logo

trugen jacn

قەشقەر، خوتەنلەردىكى مېھمانخانىلاردا دىنىي پائالىيەت ۋە رامىزاندىكى چەكلىمىلەر

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇشى ئېغىر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا دائىرىلەرنىڭ بۇ يىللىق رامىزانغا قارىتا يەنە قانداق چەكلىمە-بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. رادىيومىز قەشقەر، خوتەنلەردىكى مېھمانخانىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ھەرقايسى مېھمانخانىلارغا رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەر ھەققىدە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكى ۋە مېھمانخانىلاردا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك خېرىدارلارغا قارىتا بىر قاتار پەرقلىق بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

2017-يىللىق رامىزان 26-ماي يەنى جۈمە كۈنى باشلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار رامىزانلىق پائالىيەتلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ يەنىلا ھەر خىل چەكلىمە-بەلگىلىمىلەر ۋە قاتتىق تەقىب ئىچىدە باشلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

قەشقەردىكى مەلۇم مېھمانخانىنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى دائىرىلىرى رامىزان ھارپىسىدا قەشقەردىكى مېھمانخانىلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە قەشقەردىكى مېھمانسارايلارنىڭ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماق ۋاقتىنى بېكىتكەن، شۇنداقلا مېھمانخانىغا كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەكلىمىلەر قويۇلغان.

مېھمانخانا خادىمى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، مەزكۇر مېھمانخانىدا روزا مەزگىلىدىكى زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق تاماق يوقلۇقىنى،ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىنىڭ تۆت پەسىلدە ئوخشاشلا ئەتىگەن سائەت 6:30 دىن 8:30 غىچە دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر مېھمانخانا خادىمىدىن، مېھمانخانىدىن ياتاق ئالغان خېرىدارلارنىڭ ناماز ئوقۇسا بولىدىغان ‏-بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتىكى قائىدە، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەزكۇر مېھمانخانىدا ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، جۈمە نامىزىنى ئوقۇماقچى بولغانلار بولسا، مېھمانخانىغا يېقىن جايدىكى مەسچىتكە بارسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خوتەندىكى مېھمانخانىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، مېھمانخانا خادىملىرى ساياھەت ئۈچۈن خوتەنگە كەلگەن چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ، مۇسۇلمانچە كىيىنىشى ۋە ياتاق ئۆيلىرىدىكى ناماز ئوقۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، ئەمما مېھمانخانىنىڭ چوڭ زالىدا ناماز ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر مېھمانخانىدا رامىزان مەزگىلىدىكى زوھۇرلۇق، ئىفتارلىق تاماقلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارقاتقان بىر ئۇچۇردىن يەنە، بۇ يىل رامىزان كىرىشىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، خوتەندە «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان 22 نەپەر ئۇيغۇر ئىچىدە كىشىلەرنى روزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولدى.

خوتەندە تۇتقۇن قىلىنغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ 26-ماي جۈمە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيىسى ۋە خوتەن-قەشقەر تاشيولىنىڭ خوتەندىن چىقىش ئېغىزى قاتارلىق جايلاردا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ھەممىسىلا دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قاراقاش ناھىيىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى كىشى كىشىلەرنى رامىزان تۇتۇشقا ئاشكارا ئۈندىگەنلىكى ئۈچۈن، خوتەن-قەشقەر تاشيولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا تۇتقۇن قىلىنغان 14 كىشى «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى ساقلىغان» دېگەن باھانىدە، خوتەن ئايرودرومىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 7 كىشى «تارقاق ھەجگە ماڭغان» دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئايرودرومدا تۇتقۇن قىلىنغان 7 كىشىنىڭ ھەممىسى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغان كىشىلەر ئىكەن.

خوتەندىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، رامىزان ھارپىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان 22 ئۇيغۇر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى ساقچىلار ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ھەر خىل باھانىلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىب ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتىپ، دىنىي چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلار باستۇرۇلۇۋاتقان بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ دۇنيانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرىنىمۇ «مۇقىملىقنى ساقلاش»، «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» دېگەن قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىل رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىگە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققەت قىلىشى، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى باستۇرۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ئۈندىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-ramizan-05292017140105.html

Share
1281 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.