logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر -9

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

 

 9- قۇرئان ۋە يىڭىلىق 

تەبىئەتتە 4 پەسىلنىڭ ئالمىشىپ يېڭلىنىپ تۇرىشى، ياشانغان ئادەم ۋە ياشانغان باشقا جانلىقلارنىڭ ئۆلۈپ،يىڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشى…. ئاللانىڭ قانۇنىيىتىنىڭ يېڭىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

قۇرئان يېڭىلىق يارىتىش، ئىلگىرىلەشنىڭ ھەيدەكچى كۇچىدۇر. قۇرئان جەننەتنى تەسۋىرلىگەندە ،ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان گۈزەللىكلەردىن خۇشخەۋەر بېرىدۇ.ئېقىپ تۇرغان ئۆستەڭ دىمەك-ھەركەت دىمەكتۇر.قۇرئان تۇرغۇنلۇقتىن ئەمەس،ھەركەتتىن سۆز قىلىدۇ.يەرشارى ھەركەتتە،ئاي ھەرىكەتتە،قوياش ھەرىكەتتە،پۈتۈن كائىنات ھەرىكەتتە. “كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەيىر قىلىدۇ” (ياسىن سۈرىسى 38.ئايەت) قەدىمدىن باشلاپ ئۇزۇن تارىخى دەۋرلەر بويىچە ئىنسانلار،يەرشارىنىڭ جىم تۇرىدىغانلىقىنى،قوياشنىڭ يەرشارى ئەتىراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىپ كەلگەن.كىيىن كوپېرنىك ۋە ئارقىدىن گالىلې ،قوياشنىڭ جىم تۇرىدىغانلىقىنى،يەرشارىنىڭ قۇياشنىڭ ئەتىراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ نەزەرىيە پۈتۈن دۇنيا بىلىم ئەھلى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.1930.يىللىرىدىن كېيىن ئەڭ يېڭى مودېل تىلىسكوپلارنىڭ ئىجات قىلىنىشى بىلەن قوياشنىڭمۇ ھەركەت قىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى شۇنىڭ بىلەن ئاسترونومىيە ئىلمىدە ئۆز ئوقى ئەتىراپىدا ئايلىنىۋاتقان يەرشارى ھەركەت قىلىۋاتقان قۇياشنىڭ ئەتىراپىدا ئايلىنىۋاتقانلىغىدىن ئىبارەت يېڭى بىر ئىلمىي نەزىريە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.ۋاھالەنكى، ،قوياشنىڭ ھەرىكەتلىك ھالىتى قۇرئاندا 1400 يىل بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.ئەپسۇسكى،ياسىن سۈرىسىنىڭ 38.ئايىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ،قوياشنىڭ ھەرىكەتلىك ھالىتىنى ئىسپاتلاپ چىققۇچىلار مۇسۇلمان ئەمەس،خرىستىئان ئالىملىرى بولدى.

دېمەك كائىناتتا ھەرىكەتسىز ھېچبىر ماددا يوق.ھەركەت دېمەك–بەرىكەت دېمەكتۇر.ھەركەت دېمەك ھايات دېمەكتۇر.ھەركەت توختىغان يەردە ئۆلۈم بار.ماددىنىڭ ھەرىكەتتىن توختىشى-ئۆلۈم دېمەكتۇر.داۋاملىق ھەركەت بولسا داۋاملىق ئۆزگىرىش دېمەكتۇر.داۋاملىق ئۆزگىرىش،داۋاملىق يېڭىلىق ئەلىپ كېلىدۇ.كائىناتنىڭ ھەركەت قانۇنىيىتى يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىگە قۇرۇلغان.قىرىپ كېتىپ جىسمانىي ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى ئاجىزلىغان،ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش قابىلىيىتىنى يۇقۇتۇپ،ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە يۈك بولۇشقا باشلىغان ئىنسانلارنى ئاللا ئۇ دۇنياغا ئىلىپ كېتىپ ئورنىغا يىڭى بوۋاقلارنى تۇغدۇرۇپ تۇرىدۇ.نېمە ئۈچۈن؟ يېڭى كېلىۋاتقانلارغا پائالىيەت مەيدانى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى؛ ئەگەر دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان بىر دۆلەت رەئىسى بەش يۈز يىل ياكى مىڭ يىل ياشىسا ئىدى،ئۇ رەئىس، بەش يۈز يىل،مىڭ يىل ئۆزىنىڭ كونىراپ قالغان پىكىرلىرىنى خەلققە زورلاپ تاڭاتتى-دە،تەبىئىى ھالدا تەرەققىيات ئالدىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالاتتى.ئاللا،دۇنيانى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرۇش قانۇنىيىتى ئۈستىگە قۇرغان.ئاللا ياراتقان “ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر.” (ئەنبىيا سۈرىسى 35.ئايەت).ئۆلگەننىڭ ئورنىغا ئاللا يىڭى جانلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ.ھەر قانداق بىر يېڭىلىق كونىلىقنىڭ خارابىسى ئۈستىدە يۈكسىلىدۇ.ئىسلام،جاھىلىيەت قاراڭغۇلۇقى ئىچىدىن تۇغۇلدى ۋە يىپ-يىڭى بىر مەدىنىيەت ياراتتى.مەدىنە شەھىرىنىڭ كونا ئىسمى يەسرەپ ئىدى.روسۇلىللا بۇ شەھەرگە مەدىنە دەپ ئىسىم قويدى.مەدىنە سۆزىدىن مەدەنىيەت سۆزى يارالدى.مەدەنىيەت دېگەن سۆزنىڭ ئىچىگە،يېڭىلىق،تەرەققىيات،بىلىم،دېگەن مەزمۇنلار يۇشۇرۇنغاندۇر.

كۆرۈنگەن ھەر بىر شەيئىنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنمىگەن بىر ھەقىقەت ياتماقتىدۇر.ئاللا،تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر بىر ھەقىقىتىدىن بىر يېڭىلىقنى،ھەر بىر يىڭلىقىدىن بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ھەقىقەتكە جان-جەھلى بىلەن ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ھىچبىرسى ھەقىقەتنى ياراتقۇچىلار ئەمەس،بەلكى،ھەقىقەتنىڭ تەختىنى تالاشقۇچىلاردۇر.ئاللانى ئاشكارە رەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى ئۆزلىرىنى ئاللانىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتۇر.(مەسىلەن؛ماركىس،لېنىن،ئىستالىن،ماوزەدوڭ). ئاللانى يۇشۇرۇن رەت قىلغۇچىلار بولسا قۇرئان ئارقىلىق ئۆزلىرىنى “ئەۋلىيا”دەپ كۆتۈرۈپ چىققۇچىلاردۇر.ئۇلارنىڭمۇ ئەسلى مۇددىئاسى ئاللاغا ئورتاق بولۇش ياكى ئاللانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۆمىنلەرنى ئۆزلىرىگە تاۋاپ قىلدۇرۇشتۇر.ئۇلار،ئاللانى،قۇرئاننى پەقەت ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان قالقان سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ،خالاس.(مەسىلەن؛ئاپپاقخوجا ۋە باشقا جاھالەت پىرلىرى…)بۇ ئىككى خىل ئىنكارچىنىڭ مۇددىئاسى ئورتاق،ئۇسلوبى پەرىقلىق.بىرسى ئاشكارە،بىرسى يۇشۇرۇن ئىنكار قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى؛ ئاللانىڭ ھەركەت قانۇنىيىتىنى،يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچلىرىنى توڭلىتىشقا ئۇرۇنۇشتۇر.

قۇرئان ئىنساننىڭ ھاياتىغا،ئەخلاقىغا،سالامەتلىكىگە پايدىلىق بارلىق تەرەققىيات،يېڭىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.مۇسۇلمانلار يېڭىلىق ئالدىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى لازىم.قۇرئاننىڭ پۈتۈن تەلىماتلىرى بۇ دۇنياغا پايدىلىق ئىنسان تەربىيىلەشنى مەخسەت قىلىدۇ.ئەقلى پالەچ قىلىنغان،تەقۋادار،ئامما بىلىمسىز تالايلىغان مۆمىن ئۇيغۇرلار،كىلەچەكنى ساختا ئەۋلىيالارنىڭ گۈمبەزلىرى ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن ئەمەس،قۇرانى-كەرىمدىن ئىزدىشى لازىم.چۈنكى،ھەقىقەت گۈمبەزلەردە ئەمەس،ئاللانىڭ تەلىماتلىرىدىدۇر. “ئاللا ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ نۇرىدۇر.” (نۇر سۈرىسى 36.ئايەت) نۇر دېمەك-ئېنېرگىيە دېمەكتۇر.ئېنېرگىيە كائىناتنىڭمۇ،بارلىق جانلىقلارنىڭمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدۇر. “بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق.بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز.بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يەقىنمىز.” (قاف سۈرىسى 16.ئايەت) سىنىڭ روھىڭنىڭ ئۆزى ئاللانىڭ نۇرىدۇر.ئاللا ساڭا سىنىڭ جان تومۇرۇڭدىنمۇ يېقىن.سىنىڭ ئىھتىياجىڭ بولغان ئېنېرگىيە سىنىڭ ئىچىڭدە بار.سەن ئۇنى ھەرىكەتلەندۈر،يېڭىلىق يارات،يىڭىلىققا توسالغۇ بولما.تاشقىرىدىن كىملەردىندۇ ئېنېرگىيە،يېڭىلىق كۈتۈپ ئولتۇرما! ئەقلىڭنى ۋە ھۇجۇدۇڭنى ھەركەتلەندۈرىۋاتقان كۈچ ساڭا ئائىت.چۈنكى،ئاللا  “بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق.بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز.بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يەقىنمىز.”  دەيدۇ. ئاللا  سىنىڭ ئىچىڭدە،ھەر زايىم سەن بىلەن بىللە.

مەندىن، ئۆزىنى مىللەت سۈيەر دەپ تەرىپلىگەن بىلىملىك بىر ئۇيغۇر يىگىت مۇنداق سۇئال سۇردى؛ “ئاللا قايەردە؟ئەگەر ئاللا بولغان بولسا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق تاشلىۋىتەرمىدى؟”. مەن ئۇنىڭغا شۇنداق جاۋاپ بەردىم؛ “ ئاللا،شۇ كوچىدا يالاڭاياق ئويناۋاتقان يىتىم بالىلارنىڭ تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزلىرىدە،ئەرلىرى شەھىت قىلىنغان شۇ تۇل ئاياللارنىڭ كۆز ياشلىرىدا،زۇلۇمغا،ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقنىڭ دات-پەرياتلىرىدا.سەن يەنە ئاللانى كۆرمەيۋاتامسەن؟

ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛ “ ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا،پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ”.(فۇرقات سۈرىسى 77.ئايەت) ئەگەر بىز ،بىزنى ياراتقان ئاللاغا پەرۋا قىلمىساق،ئاللامۇ بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ.چۈنكى؛” ئاللا بىھاجەتتۇر.سىلەر بولساڭلار مۇھتاجسىلەر.” (مۇھەممەد سۈرىسى 38.ئايەت).ئاللا بىزگە مۇھتاج ئەمەس.بىز ئاللاغا مۇھتاجمىز.

ئاللا؛ “سىلەرگە ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە،ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ” (شۇئەرا سۈرىسى 30.ئايەت) مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.كېچىدىن كىيىن كۈندۈز،قىشتىن كىيىن ياز كېلىدۇ.زالىم تۈزۈم ئىسيانغا ھامىلىدۇر.ئۆزلىرىنى ئاللاغا تەڭلەشتۈرگەن پىرئاۋۇنلار،لىنىن،ئىستالىنلار يوقالدى. بۇ دۇنيادا دوزاخنى ياراتقان تۈزۈملەرمۇ يوقالدى.قاندىن، كۆز ياشلىرىدىن، زۇلۇمدىن ئۇزۇقلۇنۇپ كۈچەيگەن زالىم خىتاي ئىشخالچىلىرىمۇ چوقۇم يوقىلىدۇ. ئاللا دۇنيانى يېڭىلاپ تۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە.

Share
3603 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.