logo

trugen jacn

قىرغىز زىيالىيسى: قىرغىزىستاندىن يۇرتقا قايتقان 100 دىن ئارتۇق قىرغىز ستۇدېنت غايىب

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا بىشكەكتىن مەلۇمات بەرگەن بىر قىرغىز ئاڭلارمەن، قىرغىزىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن، قىزىلسۇ ئوبلاستى بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا سودا قىلىپ، بىلىم ئاشۇرۇپ، تۇغقان يوقلاپ، ئەركىن ھالدا يىلدا بىر قانچە قېتىم بېرىپ-كېلىپ تۇرۇۋاتقان قىرغىزلارنىڭمۇ پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى، تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئۇنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان 100 دىن ئارتۇق قىرغىز ئوقۇغۇچى يازلىق تەتىلدە يۇرتى قىزىلسۇغا قايتقان ھامان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى چېگرادىنلا تۇتۇپ ئاپىرىپ، ئائىلىسى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمەي، رادىكاللىقنى تۈگىتىش نامىدىكى مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرىغا قاماپ قويغان. قىزىلسۇدىكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرى گەرچە، بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جاي-جايلاردا دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىنىپى نامىدا، غەيرىي رەسمىي تۈرمە شەكلىنى ئالغان ئورۇنلارنى تەسىس قىلىپ مەزكۇر يېڭى نىزامنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ۋە بۇ خىل تەربىيىلەش سىنىپلىرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىشقا ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۈپ خىل مەزمۇن ۋە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەيتىپ داۋام قىلىۋاتقان، رادىكاللىقنى تۈگىتىش، تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئۆگىنىش سىنىپلىرىدا دەسلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش 3 خىل كۈچكە ئالاقىدار جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى شۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئاتالمىش دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيىسى بار دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار نۇقتىلىق تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش ئوبيېكتى قىلىنغان بولسا، كېيىن يەنە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشتە مەسىلىسى بار دەپ قارالغانلار، ھەتتا تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردا دىنىي تەلىم ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يىغىپ سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرىي تەشكىللەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە ئىدى. يېقىندىن بۇيان رادىئومىزغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاق، قىرغىز، تۇڭگانلارنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ يىغىۋاتقان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىمۇ مەجبۇرىي تەشكىللەۋاتقانلىقى مەلۇم.

بىشكەكتىن بىز بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىرغىز زىيالىيسىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قىرغىزلارنىڭمۇ پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ ناچارلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىرقىسىم قىرغىزلار ۋە ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ۋە ياكى تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك يۇرتى قىزىلسۇغا قايتىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قىرغىزلارنىڭمۇ پاسپورت ئېلىش، ساياھەت قىلىش ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە يەنە، يۇرتىغا قايتقان قىرغىزلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان بۇ زىيالىي يەنە، قىرغىزىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن يازلىق تەتىلدە قىزىلسۇغا قايتقان 100 دىن ئارتۇق قىرغىز ستۇدېنتنىڭ خىتاي چېگراسىدىن تۇتۇپ، تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۈرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى، قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە قاچان چىقىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ قىرغىز زىيالىينىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيىسى ساقچى دائىرىلىرىدىن ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. بىز ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى بىر قىرغىز يېزىسى ساقچىخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، ساقچى بۇ يۈز ئوقۇغۇچى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايلاردا ئېچىلغان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يېزىدىكى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىدا ئاساسلىق قىرغىزلارغا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز قىزىلسۇ دائىرىلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا مەجبۇرىي يىغىۋېلىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ ساقچى تەمىنلىگەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ نومۇرىغا تېلېفون ئۇلىدۇق.

ساقچى باشلىقى قىرغىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇچۇرنى ئىنكار قىلمىدى. پەقەت «ساقچىخانىنىڭ ئۆزىگە كېلىپ سوراڭ، مانداق پاراڭلاشساق بولمايدۇ جۇما» دەپ تېلېفوننى قويدى.

ئىلگىرى دەلىللىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىنمۇ، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان، بولۇپمۇ تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىن ئامالسىز يۇرتقا قايتقان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەر قانداق سەۋەب بىلەن چەتئەللەرگە چىققان كىشىلەرمۇ قايتىپ كەلگەن ھامان خىتاي ئامانلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن چېگرالاردا تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسمى يۇرتىدا «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» غا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭمۇ ئوخشاش كۈلپەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش» سىنىپلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئاممىغا زۇلۇم سېلىشنىڭ يەنە بىر يولى بولۇۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان بىشكەكتىكى قىرغىز زىيالىيسى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان قىرغىزلارغا قاراتقان دىنىي تەقىپلەشلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن كۈچەيگەنلىكىنى، نۇرغۇن قىرغىز ياشلىرىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» نامىدا تۈرمىلەرگە ناھەق قامالغانلىقىنى ئۆزى ئاڭلىغان مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qirghiz-weziyiti-08072017172129.html

Share
1635 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.