logo

trugen jacn

قىرغىز – خىتاي چېگرىسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن ئۈچ ئادەم خىتايغا قايتۇرۇلماقچى

image

ئازاد

2015-u0112-azad.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى 10 – يانۋار كۈنى تاراتقۇلارغا بەرگەن مەلۇماتىدا قىرغىز – خىتاي چېگراسىدىن قانۇنسىز ھالدا ئۆتكەن ئۈچ نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىككىسى قىرغىز مىللىتىدىن، بىر نەپىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، بۇلار قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستىغا قاراشلىق يەتتە ئۆكۈز رايونىنىڭ قىزىل ئەشمە يېزىسىدىكى چېگرادا تۇتۇلغان. بۇ ئادەملەرنىڭ سوراق داۋامىدا ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قېچىپ كەلگەنلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ھۆججەتلىرى يوق بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئالتە دانە پىچاق، خەرىتە، دورا – دەرمەك ۋە يىمەكلىكلەر تېپىلغان.

ئىسسىقكۆل ئوبلاستىغا قاراشلىق قارا قول چېگرا قىسىملىرىنىڭ باشچىسى رۇسلان زاكىرۇف بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ ئادەملەر قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ يېزىسىدىن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قىرغىزىستانغا قېچىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى. بىزنىڭ چېگرا قىسىملىرىمىز ۋە مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ خادىملىرى نۆۋەتتە بۇ ئادەملەرنىڭ چېگرانىڭ قايسى بۆلىكىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئىنىقلاش ئىشلىرىنى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ. كېيىن بۇلار ئىسسىقكۆل ئوبلاستلىق مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.»

كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسى، ئىقتىسادى زىيانكەشلىكلىرى ھەمدە باستۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە بۇ رايوندىن قوشنا دۆلەتلەرگە ۋە چەتئەللەرگە قاچىدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. 2014 – يىلى يانۋاردا قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستىغا قېچىپ چىققان 11 نەپەر ئۇيغۇر قاچقۇن قىرغىزىستان چېگرا قىسىملىرى تەرىپىدىن «قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتتى» دېگەن باھانە بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە سىياسىي ئانالىزچى ئارتۇر مېدېتبېكۇف بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشى بىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز پەقەتلا چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكى بايقىلىپ تۇتۇلۇپ قالغانلار ھەققىدىلا سۆز قىلىۋاتىمىز. بىراق قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن، قىرغىزىستانلىقلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ چېگرادىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە بىز ھېچنەرسىنى بىلمەيمىز.»

قىرغىزىستان چېگرا قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان بۇ ئۈچ ئادەم ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىلىرى ئاساسىدا قاچقۇن نامى بىلەن خەلقئارالىق ئورگانلاردىن سىياسىي باش پاناھلىق تەلەپ قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بۇ ئادەملەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئادەملەرنىڭ قاچان ھەمدە قانداق ئۇسۇلدا خىتايغا بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/qirghizistan-uyghur-01122015232925.html

Share
1576 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.