يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تۈزۈملىرىنى تەنقىد قىلغان ۋە خەلقئارا جامائەتنى مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە «ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى نىقاب قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك ۋە ئۇلارغا قاتتىق بېسىم قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى قىن-قىنىغا پاتمىغان ھالدا ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋام قىلىدۇ. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىر چەتكە تاشلىۋېتىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە كۆيۈۋاتقان قازانغا ماي قۇيغاندەك، زوراۋانلىقنى كۈشكۈرتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yol-xeti-03042015153026.html

Share
1391 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.