logo

trugen jacn

قەشقەردە قۇرۇلغان «باجسىز سودا رايونى» رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن

image

خىتاينىڭ قەشقەر شەھىرىدە قۇرغان «باجسىز سودا رايونى» يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن. كۆلىمى 3 يېرىم كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق مەزكۇر سودا رايونى، ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدا خىتاي دۆلەت كابىنېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر رايون 26 خىتاي شىركىتى بىلەن 400 مىليون سوملۇق مەبلەغ سېلىش توختامى تۈزگەن.

لېكىن يەرلىك ئۇيغۇرلار، باجسىز سودا رايونىنىڭ بەلگىلىمىسىدە خىتاي كۆچمەن تىجارەتچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىلىپ، يەرلىك تىجارەتچىلەرنىڭ سودا رۇخسىتى ئېلىشىغا توسقۇنلۇق بارلىقىنى بىلدۈردى. بىر ئۇيغۇر دۇكاندارنىڭ مۇخبىرىمىزغا شىكايەت قىلىشىچە، 3 يىل ئاۋۋال بۇ دۇكاندارنىڭ يېنىدىكى قوشنا دۇكاننى ئىجارە ئېلىپ ئاچقان بىر خىتاي كۆچمەن تىجارەتچى، مەزكۇر باجسىز رايوندا تىجارەت قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. بىراق بۇ يەرلىك ئۇيغۇر دۇكاندار تىجارەت رۇخسىتى ئالالمىغان.

تەنقىدچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر مەبلەغ، ئىجارە ھەققى، سۈپەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆلچەم قويۇپ، خىتاي تىجارەتچىلەرگە پايدىلىقى ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى ياراتقان. بۇ ئارقىلىق مەبلەغ كۈچى خىتاي تىجارەتچىلەر بىلەن رىقابەت قىلالمايدىغان يەرلىك تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدىنى توسقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەر باجسىز سودا رايونى قەشقەر خەلقئارا ئايرودرومى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا يېقىن بولۇشتەك قاتناشقا قۇلاي ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغاندىن سىرت، پىلاندىكى قەشقەر-پاكىستان، قەشقەر-قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qeshqer-soda-rayoni-04242015163924.html

Share
880 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.