logo

trugen jacn

قۇمۇلدا زاپىسى يۈز مىليارد توننىغا يېتىدىغان كۆمۈرلۈك تېپىلدى

3371845916kmrmadeni

قۇمۇلدا يۈز مىليارد توننىدىن ئارتۇق  كۆمۈر  زاپىسى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

    ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كانلىرى گېئولوگىيە ئىدارىسى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا زاپىسى 116 مىليارد توننىغا يېتىدىغان كۆمۈرلۈك تاپتى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلىۋاتقان «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش» ۋە يېڭى سانائەتلىشىش ئىستىراتېگىيەسى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ قۇمۇلدىكى كۆمۈر كان رايونىنىڭ جەنۇبىدا قېدرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا 115مىليارد 800 مىليون توننا  كۆمۈرزاپىسى تېپىلغان.
قۇمۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەش چوڭ كۆمۈر كان بازىلىرىدىن بىرى بولۇپ، كۆمۈر زاپىسى 5 تىرىلىيون 700 مىليارد توننا ئەتراپىدا ئىكەن، يېقىندىن بۇيان، قۇمۇلنىڭ كۆمۈر زاپىسى ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئۈستۈن ئەۋزەلىككە ئىگە بولۇشى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن شىركەت ۋە گۇرۇھلارنىڭ بۇ رايونغا زور مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1621 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.