logo

trugen jacn

قىرغىزىستان «ساختا» پاسپورتى بىلەن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان 98 ئۇيغۇر ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىندى

images

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى تۈپەيلى قىرغىزىستان ساختا پاسپورتى بىلەن ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان 98 نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن 17‏-ماي كۈنى چۈش مەزگىلىدە ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنغان.

سەئۇدىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن جىددىدە ئايرودرومىغا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇشلىرىنى كۈتۈۋېلىش چىققان 40-50 چە ئۇيغۇر ئايرودرومدىن قۇرۇق قول قايتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، توسۇۋېلىنغان 98 ئۇيغۇرنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا جازالىنىش ئېھتىماللىقى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئەھۋالدىن يېڭىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە بۇنى تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/olgen-uyghur-saqchi-05172016142233.html

Share
918 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.