logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-15

ئ

15- ئىسلام – ساداقەت دىنىدۇر

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

ئىسلام- ئادالەت،ساداقەت، سائادەت دىنىدۇر.ئادالەت بىلەن سائادەتنىڭ تايانچى كۇچى ساداقەتتۇر

ساداقەت-ئادالەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئىنسان پائالىيىتىدىكى ئىپادىسىدۇر.ئاللاغا سادىق بىر مۇسۇلمان 77 يىل ياشىغان بولسا،7 يېشىدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ھەر كۈنى 5 ۋاقىت ناماز قىلدى دەيلۇق، 70 يىل 25550 كۈن بولىدۇ. ھەر كۇنى 5 ۋاقىت ناماز قىلسا 127750 ۋاقىت ناماز قىلغان بولىدۇ. بىر يىلدا 52 قېتىم جۈمە ناماز ئوقۇسا 70 يىلدا 3640 قېتىم جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ. بىر تەقۋادار مۇسۇلماننىڭ ئاللاغا بولغان ساداقىتى ئەنە شۇنداق ئىزچىل داۋاملىلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ..دۇنيادا بۇنداق ساداقەتنىڭ باشقا ئۆرنىگى تېپىلمايدۇ.دېمەك،ئىمان-ئەينى زاماندا ساداقەت دېمەكتۇر.

ئائىلىنىڭ،دوسلۇقنىڭ،مۇھەببەتنىڭ،بەخىتنىڭ،راسچىللىقنىڭ،ئۆملۈكنىڭ،تاقەتنىڭ،غايىنىڭ،غەلىبىنىڭ ئاستىدا ساداقەت ياتىدۇ. ئەكسىچە، ئاغرىنىشىنىڭ ,ئايرىلىشنىڭ،نەپرەتنىڭ، بۆلۈنۈشنىڭ،بەخىتسىزلىكنىڭ،چىدىماسلىقنىڭ،يالغانچىلىقنىڭ،مەغلۇبىيەتنىڭ ئاستىدا ساداقەتسىزلىك ياتىدۇ.

ئاللاغا سادىق بولۇش دېمەك،مۆمىننىڭ بىر بىرىگە سادىق بولىشى دېمەكتۇر.“مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر” (ھۇجۇرات سۈرەسى 10.ئايەت) دېمەك،ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزئارا قېرىنداشتۇر.قېرىنداشلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۆيگۈدۇر،مۇھەببەتتۇر،ساداقەتتۇر.

بۇگۈنكى دەۋر،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا سۆيگۈگە،ساداقەتكە ئەڭ زور ۋە ئەڭ جىددى ئېھتىياج بولغان دەۋىردۇر.چۈنكى،ئۆزئارا سۆيگۈسىزلىك،ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەڭ كۆپ زىيىنىنى تارتقان مۇسۇلمان قەۋىملەرنىڭ بىرسى ئۇيغۇرلاردۇر.مانجۇلار ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىپ،1884.يىلى يۇرتىمىزنى  خىتاينىڭ 19.ئۆلكىسى قىلىپ بىكىتىپ، ئىسمىنى “شىنجاڭ” قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كىيىن بېيجىڭ خانلىق سارىيى “شىنجاڭدا ھوقۇقنى مۇتلەق مانجۇر-خەنزۇلار تۇتۇش،يەرلىك مۇسۇلمان خەلقنى پەقەتلا ئۆز خەلقىنى چاقىدىغان جاسۇس قىلىپلا ئىشلىتىش” ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلغان ئىدى.ئارىدىن 130 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى،دەۋرلەر ئۆزگەردى.ئامما،بېيجىڭ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان “جاسۇس قىلىپ ئىشلىتىشتىن باشقا ھىچقانداق ھوقۇق بەرمەسلىك” ئەنئەنىۋى دۆلەت سىياسىتى ئۆزگەرمىدى.دۈشمەننىڭ ھىلىسى بىلەن قېرىنداش خەلق ئۆزئارا ئىشەنمەس بولدى،ئۆزئارا ئىشەنمىگەنسىرى قۇمدەك چېچىلىپ كەتتى ۋە ھېچبىر زامان خارلىقتىن،كەمسىتىلىشتىن،تەھدىتتىن،يوقسۇللۇقتىن،قاششاقلىقتىن قۇتۇلالمىدى.

ۋاپاسىزلىقنىڭ زىيىنىنى ۋاپاسىزلىققا ئۇچرىغۇچىمۇ،ۋاپاسىزلىق قىلغۇچىمۇ ئوخشاش تارتىدۇ.ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى ساداقەتتۇر.ساداقەتنىڭ تەتۈرىسى خىيانەتتۇر.خىيانەت يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلىگە ئوخشاش،ئىنسان روھىدىكى ئەيدىزدۇر.ھەم يۇقىدۇ ھەم ئۆلتۈرىدۇ..ئائىلە ئىچىدىكى خىيانەت ئائىلىنى،مىللەت ئىچىدىكى خىيانەت مىللەتنى، ۋەتەنگە خىيانەت ۋەتەننى،دىنغا خىيانەت ئەھۋالىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ،ۋەيرانچىلىققا ئەلىپ بارىدۇ.ساداقەت، ئىمان ۋە ۋىجداننىڭ،خىيانەت بولسا ئىمانسىزلىق ۋە ۋىجدانسىزلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ساداقەتنىڭ ئاشىقى جاپا بىلەن بەدەلدۇر.خىيانەتنىڭ ئاشىقى پۇل بىلەن ئەمەلدۇر.

پەيغەمبەرلەر تارىخى،قەۋىملەرنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ساداقەتسىزلىگى بىلەن تولغان تارىختۇر.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ،ئاللانىڭ كىئاۋى ۋە رەسۇلىللانىڭ سۈننىتىدىن ئۇزاقلىشىپ،جاھالەت ۋە خۇراپاتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان يېقىنقى زامان تارىخىمىز،دىنىمىزغا ۋە ئۆز-ئۆزىمىزگە ساداقەتسىلىك تۈپەيلى ئېچىنىشلىق پاجىيەلەر بىلەن تولغان تارىختۇر.ياقۇپبەگنى ياردەمچىسى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى.تۆمۈر خەلىپىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئالداپ ياڭزىڭشىڭغا ئاپىرىپ بەردى.سابىت داموللام،غۇجىنىياژاجىمنىڭ قولى بىلەن شىڭشىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.سابىت داموللاممۇ،غۇجىنىياژاجىممۇ ئۇيغۇر جاللاتلارنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.ئەلىخانتۆرەمنى رۇسلارنىڭ تۇتۇپ ئەلىپ چىقىپ كېتىشىدە،ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ،ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ سۈيقەستتە ئۆلۈپ كېتىشىنى پىلانلاشتا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەسسىسى بار ئىدى.ئاللاغا،ئاللانىڭ رەسۇلىغا،بىزنى يورۇقلۇققا ئەلىپ ماڭغان يولباشچىلىرىمىزغا،بىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قالقان قىلغان شەھىتىرىمىزگە،توغرىنى كۆرسىتىپ،خاتادىن توسقان ئالىملىرىمىزغا… بەزىلىرىمىز ساداقەت كۆرسەتمىدۇق،بەزىلىرىمىز ساداقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق،بەزىلىرىمىز خىيانەت قىلدۇق.بۇنىڭ بىرلا سەۋبى بار؛“پەيغەمبەر ئېيتتى: ”ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى“(فۇرقان سۈرەسى 30.ئايەت) 1000 يىلدىن بىرى قۇرئان بىز بىلەن بىللە.ئامما  خەلقىمىزنىڭ كۆپ سانلىقى ئاستا ئاستا قۇرئاننىڭ روھىنى چۈشەنمەيدىغان قاششاق ھالغا كەلتۈرۈلدى..نامازنى ئاللاغا بولغان ساداقىتىمىزدىن ئەمەس،ئاتا-بۇۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان بەدەن ھەرىكتى كۆرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق.

ئۇيغۇرلارنىڭ، سىنىپى كۈرەش ئىچىدە ئۆزلۈكسىز ئۆزئارا بىر بىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ ئۆتكەن دەۋرلىرى “ساداقەت” سۆزىنىڭ قەلپلەردىن قوغلاپ چىقىرىلىش دەۋرىدۇر.شۆھبە ئىچىدە بىر-بىرىمىزنى دۈشمەن گۇمان قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىش مىللىي روھىمىزدىكى ئەڭ ئەغىر جاراھەتتۇر.ئۇ جاراھەتنىڭ دورىسى ئىماندۇر.ساداقەت ئىنساننىڭ ئىنسانلىغىنى سىنايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىمتىغانلاردىن بىرىدۇر.ساداقەتكە خىيانەتنىڭ ئىسلامدىكى ئاتالغۇسى- مۇناپىقلىقۇتۇر؛ “مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ،ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ.” (سەھىھۇل بۇخارى 129.بەت-ئۇيغۇرچە) ۋەتىنىگە،خەلقىگە،دىنىغا ساداقەتسىز مۇسۇلمان-مۇناپىق مۇسۇلماندۇر.بىر يەرگە توپلانغاندا بەسلىشىپ ناماز قىلىدىغان، يالغۇز قالغاندا شەيتانغا ئايلىنىدىغان خۇسۇسىيەت ئىسلامغا  بولغان ساختا ساداقەتنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىدۇر.

ئازغۇن قەۋىملەرنى ئاللا مۇنداق تەرىپلەيدۇ؛“شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا گۇمان قىلىدۇ” (ئەراپ سۈرەسى.30.ئايەت)بىز،نىمىشكە مۇشۇنداق تەلەيسىز بولۇپ قالدۇق؟ دېيىش ئورنىغا،نىمىشقا مۇشۇنداق ۋاپاسىز بولۇپ قالدۇق؟،دەپ ئويلىشىمىز كېرەك! ھەر بىر ئىنسان،ھەر بىر مىللەت ئۆز كىلەچەگىنىڭ لاھىيلىگۈچىسىدۇر. سەۋەبسىز نەتىجە يوقتۇر. بىز بىر-بىرىمىزنىڭ دۈشمىنى ئەمەس،قېرىندىشى.ئاللا،بىزنى دۈشمەن ئېلان قىلمىدى.قېرىنداش ئېلان قىلدى.بىز،بىزنىڭ ئۆزئارا دۈشمەن بولۇشىمىزنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن قەرىنداشلىقتىن ۋاز كېچەلمەيمىز.مۇسۇلمان دېگەن سۆز،شەيتاننىڭ ئەمەس،ئاللانىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلغان ئىنسانلارغا  بېرىلگەن شەرەپلىك نامدۇر.

ئۇيغۇر مىللىتى تارىخ يارىتىشنى بىلگەن،ئامما تارىخ يېزىشنى بىلمىگەن خەلقتۇر . ئۆتمۈش كېلەچەك ئۈچۈن ماياكتۇر.يىلتىزىدىن ئايرىلغان ھەر قانداق ئۈسۈملۈك ئۆلىدۇ.مۇسۇلماننىڭ يىلتىزى ئىسلامدۇر.ساداقەت-يىلتىزىدىن ئايرىلماسلىق دېمەكتۇر.ساداقەت-قېرىنداشلار ھەر قانداق شارائىتتا قېرىنداشلىق مېھرىدىن ۋاز كەچمەسلىك دېمەكتۇر.ساداقەت-پەرۋىش قىلىش دېمەكتۇر.ساداقەت-سۆيگۈ دېمەكتۇر.ساداقەت-قاراۋۇللۇق قىلىش دېمەكتۇر.ساداقەت-تۇز يىكەن قاچىغا تۈكۈرمەسلىك دېمەكتۇر.ساداقەت-ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرسى بولغان سىددىق دېمەكتۇر.

Share
4841 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.