logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-4

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

4- قۇرئان – ئەركىنلىكنىڭ مەشئىلىدۇر

قۇرئاندا ئاخىرەت،جەھەننەم كۈنلىرى بىلەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئايەتلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى دەلىل كۆرسىتىپ “ئىسلام دىنى ۋەھىمە دىنى” دېيىشىدۇ.

قۇرئاندا ئاللادىن قورقۇش توغرىسدىكى ئايەت كۆپ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ “مەندىنلا قورقۇڭلار.” (بەقەرە سۈرىسى 40.ئايەت) نىمە ئۈچۈن؟ “ ئۇلار (زالىملار)دىن قورقماڭلار،مەندىن قورقۇڭلار.” (بەقەرە سۈرىسى 150.ئايەت) “كىشىلەردىن قورقماڭلار،مەندىن قورقۇڭلار.” (ماىدە سۈرىسى 44.ئايەت).زالىملاردىن،كۈچلۈكلەردىن ئەمەس،پەقەتلا “ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان،تىرىكنى ئۆلتۈرىدىغان” ئاللادىن قورقۇش،بۇ دۇنيادا ئىنسانى ئەخلاق،ئىنساپ،ۋىجدان يولىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان قامچىدۇر.سىز تەنھا ئولتۇرۇپ شۇنداق ئويلاپ بېقىڭ؛ سىزگە ئۆلۈم يېقىنلاشتى.ياخشى كۆرگەن ئايالىڭىز،بالىلىرىڭىز،تۇغقان،دوس-بۇرادەرلىرىڭىز،شان-شۆھرىتىڭىز بۇ دۇنيادا قالىدۇ.سىز ئۆلۈپ كېتىسىز،سىزنى تۈپىنىڭ ئاستىغا كۆمۈۋېتىدۇ.سىزنىڭ بايلىقىڭىز،كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىڭىز،كۇچ-قۇدىرىتىڭىز سىزگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئۆلۈمنى توسۇپ قېلىشقا ئاجىز…. سىز بۇ ئويلارنى ئويلاۋاتقاندا يۈرۈگىڭىزنى قورقۇنچ قاپلىمامدۇ؟ سىز قورقىسىز،ھەممىمىز قورقىمىز.ئاللا قورقىسى دېگەن ئەنە شۇ.بارلىق ئايەتلەر” مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن” دېگەن جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ.مىھرى-شەپقەت ئىگىسى ئاللانىڭ ئىنساننى قورقۇشقا ئېھتىياجى بارمۇ؟ يەر يۈزىدىكى مەخلۇقلار ئىچىدە ئىنسان ئويلىيالايدىغان،سۆزلىيەلەيدىغان ھەم ئەڭ ئالىجاناپ ھەم ئەڭ ۋەھشى مەخلۇقتۇر.ئۇنىڭ ئىلاھى مېھرى-شەپقەتكە ئېھتىياجى بولغىنىغا ئوخشاش،قورقۇتىدىغان ئىلاھى قۇدىرەتكىمۇ ئېھتىياجى بار.قورققۇچى قورقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ.بوي سۇنغۇچى بوي سۇندۇرغۇچىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدۇ.

ئاللادىن قورقۇش،ئاللاغا ئىتائەت قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.ئاللاغا ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللانىڭ قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشتا سادىق كىشىلەردۇر.ئاللاغا سادىق كىشىلەر،ئاللا ياراتقان كائىناتقا ۋە جانلىقلارغا پايدىلىق كىشىلەردۇر.

ئاللا ئىنسانلارغا “كىشىلەردىن قورقماڭلار،مەندىن قورقۇڭلار” دەپ خىتاب قىلىش ئارقىلىق ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا ئەركىن يارىتىلغانلىغىنى،روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئەركىن ياشىشى كېرەكلىكىنى بىزگە خاتىرىلىنىدۇ.ئاللادىن قورقۇش دېمەك،ئاللادىن باشقا ھېچكىمدىن،ھېچقانداق كۈچتىن قورقماسلىق دېمەكتۇر.ئاللا ئىنسان روھىنى ئەنە شۇنداق ئەركىن ياراتقان.قەيەردە ئىنسان روھىنىڭ ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولسا ،ئۇ يەردە كەشپىيات بار،تەرەققىيات بار، ئادالەت بار،باياشاتلىق بار،بەخت بار.قەيەردە ئىنسان روھى قەپەزدە بولسا،ئۇ يەردە كەشپىيات يوق،پالچىلىق بار.تەرەققىيات يوق،تۇرغۇنلۇق بار.يۇرۇقلۇق يوق،جاھالەت بار.باياشاتلىق يوق،يوقسۇللۇق بار. ئادالەت يوق،ئادالەتسىزلىك بار.ھۇزۇر يوق،جېدەل بار.باخىت يوق،بەخىتسىزلىك بار.

ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ تەشنالىقىنى سۇ قاندۇرغاندەك،ئىنسان روھىنىڭ تەشنالىقىنى ئەركىنلىك قاندۇرىدۇ.روھنىڭ ئوزۇقى ئەركىنلىكتۇر.ئاللانىڭ “مەندىن قورقۇڭلار”دېگەن چاقىرىقى ئەسلىدە مەندىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماڭلار دېگەن چاقىرىقتۇر.

ئاللانىڭ ئاخىرەتتىكى جەننەت،جەھەننەم ئارقىلىق ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادا ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشى،خۇددى ئاتا-ئانىنىڭ بوۋاق بالىنى ئوتتىن،قايناق سۇدىن ۋە باشقا خەتەردىن مۇھاپىزەت قىلىپ پەرۋىش قىلغىنى بىلەن ئوخشاش مىھرىۋانلىقتۇر.قۇرئان،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ تاللىشىدىكى سەۋەبنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ؛ “ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۇلارنى(مۇسۇلمانلارنى) ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ.يامان ئىشتىن توسىدۇ.ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ.ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق،كويزا-كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ.” (ئەراف سۈرىسى 157.ئايەت) قۇرئان ھۆكمىگە كۈرە،پەيغەمبەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدىن بىرى ئىنسانلارنى “سېلىنغان تاقاق،كويزا-كىشەنلەردىن توشۇتۇش”تۇر.يەنى،ئىنسانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ روھىنى ئازات قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتىلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.شۇڭا بىز،ئىسلام دىنى ئەركىنلىك دىنىدۇر، ئىسلام پەيغەمبىرى ئەركىنلىك پەيغەمبىرىدۇر،قۇرئان ئەركىنلىكنىڭ مەشئىلىدۇر،دەيمىز.

ئىنسان ئەركىن بولغاندىلا ئەركىن تەپەككۇر قىلالايدۇ.ئەركىن تەپەككۇر،ئىنساننى ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدا ئەركىن قەدەم بەسىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.ئىنساننىڭ ھەقىقەتنى تونۇش جەريانى،تەبىئەت دۇنياسىنى،كائىناتنى، ياراتقۇچى قۇدرەتنى تونۇش جەريانىدۇر.

پەيغەمبەرلەر،داھىلار،پەيلاسوپلار،كەشپىياتچىلار،ئالىملار،ئىنجىنىرلار،قەھرىمانلار…. قىسقىسى دەۋىر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئەركىن روھقا ئىگە كىشىلەردۇر.قۇللۇق روھىغا ئىگە كىشىلەر دەۋر چاقىنىڭ كىچىك پارچىلىرى بولالايدۇ،ھەرگىزمۇ دەۋىرنىڭ موتۇر كۈچى بولالمايدۇ.دىن،ۋەتەن،مىللەت خائىنلىرى يەنىلا قۇللۇق روھىغا ئىگە كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىدۇ.

قۇرئاندىكى ئەڭ زور ساۋابلىق ئىبادەتنىڭ بىرى قۇل ئازات قىلىشتۇر. “ئۇ داۋان ئاشمىدى.داۋان ئەشىشنىڭ نىمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ (داۋان ئەشىش دىگەن) قۇل ئازات قىلماقتۇر” (بەلەد سۈرىسى 11-12-13.ئايەت) مۇسۇلمان ئۈچۈن داۋان ئەشىش ناماز قىلىش،روزا تۇتۇش،ھەج قىلىش ئەمەس،بەلكى قۇل ئازات قىلىشتۇر.ياكى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ قۇلدەك چارىسىز قالغان ئىنسانلارنى ئازات قىلىشتۇر.دۇنيادا تۇنجى قۇل ئازات قىلغان كىشى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزدۇر.روسۇلىللا ،ھ ز. خەدىچە بىلەن توي قىلغاندا ھ ز. خەدىچە تەرىپىدىن سوغا قىلىنغان قۇل زەيىدنى پەيغەمبەرلىك ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇنلا ئازات قىلىۋەتكەن ئىدى.قۇرئاننىڭ ھۆكمى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ھ ز. ئابابەكىر، ھ ز. ئوسمانلار بارلىق ئىختىسادىنى سەرپ قىلىپ مەككە كاپىرلىرىنىڭ قولىدا ئازاب چېكىۋاتقان قۇل مۇسۇلمانلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئازات قىلىۋەتكەن.

ئىسلام دىنى دۇنياغا تارقىلىۋاتقان دەۋرىدە مەتبۇئات يوق ئىدى.بۇگۈنكى ئۇچۇر،تەشۋىقات ۋاستىلىرى ھىچ يوق ئىدى.قۇرئان ئايەتلىرى پارچە-پارچە ئۆچكە تېرىلىرىگە يېزىلىپ ساقلىنىۋاتقان بىر دەۋىردە قۇرئان ئايەتلىرى،دىنى بلىملەر 3 قىتئەگە شامالدىن تىز تارقالدى.مەدىنىدىكى بىر نەچچە ئونمىڭ مۇسۇلمان جامائىتىدىن 50 يىلغا بارماي بىر نەچچە يۈز مىليونلاپ مۇسۇلمان دۇنياسى ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ مۆجىزىنىڭ سىرى نېمە ئىدى؟ سىر شۇ ئىدى؛ئىسلام بايرىقى يىتىپ بارغانلا يەردە ،قۇرئان ھۆكمى بىلەن ئىنسانلارنى “تاقاق،كويزا-كىشەندىن بوشۇتۇش”ئى،قۇللارنىڭ ئازات قىلىنىشى،ئىزىلگەنلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشى،زالىملارنىڭ يوق قىلىنىشى ئىدى.

قۇرئان شۇنداق تەلىم بىرىدۇ؛ “ئاللانى سۈيۈش يۈزىسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا (ئۇرۇق تۇققانلارغا)،يېتىملەرگە،مىسكىنلەرگە،ئىبىن سىپىللەرگە،ساىللارغا،قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش،ناماز ئۇقۇش،زاكات بېرىش،ئەھدىگە ۋاپا قىلىش،يوقسۇزلۇققا،كېسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەللەرگە كىرىدۇ.ئەنە شۇلارراستچىل ئادەملەردۇر.ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر.” (بەقەرە سۈرىسى 177.ئايەت) ئاللانىڭ ئايىتىدە “قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئىرىشىشىگە پۇل-مال سەرىپ قىلىش” بولسا،”ناماز ئوقۇش،زاكات بىرىش” جۇملىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان.قۇللۇق تۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم بىكار قىلغان ھاكىمىيەت ئىسلام خەلىپىلىگىدۇر.

قۇرئان،ئىنسانلارنى ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئەركىن جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى مەخسەت قىلغان.ئەركىن ئىنسانلار ۋۇجۇتقا كەلمەي تۇرۇپ ئەركىن جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللا ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە شۇنداق ئەمىر قىلدى ؛ “ قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغىن.” (ئىبىراھىم سۈرىسى 5.ئايەت

ئەپسۇسكى يۇرتىمىزدا نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئىسلام نامى ئاستىدىكى خۇراپاتلىق،خەلقىمىزنىڭ روھىنى،ئەقلىنى ۋە گەۋدىسىنى چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغان كويزا- كىشەنگەئايلاندى.ۋاھالەنكى،قۇرئان ئىنسانلارنى باغلاپ تۇرغان كويزا-كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.پەيغەمبەر،ئىنسانلارنى “قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقىرىش” ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىدى.بىزدىكى “ئىسلام ئۆلۈمالىرى” ئاتالغان جاھالەت پىرلىرى،قۇرئاننى ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇققا باشلاشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلەتتى.

ئەركىنلىكتىن مەھرۇم جەمئىيەتتە ئالدى بىلەن پىچەتلىنىۋەتىدىغان بايلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقىلدۇر.ئەقىل-ئىدىراكنىڭ ھەركەت قىلىنىشى چەكلەنگەن جەمئىيەتتە،ئىنسانلار جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش ئەمەس،ئەكسىچە جەمئىيەتنىڭ يۈكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ۋە تەييار نان بېرىدىغان ياۋروپاغا توپ-توپ قېچىپ كېتىۋاتقان،ھەتتا تەييار نانغا ئېرىشىش يولىدىكى ھايات-ماماتلىق كۈرەشتە دېڭىزلاردا كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن كىمىلەردە يۈزلىگەن مۇسۇلمان جەسەتلىرىنىڭ دېڭىزلاردا لەيلەپ قالغان مەنزىرىلەرگە قاراپ بېقىڭ.

ئەقىل بىلەن ئىلاھى ۋەھىنى بىر بىرىگە زىت ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەسىرلەردىن بىرى ھىلى-مىكىر ئويدۇرۇپ رىياكارلىقنى ئەۋلىيالىق سەرمايىسى قىلىپ ياشاۋاتقان “ئۆلىمالار” قوللىرىدىكى تەسۋىنىڭ ھىندىستان بۇددىزىمىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەنلىگىنىمۇ بىلگۈچىلىك ساۋاتقا ئىگە ئەمەس.(رەسۇلىللامۇ،ساھابىلەرمۇ تەسۋى ئىشلىتىپ باققان ئەمەس.

دۇنيانىڭ بىرمۇنچە يەرلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قەنى سۇ بۇلۇپ ئېرىق-ئۆستەڭلەردە ئەقىۋاتقان،جەسەتلىرى كۆمۈشكە ئۈلگۈرەلمەي قاغا-قۇزغۇنغا يەم بۇلۇۋاتقان بۇگۈنكى شارائىتتا ھىچ نۇمۇس قىلماي “تەرەتتىن كېيىن بىر چالما تۇتۇش سۈننەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ ياكى ئىككى چالما تۇتۇش ئۇيغۇنمۇ؟” دەپ ھەپتىلەپ،ئايلاپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ساقاللىق بۇۋاقلىرىمىز بار.بۇنداق موللىلار بار يەردە جەننەت يوقتۇر. سۈننەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى مۇسۇلماننىڭ ئەركىنلىگىدۇر.

ئاللاھ مۇنداق خىتاب قىلىدۇ؛“ھېچقانداق ئىشنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بىر قۇل،بىز رىزىق ئاتا قىلغان ۋە ئۇنى يۇشۇرۇن ياكى ئاشكارە يۇسۇندا سەدىقە قىلىپ تۇرغان (ھۆر-ئەركىن) ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟” (نەھىل سۈرىسى 75.ئايەت) قۇل ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ئىنساندۇر.خۇجايىنى تەرىپىدىن ئۆي ھايۋانلىرى قاتارىدا كۆرۈلىدۇ.ئۇنىڭ “ھېچقانداق ئىشنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان”لىقى،ئۇنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ تامامەن يۇقۇتىلغانلىغىدىندۇر.”ھۆر-ئەركىن ئادەم” ئىشلەپ چىقارغۇچى،بايلىق ياراتقۇچى ۋە ياراتقان بايلىقىنى ئېھتىياجى بولغانلارغا سەدىقە قىلىپ بەرگۈچى كىشىدۇر.يەنى ئەركىن ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچى،قۇل ئادەم جەمئىيەتتە ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئويلاپمۇ قويمىغان ئىنساندۇر.

قۇللۇق ئىنسان تەبىئىتىنى ھايۋانلاشتۇرىدۇ.شۇڭا ئاللا زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان قۇللارنى لەنەتلەيدۇ؛ “ئاللانىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى گاس بۇلىۋالغان،گاچا بولىۋالغان،ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر.” (ئەنفال سۈرىسى 22.ئايەت) قۇرئان ئايىتى يۇقارقى كىشىلەرگە “ھايۋان”دېگەن سۈپەتنى بەرگەن. “ئەقىلنى يوقاتقان كىشىلەر”نى ئۇيغۇر تىلىدا ساراڭ دەيمىز.ساراڭلارنىڭ ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ئىقتىدارى يوقتۇر.زۇلۇمغا ئىنكاس قايتۇرماي “گاس بولىۋالغان،گاچا بولىۋالغان”كىشىلەر بولسا،پەقەتلا ھايۋانغا ئوخشاشلا يەپ-ئىچىش ئۈچۈنلا ئاللا بەرگەن ئاڭلاش،سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن ئۆزلىگىدىن ۋاز كەچكەنلەردۇر.شۇڭا ئاللا بۇ خىل ئىنسانلارنى “ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى”دەپ تەرىپلەيدۇ.قۇللارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىدىن پەرقى يوقتۇر.

ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى ھېچقانداق ماددىي ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس.ئاللا،ئىنسان روھىنى ئەركىن ياراتتى.سىز ئۇچالمايسىز،ئامما خىيالىڭىز ئۇچىدۇ.سىز بىر يەردە تۇرسىڭىزمۇ خىيالىڭىز دۇنيانى كېزىدۇ.روھنى قەپەزدە تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس.پەقەت قۇللارنىڭ روھىلا قەپەزگە ئۈگەنگەن بولىدۇ.

پەيغەمبەرلەر تارىخى قۇللارنى ئازات قىلىش،قۇللۇق روھىنى ئازات قىلىش تارىخىدۇر.قۇللار ئىچىدىن پەيغەمبەر چىققان ئەمەس.ئامما،پەيغەمبەرلەر قۇللارنى ئازات قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.قۇرئان رىۋايىتىگە كۆرە؛مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان يەھۇدىلار مىسىردا 400 يىل قۇللۇق ھاياتتا ياشىغان ئىدى.مىسىر پادىشاھى پىرئون يەھۇدىلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىسيان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن،يەھۇدىلارنىڭ يەڭى تۇغۇلغان قىزلىرىنى ئەلىپ قىلىپ، ئەركەك بۇۋاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش پەرمانى چىقارغان ئىدى.مۇسا ئەنە شۇنداق دەۋىردە قۇل يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى.بىراق مۇسانىڭ ئانىسى بوۋاقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن قورقۇپ بىر ساندۇق ياساپ بوۋاقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە سىلىپ ساندۇقنى نىل دەرياسىدا ئىقىتىۋەتتى.ئاللا،ئېقىپ كېتىۋاتقان مۇسانى پىرۋوننىڭ سەيلىگە چىققان ئايالىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىغا مۇيەسسەر قىلدى.ساندۇقنى كۆرگەن پادىشانىڭ ئايالى خىزمەتچىلىرىگە ساندۇقنى سۈزۈپ ئالدۇردى.بۇۋاقنى ئۆيىگە ئەلىپ كىتىپ بالا قىلىپ بېقىۋالدى.مۇسا پادىشاھنىڭ سارىيىدا ئېسىلزادە بولۇپ يېتىشتى.بارلىق يەھۇدىلار قۇل ئىدى.يالغۇز بىرلا يەھۇدى ئەركىن ئىدى،ئۇ بولسىمۇ مۇسا ئىدى. ئاللا مۇسانى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى ۋە يەھۇدىلارنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ ئۆز يۇرتلىرىغا ئەلىپ كېتىش ۋەزىپىسىنى مۇساغا تاپشۇردى.

مۇسا پەيغەمبەرلىككە تاللىنىش ھارپىسىدا ئەركىنلىك ئىزدەپ يولغا چىققان سەپىرى قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ؛ “ئۆز ۋاختىدا مۇسا ياش خادىمغا (يەنى يۇشئە بىن نۇنغا) “ئىككى دەريانىڭ قۇشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشنى توختاتمايمەن.ئۇزاققىچە مەڭىۋىرىمەم.”دېدى.ئۇلار دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يىتىپ بارغاندا،بىلىقنى ئۇنتۇپ قالدى.بېلىق دەرياغا يول ئەلىپ كىرىپ كىتىپ قالدى.ئۇلار (ئىككى دەريانىڭ قۇشۇلىدىغان جايىدىن)ئۆتكەندە مۇسا ياش خادىمغا: “ئەتتىگەنلىك تامىغىمىزنى ئەلىپ كەلگىن.بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چەرچاپ كەتتۇق.” دىدى. ياش خادىم: “بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا (يۈز بەرگەن ئىشتىن يەنى پىشۇرۇرلغان بىلىقنىڭ تىرىلىپ سىۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دەرياغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىززىق ئىشتىن)خەۋىرىڭ بارمۇ؟ بىلىقنىڭ (ئاجايىپ ۋەقەسى)نى ساڭا ئېيتىشىنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ.بىلىق دەرياغا ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى.” دىدى.مۇسا: “بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىزمۇ دەل شۇ ئىدى.” دىدى-دە، كەلگەن ئىزى بۇيىچە كەينىگە يېنىشتى.” (كەھىف سۈرىسى 62-63.ئايەت) قۇرئاندا مۇسا بىلىق كەتكەن تەرەپكە ماڭغاندا خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچۇراشقانلىغى بايان قىلىنىدۇ. بىلىقنىڭ سۇغا ئىرىشىشىشى ھاياتلىققا،ئەركىنلىككە ئېرىشىش دىمەكتۇر.مۇسا بىلىقنىڭ مۆجىزىلىك بىر شەكىلدە تىرىلىپ دەرياغا قاراپ يول ئالغانلىغىنى بىلگەندىن كەيىن “بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىزمۇ دەل شۇ ئىدى” دەيدۇ ۋە بىلىق ئەركىنلىككە ئىرىشكەن تەرەپكە قاراپ ئەركىنلىك ئىزدەپ ماڭىدۇ.ئەركىنلىك يولىدا خىزىر بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ پەيغامبەرلىككە تاللىنىدۇ.قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن قۇرۇتۇلغان بىلق،روھى ئۆلگەن بىر مىللەتنىڭ يەنى، يەھۇدىلىارنىڭ ئۆلگەن روھىنىڭ سىمۇۋىلى.قۇرۇتىلغان بىلىقنىڭ تىرىلىپ سىۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دەرياغا كىرىپ كىتىشى،ئۆلگەن مىللى روھنىڭ يەنى،يەھۇدىلارنىڭ ئۆلگەن روھىنىڭ قايتا تىرىشىنىڭ سىموۋىلىدۇر. ئامما ،400 يىللىق قۇللۇق ئاسارىتى ئاستىدا تامامەن ئۆلگەن مىللى روھنى تىرىلدۈرۈشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىگىنى قۇرئان تەپسىلى بايانلار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ؛مۇسا پەرغەمبەر ئاللانىڭ يەردىمى بىلەن ھەددى-ھىساپسىز قىيىنچىلىقلارنى ئېشىپ يەھۇدىلارنى مىسىردىن ساق-سالامەت ئەلىپ چىقىپ ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرىدۇ.يەھۇدىلار ئەركىنلىككە ئىرىشكەنلىگىگە شۈكىرە قىلىش ئورنىغا،مۇساغا يىڭى-يىڭى تەلەپلەرى قويۇپ ئۆز پەيغەمبىرىگە تاقەت قىلغۇسىز بەسىملارنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.مۇسا پەيغەمبەر،قەۋمىنى ئىنىسى ھارۇننىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشنى تاپىلاپ ئۆزى تۇر تېغىغا ئاللادىن كىلىدىغان ۋەھىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەندە،يەھۇدىلار مىسىرلىقلارنى ئالداپ ئەلىپ چىققان ئالتۇنلارنى ئىرىتىپ مۇزاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ ئۇ ھەيكەلگە چۇقۇنۇپ ئىبادەت قىلىشقا باشلايدۇ.(قۇرئان يەھۇدىلارنىڭ بۇ سەپىرىدىكى ھىكايە ئارقىلىق، يەھۇدىلارنىڭ پۇلغا چوقۇنۇش،پۇلنى خۇدا دەپ بىلىش پىسخولوگىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇن باشلانغانلىغىنىڭ بىشرەتلىرىنى بىرىدۇ)مۇسا تۇر تېغىدىن تەۋراتنى ئەلىپ كەلگەندە بولسا يەھۇدىلار ئاللابۇرۇن دىندىن يەنىۋەلىپ كاپىر بۇلىۋالغانلىغىنى كۆرىدۇ.بۇ توغرۇلۇق قۇرئاندا مۇنۇ ئايەتلەر بايان قىلىنىدۇ: “ئەي قەۋمىم!ئاللا سىلەرگە بەرگەن نىمىتىنى ياد ئىتىڭلار…ئەي،قەۋمىم!ئاللا سىلەرگە تەقدىر قىلغان مۇقەددەس زىمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە)كىرىڭلار.ئارقاڭلارغا چىكىنمەڭلار.بولمىسا (ئىككى دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.ئۇلار “ئەي مۇسا! مۇقەددەس زىمىندا كۈچلۈك بىر قەۋىم بار.ئۇلار چىقىپ كەتمۈگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز.ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چۇقۇم كىرىمىز.”دىدى.ئاللادىن قورققۇچىلاردىن بولغان،ئاللانىڭ نىمىتىگە ئىرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالىب ئىبىن يەفۇننە بىلەن يۇشە بىن نۇن) ئۇلارغا “ (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىسەڭلار چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر.ئەگەر (ئاللانىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار،ئاللاغا تەۋەككۇل قىلىڭلار.دىدى.ئۇلار؛(يەھۇدى قەۋمى) “ئەي مۇسا!مادامكى،ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز.سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىلە بەرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار.بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى.” دىدى.مۇسا دىدى: “پەرۋەردىگارىم!مەن پەقەت ئۆزەمگە ۋە قەرىندىشىمغىلا ئىگەمەن.سەن بىز بىلەن (ئىتىقادىڭدىن باش تارتقان) قەۋىمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن.” دىدى. ئاللا دىدى: “ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى.”(بۇ جەرياندا) ئۇلار زىمىندا ئادىشىپ يۈرۈيدۇ.پاسىق قەۋىم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن.” (مائىدە سۈرىسى 200-21-22-23-24-25.ئايەت)مۇسا پەيغەمبەر گەرچە ئاللا ئاتا قىلغان ھىكمەتلەر سايىسىدا 400 يىل قۇللۇقتا ياشاپ ۋەتەننىڭ،ئەركىنلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى تامامەن ئۇنۇتۇپ كەتكەن يەھۇدى قەۋمىنى ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرگەن بولسىمۇ،يەھۇدىلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە قوللۇق پىسخولوگىيەسىگە ئادەتلىنىپ كەتكەنلىگى،ئۇلارغا ئەركىنلىكنىڭ،ۋەتەننىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەس ئەھۋالغا كىلىپ قالغانلىغى،ۋەتەننى “پەرۋەردىگارىڭ بىلەن ئىككىڭلار ئۈرۈشۈپ ئەلىپ بىرىڭلار.بىز ئولتۇرۇپ تۇرايلى” دەپ،ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈ،ۋەتەن دۈشمەنلىرىگە بولغان نەپرەتنى تامامەن ئۇنۇتۇپ كەتكەنلىگى مۇسا پەيغەمبەرنى قاتتىق ئۈمىتسىزلەدۈرۈدۇ ۋە ئاللاغا “ سەن بىز بىلەن قەۋمىمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن.”(يەنى كۆڭلۈمدىكى قەۋىم سۆيگۈسىنى چىقىرىۋەتكىن،ئۇلارنىڭ ئازاۋىنى ئويلاپ مەن ئازاپلانماي) دەپ يالۋۇرىدۇ.ئاللا:”ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلندى” دىگەن ئىلاھى ھۈكۈمنى چىقىرىدۇ ۋە مۇسانىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولماسلىغى ئۈچۈن “پاسىق قەۋىم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن”دىگەن ئايەت بىلەن تەسەللى بىرىدۇ. يەھۇدىلار 40 يىل سىنا چۆلىدە ئادىشىپ يۈرۈيدۇ.بۇ جەرياندا قۇللۇققا ئادەتلىنىپ قالغان بىر ئەۋلاد ئاساسەن ئۆلۈپ تۈگەپ،قۇللۇقنى كۆرمىگەن يىڭى بىر ئەۋلاد تۇغۇلۇپ يىتىشىدۇ.

بۇ يۇقارقى ئايەتتىن قۇللۇق پىسخولوگىيەسىگە ئادەتلىنىپ قالغان خەلىقنى بۇ روھى مەسلىكتىن ئويغۇتۇشنىڭ قانچىلىك مۇشاققەتلىك بىر تارىخى جەريان ئىكەنلىگى بىزگە قىسىسە سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ.ئۇيغۇر يول باشچىلار ئۈچۈن قۇرئاندىكى بۇ ئىلاھى ھىكايە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بەلەد سۈرىسىدىكى “فەككۇ راقەبە” سۆزى ئەنئەنىۋى تەپسىرلەردە “قۇل ئازات قىلىش” دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە.بۇ قۇرئان مەزمۇنىغا ئۇيغۇن تەرجىمىدۇر.بىراق، “فەككۇ راقەبە” دىگەن سۆز ئەسلىدە؛بوينى باغالاغلىق بولغانلارنىڭ بوينىدىكى تاسمىنىڭ يىشىۋەتىلىشى،بويۇندۇرۇقنىڭ ئاجىرتىلىپ چىقىرىلىشى،دىگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.”فەككۇ راقەبە” سۆزىنىڭ توغرىدىن –توغرا ئۇيغۇرچە مەنىسى “ئەركىنلىكتىن مەھرۇملارنىڭ ئەركىنلىككە ئىرىشتۈرىلىشى،” دىمەكتۇر.بۇ سۆز قۇرئاندا ئىشلىتىلگەن باشقا سۆزلەردەك كۆپ مەزمۇنلۇق ھىكمەتكە ئىگە.قايسى زامان،قايسى زىمىندا بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر،ھەر زامان،ھەر يەردە روھى ۋە جىسمانى بويۇنتۇرۇقلارنى بويۇندىن ئاجىرتىش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتىدۇر.

ئىنسان بولۇشنىڭ ئەڭ ئالى پەزىلىتى،ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىگىنى توسقۇچى تۇسالغۇلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۇچ چىقىرىشتۇر.ئەركىن بولمىغان ئىنسان ئاللانىڭ ئالدىدا ھۇزۇر ئىچىدە ئىبادەت قىلىش شارايىتىغا ئىرىشەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئانى كەرىم ئىنساننىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن ياندۇرۇلغان مەشلدۇر دەيمىز.

قۇرئان ئۆتمۈشنىڭ ھىكايىلىرى ئەمەس،بەلكى،كىلەچەكنى يۇرۇتقۇچى مەشئەلدۇر. قۇرئان ئىزىلگەن،ئادالەتسىزلىككە ئۇچىرىغان ئىنسانلارنى ئەركىنلىك،ئادالەتكە چاقىرغۇچى ساداسى ئەبەدى پەسەيمەيدىغان ئىلاھى سىگىنالدۇر.

Share
3490 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.