logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-3

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

3. قۇرئان ۋە ئەقىل

قۇرئان ئەقىلغا خىتاب قىلغان كىتاپتۇر.چۈنكى،ئاللا ئىلاھى كىتابلارنى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئىنسانغا ئەقىلنى بەخىش ئەتتى . ئىنسانلارنى ئەزىز قىلغان ئەقىلدۇر

قۇرئان ئايەتلىرى نازىل بولۇشقا باشلىغاندا،ئىنسانىيەت ئۇزۇن بىر تارىخى باسقۇچنى ۋە بىر قانچە تەرەققىيات دەۋرىنى بىسىپ ئۆتۈپ بولغان ئىدى.قۇرئاندا پات-پات تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان “دىڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر…” (راخمان سۈرىسى 24.ئايەت) ئەقىلنىڭ مەھسۇلى ئىدى.قۇرئان ئاللا تەرىپىدىن ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ۋەھى بولسا،ئەقىل ئىنسانلارنى ياراتقاندا،ئىنساننىڭ روھىغا سىڭدۈرۈپ بىرىلگەن ۋەھىدۇر.شۇڭا قۇرئان ئايەتلىرى ئەقلى يوق ھايۋان ۋە باشقا جانلىقلارغا ئەمەس،ئەقىل بىلەن يارىتىلغان ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن نازىل بولدى.

قۇرئان بىۋاستە ياكى پاكىتلار كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىنساننى ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرىدۇ . “پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللا ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ.” (يۇنۇس سۈرىسى 100.ئايەت) ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن،پىكىر يۈرگۈزمىگەنلەرنى ئاللا ھەقىقەتەن ئازاپقا گىرىپتار قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. “سىلەرگە نىمە بولدى؟…. پىكىر قىلمامسىلەر؟” (ساففات سۈرىسى 153-154.ئايەت) ئاللا بۇ ئايەتنى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ قولىقىغا پىچىرلاۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ كىشى.پىكىر قىلىش دېگەن،نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سۇئال سوراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.ئالدى بىلەن ئۆز ئۆزەڭدىن سۇئال سور! مەن كىم؟ بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپەم نىمە؟ سەن ئۆزەڭدىن سۇئال سورىمىساڭ،باشقىلاردىن سۇئال سورىمىساڭ پەقەتلا سۇئال سورىغۇچىلار ئالدىدا جاۋاپ بەرگۈچى بولۇپ قالىسەن.ئاللا سېنى سوتچىنىڭ ئالدىدىكى گۇناھكار،پادىچىنىڭ ئالدىدىكى پادا قىلىپ ياراتقىنى يوق.پەيغەمبەر نۇر تېغىدىكى ھىرا غارىدا كىچە ۋە كۈندۈزلىرىنى تەپەككۈر قىلىپ ئۆتكۈزگەن كۈنلەردە تۇنجى ۋەھى كەلمىدىمۇ؟ مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىغا چىقىپ سۈكۈت ئىچىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقاندا تەۋرات ئايەتلىرى چۈشمىدىمۇ؟

ئاللا ھىچبىر پەيغەمبەرگە ئاسماندىن بايلىق چۈشۈرۈپ بەرمىدى.ئامما پەۋقۇلئاددە مول ئەقىل بەردى.ھ ز.ئىبراھىمغا پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتى بېرىلىشتىن بۇرۇن ئاللا ئۇنىڭغا نېمە بىلەن خوش خەۋەر بەردى؟شۇ ئايەتنى ئوقۇپ كۆرەيلى: “ئۆز ۋاختىدا پەرىشتىلەر ئىبىراھىمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام بەردى ئىبراھىم “بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز.” دېدى.ئۇلار “قورقمىغىن.بىز (پەرۋردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز) ھەقىقەتەن ساڭا ناھىيىنى بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بىرىمىز.” (ھىجىر سۈرىسى 52-53.ئايەت) ئاللا ئىبراھىمغا، مال-دۇنيا،ياكى ئەسكەر،قۇرال،بىرىمەن دەپ ئەمەس،ساڭا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىرىمەن،دەپ ۋەدە بىرىدۇ.قۇرئاننىڭ مەركىزىدە ئەقىل،بىلىم ياتماقتا.

قۇرئاندا يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى تەپەككۇردۇر.كائىنات ئاللانىڭ تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلىدۇر. “ئاللا ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى يوقتىن بەرپا قىلغۇچىدۇر.بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا “ۋۇجۇتقا كەل” دەيدۇ-دە،ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.” (بەقەرە سۈرىسى 117.ئايەت) بىر قۇرۇلۇش ئىنجىنىرى ئەگەر بىر بىنانىڭ سخېمىسىنى سىزماقچى بولسا،بىنانىڭ تاشقى ۋە ئىچكى شەكلى ،مودېلى ئىنجىنىرنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۇنىڭ خىيالىدا جانلىنىدۇ.ئاندىن ماتېماتكىلىق ھېسابلاش،گىيومىتىرلىق سىزىش ئارقىلىق بىنانىڭ چىرتوجى ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللا،ئالدى بىلەن تەپەككۇر ئارقىلىق كائىناتنىڭ مۇكەممەل شەكلىنى تەسەۋۇرىدا خىيالىغا كەلتۈردى-دە،ئاندىن “ۋۇجۇتقا كەل!” دىدى.شۇنىڭ بىلەن كائىنات قۇسۇرسىز ئاللانىڭ تەسەۋۋۇرىدەك ۋۇجۇتقا كەلدى.ئەقىل،ئەقىل ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى،ئاللا تەرىپىدىن ئىنسان روھىغا بېغىشلانغان ئەڭ ئۇلۇغ نىمەتتۇر.

يۇقىرىقى ئايەتتە بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى “ئىرادە” ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.ئىرادە بولماي تۇرۇپ تەپەككۇر،تەسەۋۋۇر رېئاللىققا ئايلانمايدۇ.ئەقىلنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدىغان كۈچنىڭ ئىسمى-ئىرادىدۇر.

ئاللا-تاالا،ئەقىللىق،مۇتەپەككۇر ئىنسانلارنى “ئالىم” دەپ ئاتىدى. “كۆر ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟” (ئەنئام سۈرىسى 50.ئايەت) دېيىش ئارقىلىق بىلىملىك ئادەمنى مەدىھەلىسە،ناداننى قامچىلىدى.ھەتتا “نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار” (يۇنۇس سۈرىسى 89.ئايەت) دىيىش ئارقىلىق نادانلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە قانچىلىك خەتەرلىك ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.بىلمەيمەن دېگۈچىلەرنى ”بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىدىن سوراڭلار“ (نەھىل سۈرىسى 43.ئايەت) دېيىش ئارقىلىق ئىلىم ئەھلىنىڭ قىممەت-ئېتىبارىنى مۇقىملاشتۇردى.

تەپەككۇر-ئىنساننى ئاللاغا ئەلىپ بارىدىغان يولدۇر.بۈگۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلار قالاق ۋە كۈچسىز ئەھۋالدا تۇرماقتا..بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۇللى جاھانغا ئىسپاتلىغانلىغىغا قارىماي،بۇگۈن ھەر جەھەتتىن پەرىشان بىر ۋەزىيەتتە.مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىلىرى، تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىدە شىددەتلىك گۈلدۈرمامالارنى ھاسىل قىلماقتا.

ئىسلامدىن ئۇزاق تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، “ئىسلام دېگەن نادانلىق،يوقسۇللۇق،ئۆزئارا ئىختىلاپ،قان،كۆز يېشى…” دەپ قارىماسلىقى لازىم.كىمنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ نازۇك تارازا قۇرئانى-كەرىمدۇر.ھەقىقى ئىسلام قۇرئاندىدۇر.ئۇيغۇر خەلقى ئازاب ۋە ھەسرەت ئىچىدە،دىن ھېسابلانغان جاھالەت سورىمىغىنى بوينىدىن چىقىرىشنىڭ مۇشەققەتلىرىنى تارتماقتا. “ پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللا ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ.” دېگەن ئايەتنى چۈشەنمىگەنلىكىمىز ياكى بىزگە چۈشەندۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەقلىمىز خۇددى ئەسىرلەر بويى زەي تۇپا ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان قىلىچتەك داتلىشىپ كەتتى.بىز ئەسىرلەپ ئازاب چەككەن بولساق،سەۋەبى جاھالەتكە چۆمگەنلىگىمىزدىندۇر. “جاھالەتكە چۆمگەن،غەپلەتتىكى كاززاپلارغا لەنەت بولسۇن” (زارىيات سۈرىسى 10-11.ئايەت) غەپلەتكە بەك ئۇزۇن ۋاقىت چۆمگەنلىگىمىز ئۈچۈن ئاللانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بولۇشىمىز مۇمكىنمۇ؟ ئويلىنىش،تەپەككۇر قىلىش كېرەك. تەپەككۇر قىلغۇچى ئۇيغۇر زىيالىلىرى شۇنى ياخشى بىلىدۇكى “ پىتنىڭ ئاچچىغىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش “ ئەقىلغا ئۇيغۇن ئەمەس.بىز خۇراپاتلىقنىڭ زىيىنىنى تارتقىنىمىز ئۈچۈن،خۇراپاتلىققا نەپرەت قىلىمىز.قۇرئان خۇراپاتلىقنى يەر يۈزىدىن يۇقۇشۇش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن كىتاپتۇر. “ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى.” (يۇنۇس سۈرىسى 39.ئايەت) چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلىش ئاللانى ئىنكار قىلىشلا ئەمەس،بەلكى ئاللا بەرگەن ئەقىلنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقتۇر.

گەپ ئەقىل ئۈستىدە كېتىۋاتقان ئىكەن تەپەككۇر قىلغۇچى ئىنساننىڭ ئەقلىگە شۇ سۇئال كېلىدۇ؛ قۇرئاندا ئېنىق بەلگىلىمە ياكى ئىشارەت بولمىغان مەسىلىلەردە قانداق قىلىش كىرەك؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن.بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر ھاياتىدىن بىر-ئىككى مىسال بېرىش ھەممە چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ بولىدۇ؛پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام بەدىر ئۇرۇشىغا چىققاندا بەدىر چۆلىدە بىر دۆڭنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە ساھابىلارنى ئۇ يەردە تۇرۇپ مۇشرىكلارنى كۈتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا بۇيرىدى. ساھابىلاردىن ھەبباب بىن مۇنزىر “ئەي،ئاللانىڭ ئەلچىسى.ئەسكەرلىرىمىزنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇش توغرۇلۇق ۋەھى بارمۇ؟” دەپ سورىدى.رەسۇلىللا “يوق.بۇ مىنىڭ قارارىم.” دەپ جاۋاپ بەردى.مۇنزىر “ ئەي،ئاللانىڭ رەسۇلى.ئۇنداقتا مەن ساڭا بىر مەسلىھەت بىرىمەن؛بىز تۇرىۋاتقان يەر قۇدۇقلاردىن ئۇزاق.ئەگەر ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ قالسا، مۇشىرىكلار قۇدۇقنى ئىگىلىۋالسا بىز ۋە ئۇلاغلىرىمىز سۇسىز قالىمىز.سۇسىز قىلىش بىزنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ.قۇدۇقلار بىزنىڭ كونتىرولىمىزدا بولىدىغان يەرگە يەرلەشسەك بىزگە پايدىلىق.”دېدى. رەسۇلىللا، ھەبباب بىن مۇنزىرنىڭ پىكىرىنى خۇشاللىق بىلەن توغرا تاپتى ۋە ساھابىلارنى دەرھال قۇدۇق بولغان مەنزىلگە يۆتكىلىشكە ئەمىر قىلدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى غازىتى بولغان بەدىر ئۇرۇشىدا 300 ئەتىراپىدىكى مۇسۇلمان قۇشۇن،1000 دىن ئارتۇق مۇشرىكلار قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدا بۇ ئىستىراتىگىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى توغرىسىدا پۈتۈن ئىسلام تارىخچىلىرى ھەم پىكىردۇر.

مەدىنىدىكى خەندەك ئۇرىشى ھارپىسىدىمۇ ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسى توغرۇلۇق ھېچقانداق ۋەھىي كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن،رەسۇلىللا ئادىتى بۇيىچە ئەتىراپىدىكى ساھابىلار بىلەن كېڭىشىپ،پىكىر-تەكلىپلەرنى ئېلىۋاتقان كۈنلەردە،مەدىنىگە كېلىپ مۇسۇلمان بولغان ئىرانلىق سەلمان پارىسى،ئىراندا مۇداپىئە ئۇرۇشىدا خەندەك كولاپ شەھەرنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىنى،بۇ تەجرىبىنى مەدىنىنى قوغداش ئۇرۇشىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىغى توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەردى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلامغا بۇ تەكلىپ ياراپ قالدى.سالمان پارىسىنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە مەدىنە ئەتىراپىغا خەندەك كۇلاندى.ئەتىراپتىكى بارلىق مۇشرىك ئەرەب قەبىلىلىرى ھەر تەرەپتىن يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ مەدىنىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ “خەندەك” ئىستىراتىگىيەسى دۈشمەنلەرنىڭ تارمار بولىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئىسلام تارىخىدا خەندەك ئۇرىشى دەپ نام ئالغان بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ئۇيغۇرلارمۇ يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە.پارىس تىلىدىكى “خەندەك” سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ بىرسىدۇر.

ۋەھى بولمىغان ياكى ۋەھى بىلەن ئەقىل ماسلاشمىغان مەسىلىلەردە ئىسلام فىكىخ ئالىملىرىنىڭ ئەقىل يولىنى تاللىشىدا پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدىكى پاكىتلارغا تايانماقتىدۇر.ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئىمامى قادى ئابدۇلجاپپار ئەل مۇغرى (م.1024-ھىج-4015) بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ؛ “ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن ئىسپاتلىنالمىغان شەيئىلەر ئىتىقاد ماۋزۇسى بولالمايدۇ.بۇ خىل شەيئىلەرنى ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننىڭ قەلپتە بولغان ئىبادەت بولغانلىغىنى،ئەقلى-زەرۈرى بىلەن ئىسپاتلاشقا ھاجەت يوقلىغىنى ئېيتىش،قۇرئاننى رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئوخشاش مەزمۇنغا كېلىدۇ.” (ئەلمۇغنى- خەلقى قۇرئان 14-15.بەت ئەرەپچە). قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئەقىلنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم.شۇنىمۇ بىلىشىمىز لازىمكى،ئىمانسىز ئەقىل تىزگىنسىز ئاتقا ئوخشايدۇ.ئىمان – ئەقىلنىڭ تىزگىنىدۇر.يېقىنقى ئەسىرلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پۈتۈن پاجىيەلەرنىڭ مەنبەسىدە ئىمان بىلەن ئەقىلنى قارمۇ-قارشى قىلىپ قويۇپ،ۋەھىينى ، ئەقىلنى ئىنكار قىلىشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش جاھالىتى ياتماقتىدۇر.

ئەقىلنىڭ قوللىغۇچىسى قۇرئان،نەپسىنىڭ قوللىغۇچىسى شەيتاندۇر.ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى كۈرەش،نەپىس بىلەن شەيتاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر.نەپسىگە يېڭىلىش شەيتانغا يېڭىلىشتۇر.ئىمانىنىڭ غەلىبىسى بولسا شەيتاننىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر.ئىمان بىلەن ئەقىل بولمىغان يەردە نەپىسى بىلەن شەيتان بار.ئىمان بىلەن ئەقىل جەننەتكە،نەپسى بىلەن شەيتان جەھەننەمگە يېتەكلىگۈچى يول باشلىغۇچىلاردۇر.

ئەقىل كۈچىنى سەپەرۋەر قىلغان مىللەتلەر دۇنيانىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتماقتا.ئەكسىچە بولغانلار ئۇلار تەرىپىدىن تىزگىنلەنمەكتە،ئاچ-يوقسۇللۇق،ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىماقتا. “ئاللا ئاسمانلار (كائىنات)لاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى.ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋىم ئۈچۈن (رۇشەن)دەلىللەر بار.” (جاسىيە سۈرىسى 13.ئايەت) قۇرئان 1400 يىل بۇرۇن،ئاللا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن تەبىئەت دۇنياسىدىن پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بۇيرىغان.تەپەككۇر قىلغان قەۋىملەر كائىنات ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىي ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا.

بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى 21.ئەسىردە ياشاۋاتىمىز دەپ ھېسابلايمىز.چۈنكى،بىزنىڭ ھاياتىمىزدىمۇ 21.ئەسىرنىڭ يېڭى تەخنىلوگىيەسىگە ئائىت مەھسۇلاتلار بار.ئامما، ئۇ مەھسۇلاتلارنى بىز ئىشلەپچىقارغان ئەمەس.21.ئەسىر تېخنولوگىيە كەشپىياتلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەلقئارالىق ھىچ بىر پاتېنت يوق.

چارۋىچىلىق ئىپتىدائى جەمئىيەتنى،دېھقانچىلىق پەئۇدالىزىم جەمئىيىتىنى،سانائەت كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى ياراتتى.21.ئەسىر بۇ جەمئىيەتلەردىن ھالقىغان يىپ-يىڭى بىر دەۋر ياراتتى.بۇ تېخنولوگىيە دەۋرىدۇر.بۈگۈن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا تېخنولوگىيە دەۋرىدە،جۇڭگو كاپىتالىزم دەۋرىدە،ئۇيغۇرلار بولسا پەئودالىزىم دەۋرىدە ياشىماقتا.يۇرتىمىزدا سانائەت دەۋرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغان ماشىنا،،ئىستانوك،توك بىلەن ئىشلەيدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى بار.قوللىرىمىزدا تېخنولوگىيە دەۋرىگە ئائىت قول تەلىپۇنى،ئۆيلىرىمىزدە (بەزىلىرىمىزنىڭ)كومپيوتېر…بار.ئامما،بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەيىمىز يېزا ئىگىلىك،باغۋەنچىلىك،ئۆي ھايۋانچىلىغىدىن كەلمەكتە.

سانائەت،بىر ئىشچىنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئەڭ ئاز 100 دېھقاننىڭ بىر يىللىق ئەمگەك مەھسۇلاتىنى سېتىۋالالايدۇ.تېخنولوگىيە بولسا بىر ئىشچىنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكى ئارقىلىق 10 مىڭ دېھقاننىڭ بىر يىللىق ئەمگەك مېۋىسىنى سېتىۋالالايدۇ.
مۇسۇلمان بولۇش دېمەك،ئوتتۇرا ئەسىر بېكىنمىچىلىك قەلئەسىدىن چىققىلى ئۇنىماي بېكىنىپ تۇرۇۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس.ئاللا،ئىنساننى ۋۇجۇدىدىن ئاققۇزغان تەرنىڭ مىقتارى بىلەن ئەمەس،جەمئىيەتتە باشقىلارغا يەتكۈزگەن پايدىنىڭ مىقتارى بىلەن ئۆلچەيدۇ. پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى پويىزلاردا يۈك ئەمەس،پاراۋۇز،ھىچ بولمىسا،يۈك قاچىلايدىغان ۋاگون بولۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش لازىم.بۇ دۇنيادا ھىچ بىر نەرسىگە ئىرىشەلمەسلىك،ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرىشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلىق ھېسابلانمايدۇ 21.ئەسىر تېخنولوگىيە دەۋرى دېگەنلىكىمىز-كەشپىيات،يەڭىلىق يارىتىش دەۋرى دىگەنلىگىمىزدۇر.غەرب دۇنياسى يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە ياراتقان يىڭى تېخنولوگىيە كەشپىياتلىرىنى جۇڭگودا مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ دۇنيا بازارلىرىدا ساتتى.جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ مېھنىتىدىن غەرب كاپىتالىزمى غايەت زور پايدىغا ئىرىشتى.جۇڭگومۇ بۇ 30 يىل ئىچىدە غەربنىڭ تېخنولوگىيە ھامماللىغىنى قىلىش جەريانىدا بۇ تەخنىلوگىيەلەر بىلەن تونۇشتى ۋە ئۆزلەشتۈردى.ياۋرۇپا 300 يىلدا ئىجات قىلغان كەشپىياتلىرىنى جۇڭگو 30 يىلدا كۆچۈرۈپ تەقلىد قىلىشتا ھەيران قالارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.كۆچۈرۈش جەريانى-ئۆگىنىش جەريانىدۇر.ئۇيغۇرلار بۇ 30 يىل جەريانىدا كۆچۈرمەكەشلەرنىڭ كۆچۈرگەن نەرسىلىرىنى كۆچۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى ياكى بۇنداق بىر ئىمكانىيەتكە ئېرىشەلمىدى. چۈنكى،ئۇيغۇرلار تىز تەرەققى قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىشتا گاڭگىراپ قالدى،ياكى پۇرسەت بېرىلمىدى.

ئەقلىنى ئىشلەتكەن ئىنسان ئۈچۈن پۇرسەت كۆپ.بۈگۈن كۈندۈزى ئىشىڭىز تۈگىمەي كەچ كىرىپ قالغان بولسا،ئەتە يەڭى بىر كۈن تۇغۇلىدۇ.ئاللانىڭ ھەر يېڭى كۈنى يىڭى بىر پۇرسەتتۇر.ھەر كۈنى ئەتتىگەن كۆتۈرۈلگەن قوياش يەڭى بىر پۇرسەتنىڭ خوش خەۋەرچىسىدۇر.يىتەركى،سىز ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىڭ،تەپەككۇر قىلىڭ،پىكىر يۈرگۈزۈڭ،ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ! “بىزگە شارائىت يوق” دېيىش قابىلىيەتسىزلەرنىڭ ۋە ھۇرۇنلارنىڭ باھانىسىدۇر.سىز ئۆز شارايىتىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىسىز. “ئاللا يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى” (بەقەرە سۈرىسى 21.ئايەت) ئاللانىڭ “سىلەر”دېگىنى كىملەر؟ دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار,جۈملىدىن ئۇيغۇرلار.مۇسۇلمان بولۇش ئاللا تەرىپىدىن ئىمتىيازغا ئىرىشتىڭ، دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى بۇ دۇنيادا ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ئەغىر ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دېمەكتۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئىنسانلارنى ئەقىل ئىشلىتىشكە،تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

ئەي،ئۇيغۇر بالىسى! سەن دېھقان مىللىتىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ھويلاڭدىكى تۇخۇنىڭ تۇخۇمىنى يەپ،ئەغىلىڭدىكى كالىنىڭ سۈتىنى ئىچىپ چوڭ بولدۇڭ.گەندە يەيدىغان توخۇ ھەر كۈنى ساڭا تۇخۇم تۇغۇپ بىرىدۇ.ئوت-چۆپ يەيدىغان كالا ھەر كۈنى ساڭا سۈت بىرىدۇ.ھاياتىڭدا بىر قەتىم بولسىمۇ تۇخۇ يېگەن گەندىنىڭ قانداق تۇخۇمغا،كالا يىگەن ئوت-چۆپنىڭ قانداق سۈتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىپ باقتىڭمۇ؟ بۇ سۇئالنى سورىغانلارغا “بۇ ئاللانىڭ قۇدىرىتى” دەيسەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىنىڭ تەپەككۇر قىلىشىڭ ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى ئەمەسمۇ؟
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر بىر شەيئى تەپەككۇرنىڭ ئىلھام بۇلىقىدۇر.ئاللا ھەر يەردە،ھەر ۋاقىت ھەر بىر ھادىسە ئارقىلىق ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى،تەپەككۇر قىلغان ئەللەر،تەپەككۇر قىلمىغان ئەللەر ئۈستىدىن ھۈكۈمرانلىق قىلىش تارىخىدۇر.

كائىنات, ئاللانىڭ تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.سىنىڭ تەپەككۇرىڭنىڭ مەھسۇلى نىمە؟

Share
3144 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.