logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-7

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

 7- قۇرئان ۋە قۇتۇلۇش

قۇرئانى كىرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە شۇنداق دەپ خىتاپ قىلىدۇ؛ “توغرا يول ئاللانىڭ يولىدۇر”.( بەقەرە سۈرىسى 120.ئايەت). ئاللانىڭ توغرا يولى قايسى؟ ئۆلچىمى نىمە؟ قۇرئاندا بۇ سۇئاللارغا يىتەرلىك جاۋاپ تەپىلىدۇ. “قۇرئان ئىنسانلارغا يىتەكچىدۇر” (بەقەرە سۈرىسى 185.ئايەت) قۇرئان بولسا پەلسەپىدۇر.ئىسلام بولسا مەدىنىيەتتۇر.قۇرئاننىڭ يىتەكچى پەلسەپىسى ئاساسىدا ئىسلام مەدىنىيىتى دۇنياغا كەلدى.

دۇنيانىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،ئىسلامنىڭ ھايات پەلسەپىسى،ئىجتىمائى جەمىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەدىنىيىتىگە رەقىپ بولغان كاپىتالىزىمدىن ئىبارەت جەمىيەت ۋە مەدىنىيەت قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.ئىسلام دۇنياسىنى كۈلەڭگىسى ئاستىدا بۇسۇرۇپ قويۇپ گۈللەپ-ياشناۋاتقان كاپىتالىزىمنىڭ ئىچىدىن كاپىتالىزىمغا تۈپتىن قارشى بىر جەمىيەت ۋە مەدىنىيەت قۇرۇلمىسى تۇغۇلدى.بۇ،سوتسىيالىزىم ئىدى.بىر توپ كىشى تەرىپىدىن يارىتىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىر گۇروھ،ھەر زامان ئۆز رەقىبىنىڭ ياراتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ.ئىجتىماى،سىياسى،تىچارى…ھەممە ساھەدە ئەھۋال ئوخشاش.ئىنسانلار بىر مەنپەئەت ئەتىراپىدا گۇروھ بولۇپ ئۇيۇشىدۇ.گۇروھ بولۇپ ئۇيۇشقانلار،تەبىئى ھالدا بۇ گۇروھنىڭ سىرتىدا قالغانلارنىڭ مەنپەئەتىنى چەتكە قاقىدۇ.چەتكە قەقىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا بىر گۇروھ بولۇپ ئۇيۇشىدۇ.رىقابەت ۋە قىزغانچۇقلۇق بەيگىسىدە ئىلگىرلەۋاتقان دۇنيادا ھىچكىم،ھىچبىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.ھەممەيلەن (قانچىلىك كۈچلۈك بولىشىدىن قەتئى نەزەر) ھەر زامان كۆزگە كۆرۈنمەس بىر ۋەھىمىنىڭ كۈلەڭگۈسى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر.بۇنداق جەمىيەتتە كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاجىز دۆلەتلەرنى،چوڭ مىللەتلەر كىچىك مىللەتلەرنى،ھۇقۇقدارلار ھۇقۇقسىزلارنى،پۇلدارلار پۇلسىزلارنى بۇزەك قىلىشنى قابىلىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە كۆرىدۇ.بۈگۈنكى زامانىۋى دەۋىردىمۇ دۇنيانى ھەقىقەت ئەمەس،كۈچلۈكلەر سوراۋاتىدۇ.دەۋرىمىزدىكى،دۆلەتلەر،كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت؛كۇچ ۋە مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدۇر.

ئاجىزلارنى ئويغاتقان ئامىل،كۈچلۈكلەرنىڭ قامچىسىدۇر.فىزىكا قانۇنىدا،ئىنىرگىيە سۈركۈلىشتىن،كۈچ بەسىمدىن تۇغۇلىدۇ. رىقابەت ۋە بەسىم ئىچىدە ئىنسانلارنىڭمۇ،تۈزۈملەرنىڭمۇ،مەدىنىيەتلەرنىڭمۇ،دىنلارنىڭمۇ توغرا،ئۈستۈن،كۈچلۈك بولغانلىرى ئۇتۇپ چىقىدۇ.پىچەك بولغانلىرى شاللىنىپ چۈشۈپ قالىدۇ. ئىدىلوگىيەنى كۈرەش يولى بىلەن يوقۇتۇش مۇمكىن ئەمەس.ئىدىلوگىيەلەر ئىجتىماىي قىممىتىنى يوقاتقان ۋاقىتتا ئۆزلىگىدىن سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ ياكى يوقۇلىدۇ.

كومۇنىزىم ئىدىيىسى 19.ئەسىردە ئىنسانىيەتنى قۇتقازغۇچى پارلاق بىر ئىدىلوگىيە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.20.ئەسىردە دۇنيانىڭ يەرىمىنى دىگۈدەك كونتىرولى ئاستىغا ئالدى.كونتىرولى ئاستىدىكى  زىمىنلاردا بارلىق دىن،ئىدىلوگىيەلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ ياكى باستۇرۇپ “كومىنىزىم غايىسى”دىن ئىبارەت يىڭى بىر دىننى تىكلىدى.پۈتۈن دۇنيا بۇ قىزىل دىندىن قورقۇپ دىر-دىر تىتىرەپ تۇرغان بىر ۋەزىيەتتە بىر مۆجىزە يۈز بەردى؛ بۇ ئىدىلوگىيە بىر كىچىدىلا ئۆزىنىڭ جىنازىسىنى يەرلىكىدە قويغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

كومىنىزىم ئىدىلوگىيەسى نىمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى؟ ئىنسان تەبىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان سۈنئى بىر “دىن” بولغانلىغى ئۈچۈن. گىزىت-رادىو،تىلىۋىزورلارنى قاپلىغان ئىدىلوگىيەر ئەمەس،قەلىپلەرنى قاپلىغان ئىدىلوگىيەلەرلا ياشايدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. ئىسلام دىنى 1400 يىللىق سىناقتىن ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى.ئامما،ئىسلام دىنىنى يوقاتماقچى بولغان ئىدىلوگىيەلەرنىڭ ئۆزلىرى يوقالدى.ھاياتتا قالغانلىرىمۇ ئېغىر ئەخلاقى كىرزىس ئىچىدە.

يۈكسەك مەدىنىيەت ۋە تەرەققىيات ۋىجداننىڭ ئۆلچىمى ئەمەس.ئەخلاقنىڭمۇ ئۆلچىمى ئەمەس.ئىمان يوق يەردە شەيتان باردۇر.نادانلار ئەگەشكەن شەيتانغا،ئالىملارنىڭمۇ ئەگىشىشىدىكى سەۋەپمۇ ئەنە شۇ.نادان ئاۋغان،ئاۋغانىستاندا پەننى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان نارىسىدە قىزلارنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىۋتىدىغان ئىشلار پات-پات يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭدەك  تەرەققى قىلىپ دۇنيادا ئىككىنجى ئىقتىسادى كۈچ بولۇپ كۆتۈرۈلگەن خىتاي يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى ۋە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرلىرىدا قىيناۋاتىدۇ. قالاقلىق ۋەھشىلىكنىڭ بەلگىسى بومىغىنىغا ئوخشاش، تەرەققىياتمۇ ئالىجاناپلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس.

پەن-تەخنىكا بىلەن ئەخلاقنىڭ پارالىل ئىلگىرلىشى ناتايىن.ئەخلاقنىڭ كونتىروللىغىدا بولمىغان كۈچ،ئەخلاقنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچتۇر.ئەخلاقنىڭ ئۇزۇغى ئىماندۇر.شۇڭا “توغرا يول ئاللانىڭ يولىدۇر” دەيمىز.ئىنسان تەبىيىتى ھاۋايى ھەۋەسكە مايىلدۇر.ھاۋايى-ھەۋەس دىمەك،ئازدۇرۇلۇش يەمچۈكى دىمەكتۇر.ئازماستىن توغرا يولدا يۈرۈش ئۈچۈن يىتەكچى لازىم.شۇڭا “قۇرئان ئىنسانلارغا يىتەكچىدۇر.” دەيمىز.

يۇرتىمىزدا ئاللاغا،ئاللانىڭ كىتاۋىغا ئىھتىياجى بارلىغىنى ھىس قىلماي ياشاۋاتقان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىسى بارئىدى .  خىتايلار ۋاختى كەلگەندە ئۇلارنىمۇ كەچۈرۈم قىلمىدى. بىلىم پەقەت مەسئۇلىيەت ئىگىسىدە بولغاندىلا پايدىلىق كۈچكە ئايلىنالايدۇ.ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئاللانىڭ توغرا يولىنى ئىزدەشكە يۈزلەنگەنسىرى،قۇرئاننىڭ ئىنسانلارغا يىتەكچى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغانسىرى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى يەتمەكچى بولغان مەنزىل ئارىسىدىكى مۇساپە سۈرئەت بىلەن قىسقىراشقا باشلايدۇ.ھەقىقەتنى تونۇش كۇپايە قىلمايدۇ.ھەقىقەتنى قوغداش  ئېغىر بەدەللەرنى تەلەپ قىلىدۇ.ئاللانىڭ كىتاۋى ھەقىقەت بولغىنىغا ئوخشاش،ئاللانىڭ بۇ دۇنيادىكى باغچىسى ئىچىدىكى گۈللەرنىڭ بىرسى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاللانىڭ ھەقىقىتىدۇر.ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ گۈلنى پەرۋىش قىلىش،ياشنىتىش،قوغداش بىز ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.دىندار خەلىقنىڭ دىنسىز زىيالىسى بولۇشنىڭ گۈلنىڭ يەنىدىكى پايدىسىز ۋەياكى زىيانلىق ئوت-چۆپ بولۇشتىن پەرقى يوقتۇر.بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باغرىدىن چىقتۇق.ئۇلارنىڭ باغرىغا قايىتقاندىلا قىممىتىمىز بولىدۇ.تارىختا ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ئالدى بىلەن ئۆز قەۋمى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.تارىختا ئۆتكەن ئالىملار،مۇتەپەككۇرلار،كەشپىياتچىلار،قەھرىمانلار… ئالدى بىلەن ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.غەرىپتىكى دوناي دەرياسىنىڭ ۋە ياكى شەرىقتىكى چاڭجىاڭ دەرياسىنىڭ لۆمشۈپ ئاققان سۇلىرىنىڭ چاڭقىغان تارىم ۋادىسىغا ھىچقانداق پايدىسى بولمىغىنىغا ئوخشاش،ئۆز خەلقىنىڭ مەدىنىيىتىدىن ئۇزاقلاشقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ،بىلىم ۋە يۇرۇقلۇققا, بۇلۇپمۇ ئازاتلىققا تەشنا ئۇيغۇر خەلقىگە ھىچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار،ئۆزلىرى ئارزۇلىغان يۇرۇقلۇق تەرەپكە ئەمەس،مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇش خەۋىپى بولغان قاراڭغۇلۇق تەرەپكە ھەيدەپ كىتىلىۋاتىدۇ.يوقۇلۇش يولىدىن قەتئى سۈرەتتە ۋاز كىچىپ،كىلەچىگى پارلاق يۇرۇق يولغا كىرىش ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇ،يول قۇرئان يولىدۇر.چۈنكى،ئاللا تائالا “توغرا يول ئاللانىڭ يولىدۇر” دەپ ۋەھىي قىلدى.بىز ئۇيغۇرلار بۇ ئۇلۇغۋار ئىلاھىي ۋەھىنى ئەمەس،ئىچى زەھەر بىلەن تولغان شەيتاننىڭ نازىنىن قىياپىتىدىكى جىلۋىسىگە ئالدانغانلىقىمىز ئۈچۈن بىشىمىزغا شۇنچىۋالا ئىغىر پاجىيەلەر كەلدى.ئۇيغۇر خەلقى يولىدىن ئاداشتۇرۇلغان بىر مىللەتتۇر.ئۇيغۇر زىيالىلىرى مىللەتنىڭ ئاداشتۇرۇلغانلىقىنى،مىللىي كىلەچىكىمىزنىڭ جىددى خەۋىپ ئاستىدا ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرغان ۋەزىيەتتە.شۇنداق بولىشىغا قارىماي ناھىيىتى زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر زىيالىسىنى مائاشتىن ئىبارەت سىرتماق ئۆز مىللىتىدىن ئايرىپ تۇرماقتا ئىدى. خىتاينىڭ ئەمدى ئۇلارغا ئىھتىياجى قالمىغاندا، ئۇلارنىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە ئوخشاشلا جازا لاگىرلىرىغا مەھكۇم قىلدى. بەخىتسىز مىللەتنىڭ بەخىتلىك زىيالىسى بولۇش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئۇلار پەقەتلا تۆمۈر قەپەزلەرگە سۇلانغاندىلا ئىدىراك قىلىشقا باشلىدى. ھازىرمۇ كەچ ئەمەس. شۇنى بىلىشىڭىز لازىمكى؛بىر كىشىنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ قۇتۇلىشى ھەتتا 100 ئائىلىنىڭ،1000 ئائىلىنىڭ،10مىڭ ئاىلىنىڭ قۇتۇلىشى ھەقىقى قۇتۇلۇش ئەمەس،قۇتۇلۇشنىڭ كاپالىتىمۇ ئەمەس.ھەقىقى قۇتۇلۇش مىللەتنىڭ قۇتۇلىشىدۇر.مىللەت قۇتۇلسا سىزمۇ قۇتۇلىسىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ،كىلەچەك ئەۋلاتلىرىڭىزنىڭ قۇتۇلىشىمۇ ئەبىدىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

توغرا يول،كۆزلىرى ياش،يۈرەكلىرى جاراھەت بىلەن تولغان ئۇيغۇر خەلقى پۈتۈن جەبرى زۇلۇملارغا قارىماي چىڭ يىپىشىۋالغان ئاللانىڭ يولىدۇر.سىز ئۇ خەلقنىڭ باغرىدىن چىقتىڭىز يەنە ئۇلارنىڭ باغرىغا قايىقاندىلا ئىنسانى قىممىتىڭىزنى تاپقان بولىسىز.

ئەي،ئىسلامدىن ئۇزاقلاشقان ئۇيغۇر زىيالىسى! سىزنىڭ پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز ئۈچۈن شۇ پاكىتنى كۆرسىتەي؛بىزنى باشقۇرىۋاتقان پارتىيە 1950.يىللىرى يىزىلاردا 10 مو تىرىلغۇ يىرى بولغان دىھقانلارنى پوممىچىك دەپ مىلتىق بىلەن ئىتىپ تاشلىدى.كىشىلەرنىڭ مۈلۈككە ئىرىشىشى قەتئى چەكلىنىپ كەلدى. 1980.يىلغا كەلگەندە “باي بولۇش شەرەپ” دىگەن شۇارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆز ۋاختىدىكى ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن پوممىشچىكلاردەك 100 ئادەمنىڭ مەبلىغى بولغان كىشىلەر “كارخانىچى” دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسى بار ئىدى. خىتاينىڭ گېپىگە ئىشەنگەن ئۇ ئۇيغۇر بايلىرىمۇ بۇگۈن ھەم بايلىقتىن ھەم ئەركىنلىكتىن ئايرىلىپ ئەڭ ئېغىر ئازاپ چېكىۋاتىدۇ. دوس-دۈشمىنى 30 يىلدا ئۆزگۈرۈپ تۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىتى توغرىمۇ؟ ياكى 1400 يىلدىن بىرى دوس-دۈشمىنى ئۆزگەرمىگەن ۋە توغرىلىغى ئىسپاتلانغان ئاللانىڭ قۇرئاندىكى سىياسىتى توغرىمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە،كۈپۈنچە دۆلەتلەردە ھاراق ئىچىپ مەس ھالدا ماشىنا ھەيدەپ ماڭغان ئادەمگە قاتناش ساقچىلىرى جازا يازىدۇ.چۈنكى،ھەممە دۆلەتلەرنىڭ قاتناش قانۇنىدا ھاراق ئىچىپ مەس ھالدا ماشىنا ھەيدەش چەكلەنگەن.بۇ قانۇننى ئاللا بۇرۇن چىقارغانمۇ؟ ياكى دۆلەتلەرمۇ؟ ھازىر يۇرتىمىزدا 100 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،ئۆلۈم كۈنلىرىنى ساناپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە.ھالبۇكى،ئاللا 1400 يىل بۇرۇن “زىنا ھارام” دەپ ئۆزىنىڭ نىكاھلىق ئايالىدىن باشقا ئاياللار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.قايسى سىياسەت توغرا؟ يۇرتىمىزنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا پاشىخانا ئاچقانلارنىڭ سىياسىتى توغرىمۇ؟ ياكى ئاللانىڭ قۇرئاندادىكى “زىنا ھارام” دىگەن سىياسىتى توغرىمۇ؟ توغرا-خاتانى تەجىربە ئارقىلىق كۈرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە مائاش ئۈچۈن خاتا تەرەپتە تۇرۇش ۋە خاتانى ھىمايە قىلىپ،توغرىنى خۇنۇكلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن يارىشىدىغان ئىش ئەمەس.

ۋىجدانىغا يەنىلا مائاشتىن ئىبارەت كويزا-كىشەن سىلىنغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەمەلدار، زىيالى شۇنى بىلىشى لازىمكى؛ئۇيغۇر مىللىتى تۈگەپ كەتسە،يەر يۈزىدە سىلەرنىڭ ھىچقانداق  قىممىتىڭلار قالمايدۇ.چۈنكى،مۇسۇلمان دىندار ئۇيغۇر خەلقى بولغانلىقى ئۈچۈنلا،ھاكىمىيەتنىڭ سىلەردەك دىنسىز  ئەمەلدار, زىيالىلارغا ئىھتىياجى بار.

ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى تومۇر دىسەك، ئۇ تومۇردا ئەقىپ تۇرغان قان ئىسلامدۇر.ئۇيغۇر خەلقى ئىسلامدىن ئىبارەت قورغان ئىچىدىلا بولىدىكەن،بۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى،گۈللەپ-ياشنىشىنى ھەر قانداق شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلارمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.

 

Share
20999 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.