logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-11

bismillah

 مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

 11- قۇرئاندا ھالال – ھارام، مىھنەت ۋە بايلىق

 

ئاللا ھارام قىلغان كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى مېھنەتسىز پايدىغا ئېرىشىدىغان كەسىپلەردۇر.مەسىلەن؛ ئۆسۈم (جازانىخورلۇق)،قىمار،زىنا (پاھىشىلىك)،ئوغرلىق… Kredit Susse ئىسىمدىكى پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ 2013.يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە؛دۇنيادىكى ئەڭ باي 1% كىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 46% نى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.بۇ كاپىتال ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر نەچچە بانكىچىنڭ كونتىرولىدا.مىليارتلىغان ئىنساننىڭ ھاياتى يۈز يىللاردىن بىرى بۇ بانكىلارغا ئۆسۈم تۈلەش بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.يۈزلىگەن دۆلەت بۇ بانكىلارغا ئۆسۈم تۈلەش بىلەن بېلىنى رۇسلىيالمايۋاتىدۇ.دۇنيادىكى مېھنەتكەش خەلقلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى دېڭىز –ئوكيان دېسەك،بۇ بىر قانچە بانكا دېڭىز-ئوكىياندا ئۇزۇۋاتقان غايەت زور پاراخوتلارنى ئەسلىتىدۇ. 40 يىللىق ئۆسۈم بىلەن بىر ئۆي ئالغان بىر كىشى ئۆمۈر بويى ئىشلەپ ئۆينىڭ قەرزىنى ۋە ئۆسۈمىنى ئۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھەق-ناھەقچىلىقنى ئويلاشقا،خوشنىلىرىنىڭ دات-پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىشقا ۋاختى،ئىمكانى يوق.مىليارتلىغان مەدەنىي قۇللار بوينىغا سېلىنغان ئۆسۈم زەنجىرىنىڭ ئاسارىتىدە ئەنە شۇنداق ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئىنسانلارنى،دۆلەتلەرنى ئۆسۈمنى ئىجات قىلغان بانكا خوجايىنلىرى ئۇزاقتا ئولتۇرۇپ ئەنە شۇنداق ئىدارە قىلىدۇ.

ئاللاھنىڭ ئۆسۈمنى ھارام قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئىنسانلارنىڭ پۇلنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە سەرمايىنىڭ ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا جۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. مۇلۇك ۋە سەرمايە ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەندە، كەڭ خەلق ئاممىسى قاتتىق ئىزىلىشكە ئۇچرايدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقىدا مۈلۈك ۋە سەرمايە لىنىن،ئارقىدىن ستالىننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. سوۋىت خەلق ئاممىسى قانداق دەھشەتلىك ئىكىسپالاتاسىيەگە (زۇلۇمغا) ئۇچرىدى؟ خىتايدا مۇلۇك ۋە سەرمايە ماۋزېدوڭنىڭ قولىدا توپلاندى، ئارقىدىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. خىتاي خەلقى، بولۇپمۇ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى بىز ئۇيغۇر خەلقى قانداق زۇلۇم كۆرۈۋاتىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئاللاھ بىزگە بەرگەن يەر ئاستى بايلىقلىرىمىز بىزنى مىللەت سۈپىتىدە ئۆلۈم دارىغا ھەيدىلىپ كېتىشىمىزگە سەۋەپچى بولۇۋاتىدۇ؟ ياراتقۇچى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگەچكە ئۆسۈمنى ھارام قىلدى. سەرمايىنى كەڭ خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سەپەرۋەر قىلىشىڭ يولىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 86% نى،دۇنيادىكى 10% كىشىنىڭ ئىلكىدە.بۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن كارخانىچىلارمۇ بار.ئامما،بۇ 10% نىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ Las Vegas قا ئوخشاش قىمار تۇرىزىمى بىلەن گۈللەپ- ياشنىغان،خىتاينىڭ ئاۋمىن دەك قىماردىن باشقا ھىچقانداق كىرىمى يوق شەھەرلەر بار.گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامەستىردام داڭلىق پاھىشەخانىلىرى بىلەن پاھىشە تۇرىزىمىنىڭ مەركىزىدۇر.گوللاندىيە مالىيە مىنىستىرلىغى ھەر يىللىق كىرىم خام چوتىنى ئىلان قىلغاندا پاھىشەخانىلاردىن كىرگەن كىرىمى مەخسۇس بىر ساھە سۈپىتىدە تىزىملىكتە ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللا ھارام قىلغان ھەر بىر ئىشنىڭ ئاستىدا مىھنەتسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق، ئىزىش ئىزىلىش ياتماقتا.

مىھنەت مۇبارەكتۇر،ھالالدۇر.بارلىق پەيغەمبەرلەر ھالال مىھنىتى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئاىلىسىنى باققان.ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆمۈر بويى چارۋا باققان ۋە چارۋا بىلەن بەك باي بولغان،مۇسا ئەلەيھىسسالام چارۋا باققان،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بالا ۋاختىدا پادا باققان،ياشلىق دەۋرىدىن باشلا پ تىجارەت قىلغان.كىچىك ۋاختىدىن باشلاپ ئۆزىنى ۋە ئاىلىسىنى مىھنەت قىلىپ،ھالال پۇل تەپىپ باققان.بىز ئۇيغۇرلاردا “جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق” دەيدىغان تەمسىل بار.جاپا-مىھنەت دىمەكتۇر.مىھنەتكە ئۈمىت يۇشۇرۇنغان بولىدۇ

دىھقاننىڭ پۈتۈن ياز بويى جاپا چىكىپ مىھنەت قىلىشىدىكى ئۈمىدى-كۈزدىكى مول-ھۇسۇلدۇر.ئانىنىڭ تولغىغى ئەڭ ئەغىر جاپادۇر.بۇ جاپانىڭ ھۇسۇلى – بۇۋاقتۇر.بارلىق شىددەتلىك تولغاق ئىچىگە بىر ئىلاھى ئىلھام،بىر نەتىجە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.ئاسماننىڭ تولغىقى چاقماقتۇر.ھۇسۇلى – يامغۇردۇر.شائىرنىڭ تولغىغىدىن شىئىر،ئالىمنىڭ تولغىغىدىن كەشپىيات،پەيغەمبەرنىڭ تولغىغىدىن ۋەھى تۇغۇلىدۇ

ئارزۇدىن ئىرادە،ئىرادىدىن مىھنەت،مىھنەتتىن مۇۋاپپىقىيەت تۇغۇلىدۇ.ھالال رىسىق پەقەت مىھنەت ئارقىلىقلا قولغا كىلىدۇ

دۇئا قىلىش (يەنى ئاللادىن تىلەش) دىمەك،يەتمەكچى بولغان ئارزۇنى ئىپادىلەش ۋە ئىرادە تۇرغۇزۇش دىمەكتۇر.رەسۇلىللا ھەر دايىم “ئەي ئاللا!… ھارامدىن پاك قىلىشىڭنى ۋە باي قىلىشىڭنى تىلەيمەن”دەپ دۇئا قىلاتتى. (سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى 424.بەت- ئۇيغۇرچە) بۇ تىلەكنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن مىھنەت قىلاتتى،جاپا چىكەتتى.ئاللادىن تىلەش،قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ پىلانىنى ئاللاغا دوكىلات قىلىپ،ئاندىن ئاللانىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن ھالدا پىلاننى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا كۈچ سەرىپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قۇرئاندىمۇ،ھەدىسلەردىمۇ “ئۈجمە پىش،ئاغزىمغا چۈش” پەلسەپىسىگە قەتئى يەر بىرىلمىگەن.قۇرئاندا ئىنىق ھۈكۈم بار؛ “ئىنسان پەقەت ئۆز ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.” (نەجىم سۈرىسى 39.ئايەت)كاتتا نەتىجە بار يەردە مول مىھنەتنىڭ ئىزلىرى بولىدۇ.بۇگۈن ياپونىيە،گىرمانىيە خەلقى ئەڭ باياشات تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىغىنى بىلىمىز.ئامما،كىشىلەرنىڭ ياپونىيەدە 70 ياشتا،گىرمانىيەدە 68 ياشتا پىنىسسىيەگە چىقىدىغانلىغىنى بىلەمدۇق؟ماتىماتكىدا سەۋەپسىز نەتىجە يوقتۇر.ھاياتتىمۇ شۇنداق.قۇرئاندا رىسىقنى قولغا كەتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى مىھنەتتۇر.بۇ شەرت مەريەم سۈرىسىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ؛ “ تولغاقنىڭ قاتتىقلىغى ئۇنى (يۈلىنىۋەلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يەنىغا كىلىۋەلىشقا مەجبۇر قىلدى.مەريەم ئەيتتى: “ كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنۇتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس)نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!”. جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: “غەم قىلمىغىن.پەرۋەردىگارىڭ سىنىڭ ئاستىڭدىن (ئەقىپ تۇرىدىغان)بىر ئەرىقنى پەيدا قىلدى.خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئەرغىتقىن.ئالدىڭغا پىشقان يەڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ.(بۇ شىرىن خورمىدىن)يىگىن.،(بۇ تاتلىق سۇدىن ئىچكىن.” (مەريەم سۈرىسى 23-24-25-26.ئايەت)

ئاللا،بارلىق ئىنسانلار ئىچىدىن 2 ئادەمنى ئالاھىدە مۆجىزە بىلەن ياراتتى.بىرسى ئادەم ئەلەيھىسسالام، يەنە بىرسى ئەيسا ئەلەيھىسسالام.ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ ئۆز روھىدىن پۆۋلەش ئارقىلىق جان كىرگۈزگەن بولسا،ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى،ھۇجۇدىغا ئەركەك چىۋىنمۇ قونۇپ باقمىغان بىر قىز مەريەمگە روھىدىن پۆۋلەش ئارقىلىق ئۇنى ئەيساغا ھامىلە قالدۇردى.بۇ توغرۇلۇق قۇرئاندا تەپسىلى ئايەتلەر بار.ئاللا پەۋقۇلئاددە ئىھتىياج ئۈچۈن ئۆز روھىدىن ياراتقان پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلىشىدا مەريەمگە قاتتىق تولغاق ئازاۋى ئاتا قىلدى.بۇۋاق تۇغۇلغاندىن كەيىن ئاچ ۋە سۇسىز قالغان ئانا-بالا ئۈچۈن جىبرىئىل ئارقىلىق “خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئەرغىتقىن.” دەپ خەۋەر بەردى.تۇغۇتتىن كىيىن ھالسىز ياتقان مەريەمنىڭ ئاغزىغا خورمىنى سەلىپ قويماستىن خورما دەرىخىنى ئەرغىتىپ خورما يىيىشكە،سۇنى ئەلىپ ئىچىشكە بۇيرىدى.ئاللا،مەريەم سۈرىسىدىكى بۇ ئايەت ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانلارنى (ئۇ،ئاللاغا قانچىلىك يەقىن بولىشىدىن قەتئى نەزەر) تۇرمۇش ئىھتىياجلىرىنى مىھنەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ

تەبىئەت دۇنياسى دىمەك، ئىنسانلارنىڭ رىسقى دىمەكتۇر. “ئاللا يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى” (بەقەرە سۈرىسى 29.ئايەت). بۇ رىسىق ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن مىھنەتسىز قولغا كەلمەيدۇ

رەسۇلىللا “ ئاللاھىم،.. مېنىڭ قەرزىمنى ئۆتە، مېنى نامراتلىقتىن قۇتقاز، باي قىلغىن!“  دەپ دۇئا قىلاتتى. [تىرمىزى، دەۋەت 68،(3477)، ئىبنۇ ماجە، دۇئا، 2 (3831) تۈركچە]  بىز ئۈممەتلەر سۈننەتنى ئۆزىمىزگە ۋاجىپ دەپ تۇنۇيدىغان بولساق ئاللادىن باي بولۇشنى تىلىشىمىز ۋە باي بولۇش يولىدا ھالال يول بىلەن كۈچۈمىزنىڭ يىتىشىچە مىھنەت قىلىشىمىز لازىم.

ئاللا،بايلىقنى يامان كۆرمەيدۇ.بايلىققا سەجىدە قىلىشنى يامان كۆرىدۇ.بايلىقنى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىشنى يامان كۆرىدۇ.پەيغەمبىرىمىز “بايلىق ۋە كەمبەغىللىقنىڭ يامانلىقلىرىدىن پانا تىلەيمەن.” دەپ دۇئا قىلاتتى” (سەھىھۇل بۇخارى 419.بەت-ئۇيغۇرچە) بايلىق ۋە كەمبەغىللىق ئىنساننى يولدىن ئازدۇرشتىكى ئىككى مۇھىم ئامىلدۇر

ئۇيغۇر خەلقى يەقىنقى 200 يىلغا يىقىن ۋاقىت جەريانىدا قاتتىق يۇقسۇللۇق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلىندى.زوزۇڭتاڭ ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ بەشىنى كىسىپ،ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى يىغىپ بەجىڭغا ئەۋەتتى.يىڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر بايلار تەبىقىسىنىڭ يىتىشىشىگە ئۈلگۈرۈپ ياڭزىڭشىڭ كەلدى.سانائەت ۋە يىڭىلىق دۈشمىنى بولغان ياڭزىڭشىڭ سانائەتكە ئائىت پەقەت بىرلا ماشىا سەتىۋەلىپ ئۈرۈمچىگە ئەكەلدى.ئۇ ماشىنا،قەغەز پۇل بەسىش مەشىنىسى ئىدى.بۇ ماشىنا بىلەن ھىچقانداق ماددىي قىممىتى بولمىغان يەرلىك پاخال پۇل بىسىش ئارقىلىق 20 يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن-كۆمۈشلىرىنى بۇ قەغزلەر ئارقىلىق يىغىپ تىيەنجىندىكى چەتئەل بانكىسىدا ئامانەت قويدى.ياڭ ئۈرۈمچىدە سۈيقەستكە ئۈچىراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىگى ئۈچۈن،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان،كۆز-ياشلىرى سىڭىپ كەتكەن بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر چەتئەللىكلەرنىڭ چونتىگىدە غايىپ بولدى

شىڭشىسەي ھاكىمىيەت بەشىغا چىقىپ ئالدى بىلەن ياڭزىڭشىڭغا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىغىپ بەرگەن شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر شاڭيولارنىڭ،يەزىلاردىكى ئۇيغۇر بەگلەرنىڭ تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقتى.بۇ شاڭيو،بەگلەرنى تۇتۇپ قىيناپ يۈرۈپ،خەلقتىن يىغىپ ئامما ياڭزىڭشىڭغا تاپشۇرماي يۇشۇرۇپ قويغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغدى.ئۇيغۇر بەگ،شاڭيولار پۇلنى بىرىپمۇ جەنىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى

شىڭشىسەي 13 يىل يۇرتىمىزدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئۇيغۇر بايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بەشىنى قەلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر خەلقى 1878-1944.يىل ئارىلىقىدىكى 66 يىل ئىچىدە 3 قەتىم شىددەتلىك ۋە ئۇمۇمىيۈزلۈك تالان-تاراچقا ئۇچىراپ بارلىق ماددىي بايلىقلىرىدىن ۋە قىممەتلىك يولباشچى،زىيالىلىرىدىن ئايرىلىپ سويغان پىيازدەكلا قالدى

 شىڭشىسەي ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە دىگىنىدەك،70 ماشىنا ئالتۇن-كۈمۈشنى نەنجىڭگە ئاپىرىپ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرغىنىدا،جاڭجەشى باشچىلىغىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن زەپەر بىلەن قايتقان بىر قۇماندان،بىر مىللىي قەھرىمان سۈپىتىدە قارشى ئەلىنغان ئىدى.شىڭشىسەينىڭ تەرىپى بويىچە ئەيتقاندا “ئالتۇن تەخسە بىلەن تىلەمچىلىك قىلىدىغان” ئۇيغۇر ئىسمىدىكى بۇ خەلق گومىنداڭنىڭ 6 يىللىق تاران-تاراچ قىلىشىدىن كەيىن يۇرتىمىزنى خىتاي كومىنىستىك پارتىسى ئىشخال قىلدى ۋە پۈتۈن خىتايدا مۈلۈكنى ئۇمۇملاشتۇرغانلىغى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بالا-چاقىسىدىن باشقا بارلىق مۇلۇكلىرى ئاستا-ئاستا دۆلەتنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئاسماندىن يامغۇر ياغسا يامغۇردىن يەشىل بوستانلىقلارمۇ،چۆل- جەزىرلەرمۇ نىسىۋىنى ئالىدۇ. خىتاينىڭ يەقىنقى   40- 30 يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ باي بولغانلار خەلى كۆپ بولدى. تارىختىن ساۋاق ئالمىغان ئۇيغۇر بايلىرىمىز  ”باي بولۇش شەرەپ“ دەپ شۇئار توۋلاۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 2017. يىلدىن باشلاپ يەنە  سويغان پىيازدەك قىپ يالاڭاچ ھەلغا كەلتۈرۈلدى. ئىقتىسادلىرىدىن تامامەن ئايرىپ قېلىشتىن باشقا بىرمۇنچە خەيىرسۇيەر بايلىرىمىز جېنىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى.

شەرقى تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقنى تۇرمە ۋە جازا لاگىرلىرىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماش بېجىڭ تەرىپىدىن بۇرۇنلا پىلانلانغان بولۇپ، بۇ ئىش شەرقى تۇركىستاندا ئىقتىسادنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە غايەت زور مىقتاردا پۇل كېتىدىغان تېرورلۇق ھەركىتى ئىدى. شىجىنپىڭ، مەركەزدىن پۇل ئاجىرتالمايدىغانلىغىنى ئېيتقاندا، چىن چۈۋەنگو، كىتەرلىك ئىقتىسادنى مەن ھەل قىلىمەن، دېدى ۋە ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ پۇللىرىنى ئىشارەت قىلدى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، ۋەتىنىمىزددە يېڭى سېلىنغان تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، قازاق بايلىرىدىن مەجبۇرى تارتىۋېلىنغان ئىقتىسات بىلەن ئىنشا قىلىندى. يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېغى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى قورىدى. خىتايلار بۇ قانلىق دۆلەت تېرورلۇق جىنايىتىنى ئىشلەشتە يەنە ھازىرغىچە ئادەم بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۇچىنى سەپەرۋەر قىلدى. بىر مۇنچە زۇلۇم كۆرىۋاتقان ساددە ئۇيغۇرلارنىڭ ”چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار جىم تۇرغان بولسا، بىزگە بۇنچىۋالا زۇلۇلۇم بولمايتتى“ دېيىشلىرىدىن ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ روھى جەھەتتىن نەقەدەر ئىزىلگەنلىگىنى، مىڭىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

 ئۇيغۇرلار يەقىنقى 100  يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئالدىنقى ئەۋلات كەيىنكى ئەۋلاتقا قولغا چىققۇدەك مىراس قالدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي 21.ئەسىرگە قەدەم قويدى.ئاللا ھىچبىر مۇسىبەتنى سەۋەپسىز كەلتۈرمەيدۇ. “سىلەرگە ھەر قانداق بىر مۇسىبەت يەتسە،ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ.” (شۇئەرا سۈرىسى 30.ئايەت) ئاللانىڭ بۇ ئايىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تەپەككۇر ئىگىلىرىنى چوڭقۇر ئايغا سالىدۇ.

خەلقىمىز ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بىرى سۆزلىنىپ كەلگە “ ئاللا كاپىرلارغا بۇ دۇنيانى،مۇسۇلمانلارغا ئۇ دۇنيانى بەرگەن” دىگەن گەپلەر قۇرئان ئىنكارچىلىرىنىڭ گىپىدۇر.ھەتتا مۇسۇلمان دۈشمەنلىرى بۇ سۆزنى “ھەدىس” دەپ جاھىل،يوقسۇل،چارىسىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىتىپ يۈردى.ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بۇگۈنمۇ خىتايغا ئىشىنىۋاتقان، خىتايغا ئىشلەش ئارقىلىق ئۆز مىللىتىگە زىيان سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەندىلا ئەمەس، چەتئەللەردىمۇ بار. بۇلار ھالال مىھنەت بىلەن جېنىنى باقالمايدىغان، باياشات ياشاشنىڭ يولىنى ھارام يېيىشتىن، زالىملارغا خىزمەت قىلىشتىن ئىزدىگەنلەردۇر. بۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ توپراق ئاستىغا كۆمۈۋەتمىگۈچە مىللىتىگە زىيان سېلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان خائىنلاردۇر. “ئاللا،ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ تەمىنى تەتىتتى.” (زۇمەر سۈرىسى 26.ئايەت) ئاللا بۇ ئايەتنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چۈشۈرگەن بولغىيمىتتى؟ دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى.

ئاللا 1400 يىل بۇرۇن مۇسۇلمانلارنى سانائەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنۇ ئايەت بىلەن خىتاپ قىلغان ئىدى: “ تۈمۈرنى ياراتتۇق.تۈمۈر،كۇچ-قۇۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.تۈمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار.” (ھەدىد سۈرىسى 25.ئايەت) “كۇچ-قۇۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈمۈر”دىن پايدىلىنىش قولىدا قۇرئان بولغان بىز مۇسۇلمانلارغا نىسىپ بولۇشتىن كۆپ زامان بۇرۇن،قۇرئانسىز يەھۇدى،خىرىستىيان ھەتتا بۇددىسلارغا نىسىپ بولدى. “تۈمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار.” دىگەن ئۇلۇغ ئايەتنىڭ   ئىلھامى ئاستىدا تۈمۈردە يەردە ماڭىدىغان،سۇدا ئۈزۈدىغان،ئاسماندا ئۇچىدىغا ئاجايىپ “ مەخلۇقلار”نى ئىشلەپ چىقارسا،بىز “تۆۋۋە خۇدايىم”دەپ ياقىمىزنى تۇتۇپ “خۇدايىم كاپىرلارغا بۇ دۇنيانى،مۇسۇلمانلارغا ئۇ دۇنيانى بەرگەن” دىگەن گەپنى تەكىرارلاپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىپ كەلدۇق.دۇنيادا يۈزلىگەن ساھەدە،مىڭلىغان كەسىپلەردە مىليونلىغان مەھسۇلاتنىڭ پاتەنتى باشقا مىللەتلەرنىڭ قولىدا.بىزمۇ بەزىدە “ بىزنىڭ قولىمىزدىمۇ مىتالدا ياسالغان نەرسىلەر ئىچىدە پاتەنت  بار. يىڭىسار پىچىقىنىڭ پاتەنت ھوقۇقى بىز ئۇيغۇرلارغا ئائىت” دەپ ماختىنىپ قويىمىز-يۇ، بۇ گەپ يۈرىكىمىزنى پىچاقتەك تىلىم-تىلىم تىلىۋاتقان ئازاۋىنى يۈزۈمىزدىكى تەپەسسۇم بىلەن يۇشۇرۇشقا تىرىشىمىز. ئاچچىق ھەسرەت يۈرەكنى يارا قىلىشتىن باشقا ھىچبىر ئىشقا يارىمايدۇ. قۇرئاندا،تارىختا ئاللا تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان نۇرغۇن قەۋىملەرنىڭ ئىسمى يەر ئالماقتا.قانداق قەۋىملەر ھالاك قىلىنغان؟ توغرا يولنى ئىنكار قىلغان،ئۆز ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ۋە ياكى زۇلۇمغا شىرىك بولغان قەۋىملەر ھالاك قىلىنغان. “ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيشى-ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ.ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر.” (ھۇد سۈرىسى 116.ئايەت) بۇ دەۋىردە،ئەرلىرىمىزنى پۇل،خوتۇن-قىزلىرىمىزنى پۇلسىزلىق يولدىن چىقىرىۋاتىدۇ. بايلىرىمىز توغرۇلۇق گەپ ئاچقاندا غۇرلىنىپ كەتكۈچىلىك بايلىرىمىزمۇ يوق دىيەرلىك ياكى ئىنتايىن ئاز.جەجاڭ ئۆلكىسىنىڭ 104 كۇۋادىرات كىلومىتىرلىق شەھرى ۋىنجۇدا شەخسى ئايروپىلانى بار 60 تىن ئارتۇق باي بار. 1 مىليون 660 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىرلىق يۇرتىمىزدا شەخسى ئايروپىلانغا ئىرىشكەن بىر ئۇيغۇر يوق.ئامما ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشتە،ئىسراپچىلقتا خۇدىنى يۇقۇتۇپ قۇيىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.

جاللات چىنچىۋەنگو ئۈرۈمچىگە كەلگەنگە قەدەر، ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم بايلارنىڭ ۋە ياكى باي كۆرۈنۈش ھەۋىسى بولغانلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى رىستۇران،مىھمانخانا،پاھىشەخانا…لاردىكى ئەيشى-ئىشرەتلەردە بايلىرىمىزنىڭ پۇللىرى سۇدەك ئىسراپ بولۇپكېتىۋاتقان ئەھۋالدا ئىدى. .ئەيشى-ئىشرەت مىللىي ۋۇجۇدىمىزدا كىسەللىك،روھ-ئىمانىمىزدا بىخۇتلۇق بولۇپ ئەكىس ئەتمەكتە.نىمە قىلىش كىرەك؟ رەسۇلىللانىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىزنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلەيدۇ: “بۇرۇنقىلارنىڭ بايلىققا ھەددىدىن ئارتۇق بىرىلىپ كىتىپ ھالاك بولغىنىغىنىدەك،سىلەرنىڭمۇ بايلىققا ھەددىدىن ئارتۇق بىرىلىپ كىتىپ ھالاك بۇلۇشىڭلاردىن قورقىمەن.” (سەھىھۇل بۇخارى 155.بەنت – ئۇيغۇرچە).

بىز 100 يىلدىن ئارتۇق ھەممە نەسرىمىزدىن ئايرىلىپ سويغان پىيازدەكلا قالغان بىر مىللەتمىز.ھەرقانداق بىر يۇقسۇل بىردىن باي بولۇپ كەتكەندە بايلىقىنى تەنتەنە قىلىش ھەۋىسىنى كونتىرول قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.بىراق،پۇل تاپقان ھەر بىر كىشىنىڭ ئائىلىسى،مەھەللىسى،مىللىتى ئالدىدا،بۇلۇپمۇ ياراتقان ۋە شۇ پۇلنى تەپىشقا نىسىپ قىلغان ئاللا ئالدىدا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى، ئۆتەشكە تىگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار. بىزنىڭمۇ بىر مىللىي ئارزۇيىمىز،مۇرادىمىز بار.سەپەرگە چىققان ئادەم قۇرۇق قول چىقالمايدۇ.مۇرادىمىزغا قانداق يىتىمىز؟ “ قوياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى،قوياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،قوياشنى ئاشكارە قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،قوياشنى يۇشۇرغان كىچە بىلەن قەسەمكى،ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،زىمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،روھ ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان،ئۇنىڭغا ياخشى-ياماننى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى؛ روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ.” (شەمىس سۈرىسى 1-9.ئايەتلەر) يۇقارقى 9 ئايەتنىڭ سەكىزى قەسەمدۇر.نىمىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن؟ “روھىنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يىتىدۇ”غانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن.ئاللانىڭ ئىنسانلارغا قەسەم ئۈستىگە قەسەم ئىچىشىگە ئىھتىياجى بارمۇ؟ يوق.قۇرئاندىكى بەزى ئايەتلەردە قەسەملەر كۆپ قەتىم تەكرارلىنىپ ئاندىن ئەسلى دىمەكچى بولغان مەخسەت ۋەھى قىلىنىدۇ.بۇ خىل ئۇسلوبنىڭ خاسىيىتى،مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئايەتنىڭ ئوكىيانغا ئوخشاش پايانسىز ۋە چڭقۇر مەزمۇنىغا جەلىپ قىلىشتۇر.

بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەر قەتىمقى نامىزىمىزدا “ئۇلۇغ ئاللا،بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈز!” دىگەن سادا يۈرەك-باغرىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققاندا كۆز ياشلىرىمىزنى تۇتالمايمىز.ئاللا قانداق ئادەمنى چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈزىدىكەن؟ “روھىنى پاك قلغان ئادەم”نى.

ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇرات-مەخسەتكە يىتىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى،روھىنى پاك قىلىشتۇر.ئەگەر پالاكەتلەر داۋانلىرىدىن ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئەشىپ ئۆتۈپ بولالمايۋاتقان بولساق،بۇنىڭ سەۋەبى،كىر باسقان روھىمىزنىڭ پاكلىنىپ بۇلالمىغانلىغىدىندۇر.روھى پاك بولمىغان ئىنساننىڭ پىكىرى رۇشەن بولمايدۇ.رۇشەن پىكىر قىلىش قابىلىتى بولمىغانلار چارقىپەكەكتەك تىز ئايلىنىۋاتقان گولىبال دۇنياغا ماسلىشىشى مۇمكىن ئەمەس.ئاسىيانىڭ ۋە قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تۈگۈن نوقتىسىدا تۇرىۋاتقان بىز ئۇيغۇرلار مول سەرمايە جۇغلانمىسىغا،كۈچلۈك سانائەتكە،يۇقىرى پەن-تەخنىكىغا،يۈكسەك مىللىي مەدىنىيەتكە ئىگە ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇسۇلمان جامائەسى بولۇپ تەكرار پارلاق يۈلتۈزلاردەك چاقنىيالايمىز.

بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى توسالغۇلار،تارىختىكى  يەھۇدىلارنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلاردىن زور ئەمەس. بىراق شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، بۇ دۇنيادا مىھنەتسىز جەننەت يوقتۇر.

Share
5985 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.