logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر -1

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر

bismillah
مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋاز بەرگۈچى: پەرىزات غەيرەت

ئىزھات: بۇ ئەسەر 2014.يىلى يېزىغان بولۇپ، جەمئى 16 باپ

1.كىرىش سۆز
2.ئسلامنىڭ بىرىنچى شەرتى ئوقۇشتۇر
3.قۇرئان ۋە ئەقىل
4.قۇرئان – ئەركىنلىكنىڭ مەشئىلىدۇر
5.ئاللانىڭ دۈشمىنى زۇلۇمدۇر
6.ئىسلام پەيغەمبىرى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى
7.قۇرئان ۋە قۇتۇلۇش
8.ئاللانىڭ روھى ۋە ئىنساننىڭ روھى
9.ئىسلام دىنى- ساداقەت دىنىدۇر
10.قۇرئان ۋە يېڭىلىق
11.ئىسلام ۋە ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى
12.قۇرئاننىڭ تۈپ پەلسەپىسى ئىنسانغا خىزمەت قىلىشتۇر
13.قۇرئاندا؛ھالال، مېھنەت ۋە بايلىق
14.ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن ساھابىلاردا ئىسىم، كىيىم -كىچەك ۋە بىز
15.قۇرئان ۋە رەسۇلىللانىڭ مۇناپىقلارغا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى
16.قۇرئاندا ئاياللارنىڭ ھۇقۇقى

كىرىش سۆز -1

ئۇيغۇرلار تارىختا ئەڭ كۆپ خىل دىنلارغا ئىتىقاد قىلغان خەلق. بەزى غەرب تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تۇراقسىزلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇ كۆزقاراش توغرا ئەمەس.ئۇيغۇرلار تارىختا،دىن ،ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تىزگىنلەيدىغان يۈگەن بولۇپ قالغاندا كونا ۋە ئاددى دىنلارنى تاشلاپ يىڭى ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىغا ئىشەنگەن دىننى تەرەددۇتسىز قوبۇل قىلدى.ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىلىق ئىزدەش تارىخى توغرا دىنى تاپقۇچە داۋام قىلدى.مىلادى 932.يىلى (يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن 333 يىل كىيىن) ئۇيغۇرلار سۇلتان سۇتۇقبۇغراخاننىڭ يېتەكچىلىگىدە ئىسلام دىنىنى مىللەت سۈپىتىدە كوللېكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىگىدىن قوبۇل قىدى.شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت دىنى بولدى.بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىدا ئۇيغۇرلار باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى.بۇ سەۋەپتىن قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇرلار باشچىلىغىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ پارلاق تارىخى دەۋرىدۇر.

تارىختا قاراخانىيلار،تۆمۈرلەر،ئالتۇن ئوردۇ خانلىقى ئورتا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغىچە سەلتەنەت قۇرغان بولسا،بۇ قۇرانى-كەرىمدىن ئالغان ئىنىرگىيەنىڭ كۈچى ئىدى.ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئاسىيا،ياۋرۇپا،ئافرىقىدىن ئىبارەت 3 قىتئەدىكى 24 مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىندا 624 يىل ئىسلام خەلىپىلىكى بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرغان بولسا،بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى يەنىلا قۇرئانى-كەرىم ئىدى.

بۇ مۇۋاپپىقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت توغرا دىنى تەرەددۇتسىز ۋە ئۆزلىگىدىن تاللاپ قوبۇل قىلىشى بىلەنلا قالماي،مۇبارەك قۇرئانى-كەرىم بىلەن قېرىنداشلىرى بولغان بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى شەرەپلەندۈرگەنلىگىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

بۇ سەلتەنەتلىك تارىخلار ئۇزاقتا قالدى.قۇرئانى-كەرىممۇ ئۇزۇن بىر دەۋر بىز ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالدى.بىز ئۇيغۇرلارغا ھاياتى كۇچ بېغىشلىغان ئىسلام دىنىدىن بۈگۈنگىچە بىزگە يۇقالماي مىراس بولۇپ كەلگىنى جايناماز،سەللە،يەكتەك،تەسۋىي… قاتارلىقلاردۇر.قۇرئان بولسا مازايى-ماشايىقتا،نەزىرە-چىراغلاردا ئوقۇيدىغان ۋە ئۆيلىرىمىزنىڭ تەكچىلىرىدە ياكى ئىشكاپنىڭ ئۈستىدە “بىزنى جىن-شەيتاندىن قورۇيدىغان سېھىرلىك كىتاپ” ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلدى.

مەن يېقىندا ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن،ئايەت ئوقۇيدىغان ئويۇنچۇق قورچاقلارنى كۆردۈم.(مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە سېتىش ئۈچۈن ياسالغانلىقى ئېنىق)قۇچاقنىڭ بىر يېرىنى باسسا فاتىھە سۈرىسىنى،بىر يېرىنى باسسا كەۋسەر سۈرىسىنى ئوقۇيدىكەن.باشقا بىر يىرىنى باسسا يەنە باشقا ئايەتنى ئوقۇشقا باشلايدىكەن.قۇچاققا قاراپ يىزامدىكى ۋە ئەتراپىمدىكى مەن تونۇيدىغان بىرمۇنچە مۆمىن ئۇيغۇرلار كۆز ئالدىمغا كەلدى.قۇچاق ئايەت ئوقۇيدۇ،ئامما نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەيدۇ.مەن تونۇيدىغان بىر مۇنچە ئۇيغۇرلارمۇ كۈندە 5 ۋاخ ناماز ئوقۇيدۇ،ئامما نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەيدۇ ،ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن بىخەۋەر.بەلكى يېقىندا ئەزان ئوقۇپ، تەكبىر ئېيتىپ ناماز قىلالايدىغان،رۇكۇ،سەجدىدىنىمۇ ئىنساندەك قىلالايدىغان قوچاقلار بازارغا چىقىشى مۇمكىن.ئويلاپ قالىمەن؛بىر قوچاق بىلەن بىر مۇسۇلماننىڭ پەرقى نېمە؟“ئەي،مۆمىنلەر!سىلەر مەس بولساڭلار،نېمە دەۋاتقانلىغىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە،جۇنۇپ بولساڭلار – يول ئۈستىدىكىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا-غۇسۇلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار” ( نىسا سۈرىسى 43.ئايەت) ئاللانىڭ ئېنىق ئايىتى بار.؛ نېمە دەۋاتقانلىرىنى بىلمىگەن ئادەم ئۈچۈن ناماز جايىز ئەمەس.مەسچىتتە نامازغا تۇرغان نېمە دەۋاتقانلىرىنى بىلمىگۈچىلىك دەرىجىدىكى مەست بىر ئەرەب بىلەن ساق،ئامما نېمە دەۋاتقانلىرىنى بىلمەي ناماز قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ نېمە پەرقى بار؟

تارىختا نۇرغۇن دىنى ئۈلۈمالىرىمىز “قۇرئاننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش گۇناھ” دەپ پەتىۋا چىقىرىپ،تەرجىمە قىلغۇچى دىنى ئالىملىرىمىزنىڭ يولىنى توسۇپ كەلدى.سەۋەبى ئېنىق ئىدى؛ قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتسە ئۇلارنىڭ جان بېقىش يولى كېسىلەتتى.يۇرتىمىزدا خۇددى خرىستىيان دىندىكىگە ئوخشاش دىننى كونترول قىلىدىغان بىر ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى ئەۋلاتتىن ئەۋلاد بىر قانچە ئەسىر دەۋر سۈرۈپ كەلدى.دىن ئاللانىڭ كونتىروللىغىدىدۇر.ئامما بۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەر دىنى كونتىروللىغى ئاستىدا تۇتۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنى پادىغا ئايلاندۇرۇش يولىنى تۇتتى.پادىغا ئايلاندۇرۇلغان خەلق بۇگۈنمۇ ياشاۋاتىدۇ.ئامما ئۇ “پادىچىلار”نىڭ بۈگۈن قەبرىسى ۋەياكى نامى نىشانى قالدىمۇ؟ چۈنكى “ توغرا يولنى يۇشۇرغانلارغا ئاللا لەنەت قىلىدۇ” (بەقەر سۈرىسى 159.ئايەت) ئاللانىڭ ئاگاھلاندۇرىشىدىن ئۆز نەپسى،ئۆز ئابرۇيىنى ئۈستۈن كۆرگۈچىلەر تارىخ سەھنىسىدىن ئەنە شۇنداق سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

بىرمۇ خرىستىيان مۇرىتى بولمىغان يۇرتىمىزدا ئىنجىلنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1910.يىلى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى.قۇرائانى كەرىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇھتەرەم ئالىمىمىز مۇھەممەت سالىھنىڭ ئەمگىكى بىلەن 1986.يىلى 11.ئايدا بېيجىڭدا نەشىر قىلىندى.

مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى قۇرئان نازىل بولۇپ 1376 يىل،ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇپ 1054 يىل ئۆتكەندىن كىيىن قۇرئاننى ئۆز تىلى بىلەن ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتى. ھەممىدىن ئىنجىلنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقىلىپ 76 يىل ئۆتكەندىن كىيىن قۇرئانى كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى بىزنى خىجىللىق ئىچىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

ئەپسۇسكى،قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئۇيغۇر تىلىدا چۈشىنىشلىك ھالدا نەشىردىن چىققاندا بولسا،قۇرئاننى كونىلىق ۋە قالاقلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغان،قۇرئاندىن نەپرەت قىلىدىغان كۈرمىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە ساۋاتلىق كىشىلەر يېتىشتۈرۈلۈپ بولۇنغان ئىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30.يىللاردا رۇسلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن “ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەدرىسىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش” شۇارى ئاستىدا شىڭشىسەينىڭ تەشەببۇسى بىلەن يۇرتىمىزدا ئېچىلغان پەننىي مەكتەپلەر ياشلىرىمىزنى ماگىنىتتەك جەلىپ قىلدى.كېيىن كوممونىستىك تۈزۈم كەلدى.پەننى مەكتەپلەر ئومۇملاشتى.پەننى مەكتەپلەر، كونا خۇراپاتلىق خارابىسى ئاستىدىن قۇتۇلۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان،بىلىملىك ۋە جانلىق،مىللىي كىملىكىنى تونۇيدىغان ئەۋلادلارنىڭ يېتىلىشىدە دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغان بولسىمۇ،ئۇلار ئىسلام دىنىدىن ئۇزاق،ھەتتا ئىسلام دىنىغا دۈشمەن قىلىپ يېتىشتۈرۈلدى.
ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ زور پاجىئە شۇكى؛مۇسۇلمان بۇ خەلقنىڭ دىنى ئىنكار قىلغۇچى بىر تۈزۈم ئاستىدا ئۇزۇن يىللار ياشاشقا مەجبۇر قىلغانلىقىدۇر.ئۇيغۇرلارنى دىندىن ئايرىش،ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى قاننى شپىرىس بىلەن سۈمۈرۈپ ئېلىش بىلەن ئوخشاش ئىش ئىدى.

ئۇيغۇر خەلقى 21.ئەسىردىمۇ يەنە ناھايىتى ئاجىز قېلىۋاتقان بولسا،بۇنىڭ سەۋەبى تومۇردىن بەك كۆپ قاننىڭ سۈمۈرىۋەلىنغانلىغىدىندۇر.

تەقۋادار ئۇيغۇر خەلقى، دىن دەپ مەھكەم يېپىشقان خۇراپاتلىقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بىلىم بىلەن قوراللانغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىككى ئەۋلاد زىيالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.چۈنكى،خەلق دىندار،زىيالىيلار دىنسىز ئىدى.دىندارلار يەزا-قىشلاقلاردا ئاچ-يوقسۇل،ئاجىز ۋە بىچارە ھالەتتە ياشىسا،ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى شەھەرلەردە بىر قەدەر باياشات تۇرمۇشتا ياشايتتى.ئۇيغۇر زىيالىيلىرى،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئامما،خەلقىنىڭ “نادان ۋە بىچارە”لىگىگە ئېچىنىپ كەچە-كەچە ھەسرەتلىنىپ رومكا سوقۇشتۇرىدىغان ئەھۋالدا ئىدى.

يەرىم ئەسىر بويىچە دىن بىلەن شۇغۇللىنىش مائاشسىزئۇيغۇرلارنىڭ، “خۇراپاتلىق”، “نادانلىق”نى سۆكۈش بىلەن شۇغۇللىنىش مائاشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى بولۇپ كەلدى.

خەلق بىلىمسىز ۋە نادان بولغانلىغى ئۈچۈن قۇرئاندىن ئىبارەت ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يەتكۈدەك سەۋىيىدە ئەمەس ئىدى.بىلىملىك زىيالىلاردا بولسا قۇرئاندىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئوقۇش،چۈشىنىش ھەۋىسى يوق ئىدى.قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنە شۇنداق بىر شارايىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تارقالدى.

ئاللاغا مىڭلارچە شۈكرى دەيمىزكى؛بۈگۈن ئىسلام دىنىنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن بىۋاستە ئۆگەنگەن،خۇراپاتلىق ئەخلەتلىرىنى شىددەت بىلەن رەت قىلىدىغان،بىلىملىك،تەقۋادار يېڭى بىر ئەۋلاد قىز-يىگىتلەر يېتىشمەكتە.

مەن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلىق ۋە ئۈرۈمچىدىكى خىزمەت ھاياتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان ئەڭ بىلىملىك،مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى،زىيالىيلاردىن بىلىم ئالدىم.تالانتلىق .پەيلاسوپلار،تارىغچىلار،جەمىيەتشۇناسلار،يازغۇچى -شائىرلار بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىش ياكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا بىلىمىم تولۇقلاندى،تەپەككۇر دائىرەم كېڭەيدى .ئۇلار مۇسۇلمان خەلقىمىزگە بولغان چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىچىدە نۇتۇق سۆزلەيتتى،كىتاپ يازاتتى.بىرا ق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىدىن ئۇزاق،قۇرئان ئوقۇشقا ھەج ھەۋىسى يوق زىيالىيلار ئىدى.ئەسلىدە ئۇلار،مۇسۇلمان خەلقىنىڭ تەقدىرى،تەرەققىياتى،كېلەچىكى يولىدا ئىجتىھات بىلەن مېھنەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئۆزى مۇبارەك ئىبادەت ھېسابلىناتتى.ئۇلار ئاللاغا ئەڭ يەقىن كىشىلەر بولىشىغا قارىماي ئاللانى تونۇمايتتى.ئۇ ئۇستازلارنىڭ بىر قىسمى ۋاپات بولدى،بىر قىسمى ھاياتتا.

مىنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى ئوبىكتىم؛ئىسلام دىنىنى چۈشەنمىگەن ياكى رەت قىلغان زىيالىيلار قوشۇنى ۋە يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ياش بىلىم ئىگىلىرىدۇر.چۈنكى،قۇرئان ئەقىلغا،ئەقىل ئىگىلىرىگە،ئالىملارغا خىتاب قىلغان كىتاپتۇر.قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدۇ،ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئىلمىي زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھېچكىمنى دىنغا زورلىمايدۇ. “دىندا زورلاش يوقتۇر” (بەقەر سۈرىسى 256.ئايەت) شۇڭلاشقا قۇرئان ئەقىلغا،ئەقىل ئىگىلىرىگە خىتاب قىلىنغان كىتاپتۇر.“ئاللا پاكىتلار ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ” (يۇنۇس سۈرىسى 82.ئايەت) ئاللا ھېچبىر ئايىتىدە قارىغۇلارچە ئېتىقادنى تەشەببۇس قىلغىنى يوق. ئالىملارمۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پاكىتقا تايىنىدۇ.قۇرئان بىلەن ئالىملارنىڭ ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش يولى بىر نۇقتىدا بىرلىشىدۇ.دىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن خۇراپاتلىقنى،خەلقىمىز ئىچىدە دىن ھېسابلانغان بىرمۇنچە بىدئەتلەر ئىسلامغا زىيان سالغىنىغا ئوخشاش،بۇلارنى باھانا قىلىپ دىندىن ئۇزاقلىشىش ۋەياكى دىنغا نەپرەت قىلىش ئىسلامغا تەخىمۇ كۆپ زىيان سالىدۇ. “نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار!” (يۇنۇس سۈرىسى 89.ئايەت)،نادانلارغا ئەگەشمەيدىكەنمىز توغرا يول تەرەپكە يۈزلىنىشىمىز لازىم.

ئىسلام دىنى بىلەن تونۇشۇشنى خالىمايدىغان ياكى ئىسلام دىنى دەۋرگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلارغا خاتىرلىنىدىغان شۇ سۆزلىرىم بار؛بىز مۇسۇلمان بىر ئانىنىڭ قارنىدىن تۇغۇلدۇق.مۇسۇلمان بىر دادىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ يېتىشتۇق.ئاتا-ئانىمىز ئىسلام قايدىسى بۇيىچە ئات مەرىكىسى قىلىپ ئىتىمىزنى قويدى.بەزىلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئاللانىڭ سۈپەتلىرى بولغان راخمان،رەھىم،ئالىم،ئەزىز.بەزىلىرىمىزنىڭ ئىسمى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى بولغان مۇھەممەد.ئەڭ مەدەنىي ئىسىم دەپ قويۇلغان غالىپ،ئەسقەر،ئەنۋەر،قەيسەر،مۇرات… دېگەن ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئەرەب تىلىدىن كەلگەن ئىسىملاردۇر.

قايەردە بولساق بولايلى ئوغۇللار 7ياشتىن بۇرۇن سۈننەت قىلدۇرۇلدۇق.توي- مەرىكىلىرىمىز،نەزىرە-چىراقلىرىمىزنى دىندىن ئايرىپ قاراش مۇمكىنمۇ؟

ئۆمۈر بويى مەسچىت،جامىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بىر قېتىممۇ مەسچىت،جامىغا كىرمىگەن،ناماز قىلمىغان،ئاللانى تونىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ مىيتى (جەسىدى) مەسچىت،جامىنىڭ ھويلىسىغا كىرىدۇ.ئىمام،مەزىنلەر ئىسلام قايدىسى بوىچە مىيتنى يۇيۇپ كىپەنلەيدۇ.جىنازىنىڭ ئۈستىگە “لا ئىلاھە ئىللەللا،مۇھاممەدەن رەسۇلىللا” دېگەن خەت بىلەن نەقىشلەنگەن يۇپۇق يېپىلىدۇ.بىز،نادان دەپ بىلگەن ئۇ جامائەت بىزنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ئىززەت-ئىكرامىمىزنى قىلىپ . مۇسۇلمان قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدۇ. قەبىرىستانلىقتا ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن قۇرئانى كەرىمنى يەنە بىزنىڭ قەۋرىمىزدە بىزنىڭ روھىمىزغا ئاتاپ ئوقۇيدۇ.بىز ئىسلامدىن قانچىلىك قاچساق قاچايلى،يەنە ئىسلامنىڭ ئىچىدە تۇغۇلۇپ،ئىسلامنىڭ ئىچىدە ياشاپ،ئىسلامنىڭ ئىچىدە مازارغا ئۇزۇتىلىمىز.ئىسلام دىندار ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدا مەۋجۇت بولغىنىغا ئوخشاش،دىنسىز ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىمۇ مەۋجۇت.بىز دىننى رەت قىلساقمۇ دىن بىزنى رەت قىلغىنى يوق.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى قان بىلەن گۆشتەك پۈتۈنلىشىپ كەتكەن.ئۇيغۇرلار مىللىي ئۆرپ-ئادىتىدىن يۈز ئۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس.شۇنداق ئىكەن ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.دىنىمىزدىن رەنجىپ 1000 يىل ئىلگىرى كېرەكسىز دەپ تاشلىۋەتكەن بۇددا دىنىغا قايتىشىمىز تېخىمۇ مۇكىن ئەمەس.

بىز بۈگۈن بىر يىرىم مىليارتلىق نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ بارلىق دىنلارنى كەسكىن رەت قىلىدىغان ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋاتىمىز.نۇپۇسىمىز ئىنتايىن ئاز.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھالىمىز ناھايىتى تارقاق ئولتۇراقلاشقان.ئەگەر بۇگۈن ئۇيغۇر خەلقى تەڭرى تەغىدەك مەزمۇت ۋە گىگانىت ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولسا،مەدىنىيىتىمىز مەنىۋىي قۇرغاقچىلىق ۋە قاتمۇ-قات قورشاۋ ئىچىدە تۇرۇغلۇق،ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات چەمبىرى كۈندىن كۈنگە تارىيىۋاتقان شارائىت ئىچىدىمۇ گۈللەپ-ياشناۋاتقان بولسا،بۇ ئۇزۇق،بۇ ئىنىرگىيەنىڭ مەنبەسى نەدە؟ دەپ سۇراپ بېقىش كېرەك ئەمەسمۇ؟

بىز ئۈرۈمچىدىكى ئىگىر بىنالارنىڭ سىمىنىت ئۆيلىرىمىزنىڭ بىر تېمىغا گىلەم،بىر تېمىغا دۇتار ئېسىپ قويۇپ،ئالدىمىزغا ساڭزىلارنى دۈگىلەپ قويۇپ،مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ھەققىدە ئاغزىمىز قۇرۇپ كەتكۈچە ئۆزئارا بەس-مۇنازىرە قىلىش بىلەن مىللىي مەدىنىيىتىمىز قوغدىلىپ قىلىنارمۇ؟ مىللىي مەدەنىيەتنى،مەدەنىيەت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى شەرھىلەپ بەرگۈچىلىك سەۋىيىسى بولمىغان ئالتەشەرھەردىكى ۋەىلى تەرەپلەردىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشاۋاتقان شۇ “نادان” خەلقىمىز بىز ئۈچۈن ساقلاپ ۋە ياشنىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ.تىلغا مەنسۇپ بولمىغان مىللەت،دىنغا مەنسۇپ بولمىغان مەدەنىيەت يوقتۇر.ئىسلامنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرنى،ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن ئىسلامنى چىقىرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.

تەيپىڭ بوراندەك ئۈستىمىزگە شىددەتلىك باستۇرۇپ كېلىۋاتقان گۇلىبال مەدەنىيەت ۋە مىللى ھاياتىمىزغا جىددى تەھدىت سېلىۋاتقان ئەخلاقى بۇزۇلۇش،چۈشكۈنلۈك،ئەيدىز… ۋابالىرىدىن بىزنى قوغدايدىغان بىرلا قورغان بار.ئۇ بولسىمۇ ئاللانىڭ كىتابى قۇرئانى كەرىمدۇر

ئەي،ئىسلامغا شۆھبە بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان ئالىي مەلۇماتلىق قەرىندىشىم! سىز پروپپىسسورلۇق،دوكتۇرلۇق،ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغۇچە بولغان جەرياندا بەك كۆپ كىتاپ ئوقۇدىڭىز.شۇئاندا كىتاپ جازىڭىزدا ھەر خىل تىلدا نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلىرىڭىز بار.سىز ئوقۇشتىن ھېچقاچان زىرىكمىدىڭىز ۋە زىرىكمەيسىز.سىزنىڭ كىتاپ جازىڭىزدا سىز ئوقۇماي تىزىپ قويغان بىرلا كىتاپ قالدى.ئۇ،بىز ئۇيغۇرلارنى پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلىغاندەك مۆجىزىلىك بىر شەكىلدە ساقلاپ كېلىۋاتقان قۇرئانى كەرىمدۇر.بۇ مۇقەددەس كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.چۈنكى سىز دىننى رەت قىلىپ تۇرۇپ(ياكى دىنى بىلمەي تۇرۇپ) دىننىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىسىز.سىز ئۇيغۇر مىللىتىڭىزنى سۈيەمسىز؟ئەگەر سۆيسىڭىز،مىللىتىڭىز سۆيگەن دىننى چوقۇم سۆيۈپ قالىسىز! چۈنكى, ئىسلام دىنى- سۆيگۈ دىندۇر.

 

 داۋامى بار

Share
3596 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.