logo

trugen jacn

قەشقەردە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كۆكتات پارنىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەن

1114466136_14250901498381n

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا يېزا سېكرىتارلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان جان بېقىپ كېلىۋاتقان تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە خالىغانچە ئېلىپ بېرىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلمەكتىكەن.

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئېرىق يېزا 12-كەنت 8-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر دېھقان ئېلى رەھىم دەل مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىرىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى رەھىم 1996-يىلى كەنت مەسئۇللىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆز مەھەللىسى تەۋەسىدە كۆكتات ئۆستۈرىدىغان پارنىك ياساپ ئىش باشلىغان. ئۇنىڭ جاپالىق ئەجرى نەتىجىسىدە كۆكتات پارنىكىدىن خېلى زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل بولغان. ئۇ، يېڭىئېرىق يېزىسى تەۋەسىدە تەشۋىق قىلىنىدىغان «دېھقانلار ئۈلگىسى» بولغان ۋە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان.

شۇ مەزگىللەردە ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق قورچاق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى شى داگاڭ قاتارلىقلار ئېلى رەھىمنىڭ پارنىكىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن.

ھالبۇكى، 2011-يىلىغا كەلگەندە، يېڭىئېرىق يېزىسىغا يۈ فامىلىلىك بىر خىتاي يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەن. ئۇ كېلىپ 3 ئاي بولغاندا ئۇيغۇر دېھقان ئېلى رەھىمنىڭ پارنىكلىرىغا كۆزى چۈشكەن. ئۇ، يۇقىرىدىن دېھقانلارنىڭ پارنىكلىرىنى يېڭىلاش ئۈچۈن چۈشۈرگەن مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېلى رەھىم قاتارلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۆكتات پارنىكلىرىنى قايتا رېمونت قىلدۇرغان. ئاندىن بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئېلى رەھىم قاتارلىق 12 ئائىلە ئۇيغۇر دېھقاننىڭ كۆكتات پارنىكلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر يۇرتلۇق خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئەر-ئايال ئىككەيلەنگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر يېزا باشلىقى، مۇئاۋىن سېكرېتار ۋە مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىرى، ھەتتا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمىمۇ يۈ فامىلىلىك يېزا سېكرېتارىنىڭ بۇ قىلمىشىغا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

پارنىكىدىن ئايرىلغان ئېلى رەھىم ئائىلىسىدىكى 8 جان كىشى يىللارچە دەۋا قىلىپمۇ ئەرزىنى ئاقتۇرالمىغان. ئىلگىرى يېزا بويىچە «نەمۇنىلىك دېھقانلار ئۈلگىسى» دەپ نام ئالغان ئېلى رەھىم ئائىلىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-dehqan-04212015145757.html

Share
1664 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.