logo

trugen jacn

قۇربانلىققا يارالغانمىدىڭ، ئاچا

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

قۇربانلىققا يارالغانمىدىڭ، ئاچا

 

ئاچا، بۈگۈن خىتاي ئۇيغۇرلارنى يىغىۋالغان جازا لاگىرلىرى ھەققىدە يېزىپ ئولتۇرۇپ شۇنداق ئېزىلدىم. خۇددى سەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندەك- بىرىگە يىلىنىۋاتقاندەك، يالۋۇرىۋاتقاندەك، يىغلاۋاتقاندەك. بىلىمەن، بۇ ھەقتە بىر ئەمەس مىڭ پارچە دوكىلات يازساممۇ سېنىڭ بىر كۈنلۈك ئازابىڭغا، بىر تامچە كۆز يېشىڭغا دال بولالمايدۇ. بۇ يارىماس باماقلىرىم بىلەن مىليۇن خەت باسساممۇ ھېچكىم سېنىڭ ۋاقىتسىز ئاقارغان، يۇيۇقسىز پاخپايغان چېچىڭنى تارىيالمايدۇ
ئۈچ كۈن بولدى، دوكىلات يازىمەن دەپ توپلىغان سان سىپىر ۋە پاكىتلارغا قارىساملا سېنى كۆرىمەن. زۇلۇم تەسۋىرلەنگەن ھەر تاۋۇشتىن، ھەر بىر ھەرىپتىن سېنىڭ مەسۇم چىرايىڭ، كۆزەينەكنىڭ كەينىدىكى ياشاڭغۇراپ تۇرغان كۆزلىرىڭنى كۆرىمەن ئاچا. يېزىشىم كېرەك ئىدى، قانچە بۇرۇن پۈتكۈزسەم ساڭا يۈز كەلگىدەك بىر ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم، ئەمما ئاران تەستە توپلىغان، بىر يىل بۇرۇنقى پاكىتلارغا قاراپ بۈگۈنكى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان ۋەزىيەتتە خاراپ ھالىڭ، كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان كېسەللىرىڭ ئېسىمگە كېلىپ داۋام قىلالمايۋاتىمەن

ئويلاپ باقسام ئۆمرۈڭ قۇربانلىق ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. باشلانغۇچنى مېنى باقىمەن دەپ سىنىپتا ئەمەس، سىنىپنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدە، بىر قولۇڭدا مېنى بىر قولۇڭدا كىتاپنى تۇتۇپ ئوقۇپ ئۆتكۈزۈپسەن. ئەقلىڭنى بىلىپ يىگەنلىرىڭ مەن ۋە سىڭلىم يەپ بولالمىغان، يىگىلى ئۇنىمىغان يىمەكلەر، كىيگەنلىرىڭ ئىككى ئاكامدىن ئاشقان كىيملەر بوپتۇ. سەن «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان بىر يىلى مۇكاپات سەھنىسىگە ئاكامنىڭ چوڭ كېلىپ قالغان چاپىنىنى كېيىپ چىققان ئىدىڭ. رىياسەتچى ئىسمىڭنى ئۈچ قېتىم چاقىرغاندا بېشىڭنىمۇ كۆتۈرمەي ئاران سەھنىگە چىقىپ چاپاننىڭ ئۇزۇن كېلىپ قالغان يەڭلىرىنى تولا تۈرۈپ مۇكاپات ئالغاندەك ئەمەس، سازايى قىلىنغاندەك كەيپىياتتا سەھنىدىن چۈشكەن ئىدىڭ
قىزلارنىڭ بويى ئۆسۈپ بولغىچە سۆز-چۆچەكلەر باراقسان كۆكلەپ بولىدىغان مەھەللىمىزدە ئاكىلىرىم ساڭا بەك ئىگە بولاتتى. مەكتەپكە قاچان مېڭىپ قاچان قايتىشىڭ ئىككى ئاكامنىڭ نازارىتىدە ئىدى. قىزلار 15 ياشقىچە كىرىپ بولغىچە ئايال ئاتىلىپ بولىدىغان ئۇ يۇرتتا سەندەك بويى لوڭڭىدە ئۆسۈپ رەڭ تۈزگەن قىزلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. ئاكىلىرىمنىڭ گەپكە قېلىشتىن قورقۇپ ساڭا ھەر زامان قاراۋۇللۇق قىلىشلىرى سېنى باشقا قىزلاردىن ئايرىپ دوستسىز يالغۇز قويدى، قىزلار دۇنياسنىڭ رەڭدارلىقىدىن مەھرۇم قالدۇردى. قىز چاغلىىرىڭ، گۈل پەسلىڭ تۆت ئوغۇلنىڭ كىرىنى يۇيۇپ، تامىقىنى ئېتىپ ئۆتۈپ كەتتى

ئاتا-ئانامنىڭ قۇراشتۇرىشى بىلەن ئۆي ئوچاقلىق بولدۇڭ، چاڭگا تىزغاندەك ئاۋايلاپ ياسىغان ئۇۋاڭ ئەمدى ئىسسىغاندا يولدىشىڭ قازاغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۆلۈپ كەتمىدى ناھىيىلىك پاتىكومنىڭ ماشىنىسىدا يەنچىپ ئۆلتۈرۈلدى. رەھمەتلىك دادام ئۈرۈمچىگە 13 قېتىم چىقىپمۇ ئەرىزنى ئاقتۇرالمدى. فۇ چېڭگاڭ ئىسىملىك قاتىل خىتاي ھېلىمۇ شۇ يۇرتىمىزدا ياشاۋاتىدۇ. شۇ قاتىلنى قوغدىغان پارتىكوم ھازىرمۇ سەندەك مىڭلىغان بىگۇناھ مەسۇملارنىڭ يۈرىگىنى مۇجۇپ غۇرۇرىنى يەنچىۋاتىدۇ

يولدۇشىڭ تۈگەپ كەتكەندە ئىككى بالاڭ بىلەن قالدىڭ، كىچىكى تۆت ئايلىق، چوڭى ئالتە ياشتا ئىدى. سەن ئوتتۇزغىمۇ كىرمىگەن جۇۋان ئىدىڭ، بالام دېگەندە تىلىڭدىن تامغان مىھىرنى، ئانام-دادام دېگەندە قەلبىڭدە يانغان مۇھەببەتنى باغرىڭغا بېسىپ يىگىرمە يىلنى تۇل ئۆتكۈزدۈڭ. ئاخىرى ئانامنىڭ ئارزۇسىنى دەپ مەندەك بارسا كەلمەس يولنى تاللىغان ۋاپاسىز ئىنىڭنى كۆرمەك ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدىڭ. تەلەيلىك ئانام بۇ ئېغىر كۈنلەر كېلىپ بولغىچە ئاللاھنىڭ رەخمىتىگە كەتتى، ئەمما سەن ماڭا قۇربانلىق بولدۇڭ، بارچە بالاغا سەن قالدىڭ. مېنىڭ ئاچام بولغان گۇناھىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ قانخور تىرناقلىرى، يىرىڭ ئالقانلىرىغا مەھكۇم بولدۇڭ.

كىچىكىمدە قوي باققىلى چىقساق ساڭا قويلارنى قويۇپ قاچاتتىم. ئوت ئالغىلى چىقساق سېۋىتىڭدىكى چۆپلەرنى تارتىۋېلىپ ئويۇنغا قاچاتتىم. تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتساڭ چېچىڭغا سەرەڭگە يېقىپ تۇتۇق بەرمەيتتىم. بۇ ئۆمرۈمدە سەندىن قېچىپتىمەن، بالا قازانى تېرىپ قويۇپ ساڭا تاشلاپ قېچىپلا يۈرۈپتىمەن. ياشانغان ئاتا-ئانامنى ساڭا تاشلاپ ئوقۇشقا قېچىپتىمەن. ئىككى بالىنىڭ غېمىگە سېنى يالغۇز قويۇپ چەتئەلگە قېچىپتىمەن. ئۆزۈم كۆتۈرەلمەيدىغان مەسئۇلىيەتكە، قەلبىم تەلپۈنگەن خىيالغا، بوۋىلىرىمىزنىڭ كۆزى تېشىلگەن مەنزىلگە يېتىمەن دەپ سېنى يالماۋۇزغا تاشلاپ قېچىپتىمەن.

قولۇمدىكى دوكىلاتنى يېزىپ بولسام نېمە بولىدۇ؟ ماڭا زۇلۇمغا قارشى داۋا بولىدۇ، بەلكىم ساڭا تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم بولىدۇ. يازمىسامچۇ، يازمىساممۇ خىتاي سېنى قويۇپ بەرمەيدۇ، ئەمما مۇشۇنچىلىك بىر ئىشنىمۇ قىلمىسام مەن ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقىڭغا ئۇۋال بولىدۇ، كۆرىدىغان كۈنلەر تېخىمۇ قارا، تېخىمۇ زاۋال بولىدۇ.

2018-يىلى 6-مارت، ئەنقەرە

Share
2163 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.