logo

trugen jacn

قەشقەردىكى قەسىر مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبىمۇ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى دەلىللەندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ئايلاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر شەھىرىدىكى ئەزىز دىيار سودا سارىيى، ئەمىن سودا سارىيى ۋە ئىبنى سودا دوختۇرخانىسى قاتارلىق سودا-كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەردىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر تۈركۈم كارخانىچىلارنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشى داۋامىدا قەشقەردىكى قەسىر مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭمۇ «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، قەشقەردە تونۇلغان بايلاردىن بىرى، قەسىر مېھمانخانىسى ۋە قەسىر رېستورانىنىڭ ساھىبى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭمۇ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇچۇردا ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ قەشقەر 5-ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. قەشقەر شەھىرىدىكى ساقچى خادىملىرى قەسىر مېھمانخانىسىنىڭ دۆلەتباغ ساقچىخانىسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. دۆلەتباغ ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ قايسى «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلمىدى. ئەمما ئۇ ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىدە داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ ئائىلە ۋە تىجارەت ئەھۋالىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەلۇماتى بولغان بۇ خادىم، ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن مەزكۇر ساقچىخانىدىكىلەرنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ئوبۇلقاسىم ھاجىم بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى ھەج ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرگەن ئىكەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، ئۇنىڭ ھەج سەپىرى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، 6 قەۋەتلىك قەسىر مېھمانخانىسىنىڭ تۆۋەنكى 3 قەۋىتى رېستوران بولۇپ، 40 نەچچە كىشىنى ئىش بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ مېھمانخانا ۋە رېستوران ھازىر خوجايىنىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، رايوندىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك تىجارىتى ئاساسەن توختاپ قېلىش باسقۇچىدا ئىكەن

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yepiq-terbiyelesh-04302018144122.html

Share
1330 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.