logo

trugen jacn

قەدىمكى تارىملىقلار كالىنىڭ يۈرىكىدىن گىرىم بۇيۇمى ياساپ ئىشلەتكەن

mqdefault

يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىچىك مىرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەجدادلىرىغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن ئىككى قىزىل «گىرىم تاياقچىسى» بايقىغان.

ئارخېئولوگلار تاياقچىلارنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كالا يۈرىكىدىن ياسالغان ئەڭلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن 3600 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.

بۇ ئۇيغۇر رايونىدا تۇنجى قېتىم ھايۋان ئىچكى ئورگانلىرىدىن ياسالغان بۇ خىل گىرىم بۇيۇمىنىڭ تېپىلىشىدۇر.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ئارخېئولوگ ياڭ يىمىن، ئۇ بۇيۇمنىڭ باشقا نەرسىلەرنى بوياشقا ئىشلىتىلگەنلىكى ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ: «قەبرىدىن تېپىلغان ئايال قۇرۇق جەسەتنىڭ يۈزىدىكى قىزىل بوياق بىزدە ئۇ تاياقچىلار ئەڭلىك، دېگەن قاراشنى پەيدا قىلدى» دېگەن.

بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى «ئىلىم -پەن خەۋەرلەر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئەڭلىك بۇنىڭدىن 3600 بۇرۇن دەپن قىلىنغان ئايال جەسەتنىڭ يېنىدىكى خۇرۇم سومكىدىن بايقالغان.

ئۇ ئايال جەسەت قولۋاق شەكىللىك تاۋۇتقا سېلىنىپ، ئەڭلىك، ياغاچ تاغاق قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن قوشۇپ دەپن قىلىنغان.

ئارخېئولوگلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر بۇيۇملار بۇنىڭدىن 4000 يىل ئاۋۋالقى كىچىك مىرەن خەلقنىڭ تۇرمۇشى، گۈزەللىك قارىشى، دىنىي ئېتىقادى، ھۈنەر-سەنئىتى، گىرىمچىلىك تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qedimki-tarim-02102016164651.html

Share
1602 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.