ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تېمىر سارىيېف بۈگۈن، يەنى 11-ئاپرېل كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تېمىر سارىيېفنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە ئۇنىڭ قىرغىزىستاندا يول ياساۋاتقان لۇڭخەي ناملىق خىتاي شىركىتىدىن پارا يېگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىكەن.
ھالبۇكى، تېمىر سارىيېف ئۆزىنىڭ خىتاي شىركىتىدىن پارا يېگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بىر ئالاھىدە كومېسسىيەسى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى قىرغىزىستاندا يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقان لۇڭخەي ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە باش مىنىستىر تېمىر سارىيېفنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان.
مەلۇمكى، تېمىر سارىيېف قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بەشىنچى باش مىنىستىردۇر. بۇ جەرياندا قىرغىزىستاندا ئىككى قېتىم ئىنقىلاب يۈز بېرىپ، دەسلەپكى ئىككى پرېزىدېنتى چەتئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
تېمىر سارىيېف باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغىلى تېخى بىر يىلمۇ توشمىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئەڭ ناچار بولغان بۇ دۆلەتنىڭ بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER