logo

trugen jacn

قۇمۇلنىڭ يېڭى-كونا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى «شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر قۇمۇلدا كۈچلۈك شامال، كۈچلۈك ئاپتاپ ۋە كۆمۈر توختىماستىن ئېلېكتىر كۈچىگە ئايلانماقتا. قۇمۇل-جېڭجۇ 800 كىلوۋولتلىق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىزچىل شەرققە يەتكۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا خېنەننىڭ جېڭجۇنى مەركەز قىلىپ ئوتتۇرا جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگودىكى ئون مىڭلىغان ئۆيلەرنىڭ چىرىقىنى يورۇتتى. بۇ يىل قۇمۇلنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى شىنجاڭنىڭ سىرتقى يەتكۈزگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %85 ىنى ئىگىلەپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى باشلامچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇمۇل شەھىرى يەنە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال ياخشىلاپ، ئەنئەنىۋى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئاساسىدا، يەنە شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، «يېڭى-كونا ئېنېرگىيە»لەر بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

مەنبە: خەلق تورى

Share
1615 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.