logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-8

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

8- ئاللانىڭ روھى ۋە ئىنساننىڭ روھى 

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار جانلىق ئىنساندۇر.چۈنكى،ئۇنىڭ روھى ئاللانىڭ روھىنىڭ بىر قىسمىدۇر. “ئۆز ۋاختىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئەيتتى: “مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن.ئۇنى راۋۇرۇس ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاختىمدا ئۇنىڭغا سەجىدە قىلىڭلار!” (ساد سۈرىسى 71-72.ئايەت).قۇرئاندىكى” نەفىس” سۆزى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ “روھ”، “جان”، “نەفىس” دەپ تەرجىمە قىلىنغان.بۇ ئايەتتە “روھ” دەپ تەرجىمە قىلىنسا دەل جايىغا چۈشكەن بولىدۇ.مەن ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى ئىڭىلىزچە،تۈركچە،خەنزۇچە قۇرئان تەرجىمىلىرىگە سەلىشتۇرۇپ كۆردۈم. ھەممە تىللاردا “روھ” دەپ تەرجىمە قىلىنغان.باشقىچە تەرجىمە قىلىنسا ئايەتنىڭ مەزمۇنى بۇرۇلۇپ كەتىدۇ ياكى تومتاق بولۇپ قىلىپ ئايەتنىڭ مەزمۇنى ئاددىلاشتۇرىۋەتىلىدۇ.ئايەتنىڭ توغرا تەرجىمىسى مۇنداق: “ئۇنى مۇكەممەل يارىتىپ ۋە ئۇنىڭغا روھىمدىن پۈۋلىگىنىمدە ئۇنىڭغا سەجىدە قىلىڭلار!”بۇ يەردە بىز،ئاللا ئىنساننى ياراتقاندا ئۆز روھىدىن پۈۋلەپ جان كىرگۈزگەنلىگىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش توغرا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشتۇق.ئۆز روھىمىزنىڭ ئاللانىڭ روھىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىگىنى چۈشەنگىنىمىزدە،ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانى قەدىر-قىممىتىمىزنىڭ قانچىلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىگىنى غۇرۇر ئىچىدە ھىس قىلالايمىز.لايدىن ياسالغان ۋە دۇنيادا گۇناھ سادىر قىلىدىغان ئىنسانغا،گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن خالى،ئاللانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ۋە ساداقەتتە قۇسۇرسىز بولغان پەرىشتىلەرنى سەجىدە قىلىشقا ئەمىر قىلىدۇ. “پەرىشتىلەرنىڭ بىرسىمۇ قالماي ھەممىسى سەجىدە قىلدى” (ساد سۈرىسى 73.ئايەت) ئاللا نىمە ئۈچۈن لايدىن ياسالغان ئادەمنى ئوت- يالغۇندىن ياسالغان پەرىشتىلەرگە سەجىدە قىلىشقا بۇيرىماي،پەرىشتىلەرنى ئادەمگە سەجىدە قىلىشقا بۇيرىدى؟چۈنكى،ئاللانىڭ ئىنساننى يارىتىشتىكى مەقسىدى،ئۇنى يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسى قىلىش ئىدى. يەنى ئاللا،ئىنساننى يەر يۈزىدىكى ئۆزىنىڭ ئىزباسارى قىلىش ئۈچۈن ئۆز روھىدىن پۈۋلەپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ئىدى. “ ئۆز ۋاختىدا پەرۋەردىگارىڭ: “مەن يەر يۈزىدە خەلىپە(ئۇرۇنباسار)يارىتىمەن.”دىدى.پەرىشتىلەر “يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،قان تۆكۈدىغان(شەخىسنى)خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدىھىيەلەيمىز.مۇقەددەس دەپ مەدىھىيەلەيمىز.”دىدى.ئاللا “مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن”دىدى. (بەقەرە سۈرىسى 30.ئايەت)بۇ، پەرىشتىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تۇنجى ۋە ئاخىرقى قەتىم ئاللاغا ئىتىراز بىلدۈرىشى ئىدى.يەنى،ئىنساننى يەر يۈزىگە ئىزباسار قىلىشقا نارازى ئىدى.چۈنكى،ئىنسانلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلاتتى،قان تۈكەتتى.ئاللا پەرىشتىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن “مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن”دىدى.پەرىشتىلەرنىڭ بىلمەيدىغانلىرى نىمە ئىدى؟ ئىنساندىكى ئەقىل ئىدى.ئاللا،ئىنسانغا ئۆزىنىڭ مۇبارەك روھىدىن پۈۋلەپ جان كىرگۈزۈش بىلەن بىللە ئىنسانغا يەر يۈزىدىكى ھىچقانداق مەخلۇقتا بولمىغان ئەقىل ۋە ئىدىراك قابىلىيىتىنى بەخىش ئەتكەن ئىدى. “ ئاللا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۈگەتتى.ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتەگە كۆرسىتىپ: “(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا)راسچىل بولساڭلار،بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئەيتىپ بىرىڭلار.”دىدى.پەرىشتىلەر: “سىنى(پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن)پاك دەپ تونۇيمىز.بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز.ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن،ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن.” دىدى.ئاللا: “ئەي ئادەم!ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئەيتىپ بەرگىن”دىدى.ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئەيتىپ بەرگەن چاغدا،ئاللا: “مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى غەيىبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن،ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ئىشلارنى بىلىپ تۇرىمەن،دىمىگەنمىدىم”دىدى. (بەقەرە سۈرىسى 33.ئايەت)ئاللا،ئادەمنىڭ ئەقلىنىڭ پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق پەرىشتىلەرنى قايىل قىلدى.

بۇگۈن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھىدا ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۇلۇغ روھى بار.ئۇلۇغ روھلاردىن ئۇلۇغ ئىنسانلار بارلىققا كىلىدۇ.ئامما،ئۇلۇغ روھنى كىرلىتىپ ياكى يۇقۇتۇپ پاسىق ياشىغانلار ئۆزىنىڭ ئىنسانى قىممىتىنى يەنچىپ چەيلىگۈچىلەردۇر.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى ئاللانىڭ روھىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.بىز، ئۇيغۇر خەلقى ئۇلۇغ خەلق دىگىنىمىزدە،ئاللانىڭ بۇ خەلقنى ئۇلۇغ ياراتقانلىغىدىن ئىبارەت قۇرئاندىكى دەلىلگە تايىنىمىز.بىراق “شەك-شۆھبىسىزكى،كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى پاسىقتۇر” (مائىدە سۈرىسى 49.ئايەت) ئىجتىمائى مۇھىت تۈپەيلى روھىمىزنى شەيتاننىڭ كىرلىتىشىگە ۋە ئۇغۇرلىشىغا يول قۇيۇپ،پاسىق قەۋىم بولۇشقا رازىلىق كۆرسەتسەك،ئالدى بىلەن ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاغا،ئۇنىڭدىن كەيىن يارىتىلغان ئۇلۇغ روھىمىزغا ھاقارەت قىلغان بولىمىز.روھى داتلاشقان، ئەقلى بۇلغانغان،ئاللا تائاتا قىلغان قەدىر-قىممىتىنى مۇھاپىزەت قىلمىغان قەۋىملەر ئۈچۈن ئاللا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى “ئاللا ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ تەمىنى تەتىتتى.” (زۇمەر سۈرىسى 26.ئايەت).

مۇسۇلماننىڭ چىقىش يولى-يوقاتقان روھىنى ئىزدەپ تەپىشتۇر.بۇگۈنكى دەۋىردە مۇسۇلمانلارنىڭ يوقۇتۇپ قويغىنى ئىسلامدۇر.ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.بىز،يۇقۇتۇپ قويغان ئىسلامنى تاپقان ۋاختىمىزدا،يۇقاتقان روھىمىزنىمۇ تاپالايمىز.ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. ئۇ ئىسلام قايسى ئىسلام؟ قۇرئاننى مەركەز قىلغان ئىسلاممۇ ياكى شەيتانلار ئىسلام كۆرسەتكەن خۇراپاتلىقمۇ؟

ئۇلۇغ ئىنسان بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇلۇغ روھقا ئىگە بولۇشتۇر.ئۇلۇغ روھسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس.ئاللانىڭ ئىنساننى ئۆز روھىدىن پۈۋلەپ جان كىرگۈزگەنلىگىنىڭ سەۋەبى،ئىنساننى يەر يۈزىدە ئىزباسار قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئۈگەندۇق.ئۇيغۇرلار بۇگۈن ياشاۋاتقان توپراقلاردا ئاللانىڭ ئىزباسارلىرىدۇر. ئىزباسارلىقتىن ۋاز كەچىش-ۋەتەنسىز قىلىش،دىن بىلەن مەشخۇل بولۇشتىن مەرھۇم بولۇش ۋە ئاخىرىدا ھالاك بولۇش دىمەكتۇر.

ئەي، ئۇيغۇر بالىسى! سىنىڭ روھىڭ ئاللانىڭ روھىنىڭ سىنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا ئەكىس ئىتىشىدۇر.سەن خارلانساڭ سىنىڭ روھىڭمۇ خارلىنىدۇ.ئاللا،سىنىڭ خارلىنىشىڭغا ياكى ئۆزەڭنى خارلىشىڭغا رازى بولمايدۇ.سەن بىر مۇسۇلمانسەن. ئىمانىڭنى ۋە غۇرۇرىڭنى قوغداش،ئاللا ساڭا بەرگەن روھنىڭ ئىززىتىنى قوغداش دىمەكتۇر.ئۇلۇغ روھىڭنىڭ قايەردىن كەلگەنلىگىنى بىلسەڭ نىمىنى قوغداپ،نىمىگە قارشى تۇرۇش كىرەكلىگىنى پەرىق قىلالايسەن. ئىسلامنى كاپىرلار مائاش بېرىپ سەمرىتكەن موللا سىياقىدىكى شەيتانلاردىن ئەمەس، مۇبارەك قۇرئاندىن ئۈگەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىن توغرىسىدىكى بارلىق ئىچكى ئىختىلاپلىرى، ئىسلامى ھاياتنى ياشاش ئۈچۈن 1400 يىل بۇرۇنقى تارىخقا قايتىپ ياشايمىزمۇ ياكى قۇرئاننى بۇگۈنكى ھاياتقا تەدبىقلاپ ياشايمىزمۇ دىگەن مەسىلىگە مەركەزلىشىدۇ. توغرىنى تاللاش ئاللانىڭ ئۇلۇغ  روھىنى ئۆز روھىدا مۇھاپىزەت قىلىشنى بىلگەن مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپتۇر.

ئاللا ئۆز روھىدەك پاك روھلۇق بولسۇن دەپ بىز مۇسۇلمانلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدى. ئايغا، مارىسقا ئادەم يوللاۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بارمۇ؟ بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ پاك تۇتۇڭلار دىگەن روھىمىزنى قانداق يۇسۇندا، نىمە ئۈچۈن كىرلەتتۇق؟ نىمىشكە بۇ دۇنيادا مۇسۇلمان خار، مۇسۇلمان بولمىغانلار مۇسۇلماندىن ئۈستۈن ھەتتا مۇسۇلماننى خارلاش بەدىلىگە باياشات ياشايدۇ؟

Share
3796 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.