logo

trugen jacn

قەشقەردىكى ئۇيغۇر تېببىي خادىم: :كۆچمەنلەر ئاچقان ساختا مېھمان كۈتۈش ئورۇنلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقاتماقتا

ee3a1cca-93ca-457d-9b96-624321d88447

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر قاتاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تېببىي تەتقىقاتچىلار ھەمدە بۇ ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەنلەردىكى سىرتقا چىقىپ باقمىغان، ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ باقمىغان ياكى زەھەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىغا يامرىغانلىقى مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىۋاتقان كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرى رايوندا ئەيدىزنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولماقتىكەن

60f6f92f-79c9-496a-8849-dbef42add65e

 

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق تۈزىگەن ئەيدىز توغرىسىدىكى جەدۋەل

 

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل كەسپىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىممۇ بۇ نۇقتىنى تەستىقلايدۇ: «ھازىر جەنۇبتا ‹ھورداقخانا›، ‹ھۆسن تۈزەش›، ‹ئۇۋىلاش› ياكى ‹پۇت يۇيۇش› دېگەندەك ناملاردا ئېچىلىۋاتقان قانۇنسىز تىجارەت ئورۇنلىرى ئەمەلىيەتتە ئىچكىرىدىن چىققان كۆچمەنلەر تەرىپىدىن بازارغا سېلىنىۋاتقان يوشۇرۇن ‹پاھىشىخانا› لاردۇر، خالاس. ئەيدىز ۋىرۇسى مانا مۇشۇ خىل قانۇنسىز تىجارەت ئورۇنلىرى ئارقىلىق خەلق ئارىسىغا، بولۇپمۇ دېھقان ياشلىرى ئارىسىغا يامرىماقتا.»

ئىلگىرى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇقىملىق» خىزمىتى بويىچە بىر يىلدىن ئارتۇق نەق مەيداندا تۇرغان، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىتمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىغا يامرىشى رايوندىكى ئاتالمىش «ھورداقخانا» ياكى «مېھمان كۈتۈش» لەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

d1db4fdd-29d4-489c-b1a2-82fa5db461f3

 

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق تۈزىگەن ئەيدىز توغرىسىدىكى جەدۋەل

 

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا، جۈملىدىن ئەيدىز ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان يەرلىك تېببىي خادىملار بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟

پەيزىۋات ناھىيە بازىرىدىكى مەلۇم بىر شەخسىي دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يېقىندىن بۇيان ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن قەرەللىك ھالدا ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆرسەتمىلەر چۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىزنىڭ بۇ دوختۇرخانا ئەمەلىيەتتە كىچىك تىپتىكى بىر شىپاخانا بولۇپ، پەقەت ئادەتتىكى زۇكام، ئانگېنا قاتارلىق كېسەللەرنىلا كۆرەلەيمىز. ئەيدىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىمىز، بىزنىڭ بۇ دوختۇرخانىدا ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار كۆرۈلمىدى. ئەمما پۈتۈن پەيزىۋات ناھىيەسى بويىچە 96 نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.»

ئارقىدىن بىز قەشقەردىكى مەلۇم بىر شەخسىي دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇدىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تېخى يېقىندىلا ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئاچقان تەشۋىقات يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلدىم. ھازىر ئەيدىزگە دائىر تەشۋىقاتلار ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى بىلىملەر دائىم تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. راستىنى ئېيتقاندا ناھىيەمىزدە بىرقانچە شەخسىي خوجايىنلار ئاچقان ‹مېھمان كۈتۈش› ياكى ‹ياتاقخانا› لار بىر ئاپەت بولدى. ئانچە-مۇنچە پۇل تاپقان نادان ياشلار، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان كادىرلار ياكى كۈندىلىك مەدىكار ئىشلەپ چاي پۇلى تاپقان بالىلار ئەنە ئاشۇ ‹مېھمانخانا› لارنى چۆرگىلەپ ئۆزلىرىگە ساقايماس كېسەلنى يۇقتۇرماقتا. بىزنىڭ بۇ شىپاخانىغا كۆرۈنگىلى كەلگەن ياشلارغا خۇددى ئۆز بالىمىزغا نەسىھەت قىلغاندەك سۆزلەپ تۇرىمىز، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن. بۇنداق ‹مېھمانخانا› ياكى ‹ياتاقخانا› لارنى ئاچقان خوجايىنلارمۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان قىزلارمۇ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكىرىدىن كەلگەنلەردۇر

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-12022015141313.html

Share
1091 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.