logo

trugen jacn

قۇمۇل كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى

timthumb

2 – نويابىر كۈنى قۇمۇلدىكى سەنداۋلىڭ كۆمۈر كېنى يەنى يەرلىكلەر تارانچى كۆمۈر كېنى دەپ ئاتايدىغان كۆمۈر كان ئىشچىلىرىدىن 7 – 8 مىڭ نەپەر ئىشچى، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2 – نويابىردىكى نامايىشنى ھۆكۈمەت ساقچىلارنى ئەۋەتىپ تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، كۆمۈر كان شىركەت دائىرىلىرى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە جىددىي يىغىن ئاچقان. ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى 3 – نويابىر سەيشەنبە كۈنىمۇ داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان 100 نەچچە ئىشچى بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

كان رايونىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 90 – يىللاردىن كېيىن كان ئىشچىلىرىنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلمىگەن. مال باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن شارائىتتا ئىشچىلار 1000 سومدىن 2000 سومغا قەدەر بولغان مائاشقا تايىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش ۋە داۋالىنىشتا قىينالغان. بۇنداق ئەھۋالدا كان دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىشچىلارنىڭ يىللىق مۇكاپاتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى ئىشچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، 7000 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا سەۋەب بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەنداۋلىڭ كۆمۈر كېنى دەپ نام بېرىلگەن بۇ كۆمۈر كان، قۇمۇل ۋاڭلىرىدىن شا مەخسۇت دەۋرىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ كۆمۈر كاننى«تارانچى كۆمۈر كېنى» دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – 60 – يىللىرى بۇ كاندا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار ئارىسىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما 90 – يىللاردىن كېيىن كانغا ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئىشقا ئېلىنىپ، نۆۋەتتە بۇ كۆمۈركان قۇمۇلدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى توپلاشقان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qumul-komur-kan-11032015225314.html

Share
1409 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.