logo

trugen jacn
20 ئىيۇن 2014

قەدىمىي مۇمىيادىن بايقالغان 4 مىڭ يىللىق ئىرىمچىك دىققەت قوزغىماقت

image

 قۇتلان

كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن بايقالغان 4 مىڭ يىللىق مۇمىيادىكى نائېنىق ماددىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك ئىكەنلىكى يېقىندا گېرمانىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن.

بۇ بايقاش گېرمانىيەنىڭ دىرېسدېن شەھىرىگە جايلاشقان ماكس-پلانىك ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى ۋە گېنېتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن بۇ يىل مارتتا ئىلىم ساھەسىگە ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تارىخى، بولۇپمۇ پىشلاق ۋە ئىرىمچىك ياساش تېخنىكىسىنىڭ تارىخى يەنىمۇ ئالدىغا سۈرۈلگەن.

ئىلگىرى پىشلاق ياكى ئىرىمچىك تۈرىدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىنىپ كەلگەن. ھالبۇكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن قېزىۋېلىنغان 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قۇرۇغان جەسەتلەر بىلەن بىللە ئىرىمچىكنىڭ بايقىلىشى ئىنسانىيەت يېمەكلىك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلارغا سوئال قويماقتا.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن بايقالغان بۇ ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك قانداق جەريانلار بىلەن ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى؟

گېرمانىيە گۆتتىنگەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى چەككەن بۇ ئىرىمچىكنىڭ كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن بايقالغان كىچىك دەريا قەدىمىي قەبرىستانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن جەنۇبقا بۆلۈنۈپ ئاققان كىچىك دەريا بويىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق تۇنجى قېتىم 1934-يىلى بايقالغان. بۇنى لوپنۇرلۇق يول باشلىغۇچى ئۆردەكنىڭ مەلۇماتى بويىچە شىۋېت ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىدىن سۋېن ھېدىن ۋە بېرگمان قاتارلىقلار تاپقان. 2002-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بېرگماننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خاتىرىسىگە ئاساسەن كىچىك دەريا قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قېزىشقا باشلىغان. نەتىجىدە 2004-يىلىغا بارغاندا مەزكۇر قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان مۇكەممەل شەكىلدە ساقلانغان بىر ئايالنىڭ قۇرىغان جەسىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى چەككەن. 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ گۈزەل ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتى تارىم ئارخېئولوگىيەسىدىكى زور بايقاش ھېسابلانغان.

تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، دوكتور ئابلەت سەمەت كىچىك دەريا قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە گۈزەل ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىكنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ «كىچىك دەريا گۈزىلى» دەپ ئاتالغان بۇ قەدىمىي جەسەتنىڭ بوينىدىكى بىزەكنىڭ ئىچىدە ساقلانغان ئىرىمچىكنىڭ گېرمانىيە ماكس-پلانىك ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى ۋە گېنىتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئارقا-ئارقىدىن بايقالغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىرىمچىك ۋە ئەڭ قەدىمىي ئىشتاننىڭ يىراق تارىختا تارىم ئويمانلىقىدا يۇقىرى دەرىجىدە گۈللەنگەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابلەت سەمەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىرىمچىكنىڭ ئىنسانىيەت يېمەك-ئىچمەك تارىخىدا ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي سۈت مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا تارىملىقلارنىڭ تۇتقان مۇھىم ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/mumiya-tarix-06192014134934.html

Share
2040 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.