logo

trugen jacn

قەشقەردە ئۆتكەن ھەپتە 60 قا يېقىن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكەن ھەپتە 60 قا يېقىن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ 9 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە ۋىلايەت بويىچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 9 نەپەر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 58 كىشىنى تۇتقۇن قىلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا تۇتقۇنلارنىڭ «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال ساقلىغان، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بۇ ئۇچۇردا تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە باشقا تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «8 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقى» چىقارغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان. قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈنۈگۈن چىقارغان «8 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقى» دا «قانۇنسىز دىنىي كىتاب» ياكى «ئەكسىلئىنقىلابىي كىتابلار» نى ئوقۇماسلىق، «3 قانۇنسىز» نى توسۇپ، تارقاتقۇچىلارنى دەرھال مەلۇم قىلىش، «قانۇنسىز تور بېكەتلىرى» گە، چەتئەللەردىكى تېررورلۇق تورلىرىغا كىرمەسلىك، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» ۋە «ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتلار» غا ياكى ھەرقانداق دىنىي مۇراسىملارغا قاتناشماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ دىنىي كىتاب، دىنىي بۇيۇملارنى ساقلىشىنى چەكلىگەن. نىشانلىق بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا يول قويۇلۇپ، ئۇلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قانىشىشى، مەسچىتكە بېرىشى، روزا تۇتۇشى، جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە باشقا ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قەشقەردە 58 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «8 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقى» نى تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ،» دېدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-tutqun-12082017164336.html

Share
1394 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.