logo

trugen jacn

قىرغىزىستاندا خىتاي جاسۇسىغا 12 يىللىق قاماق جازاسى

image

 

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى

قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى مۇرالىيەۋنىڭ ئوغلى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن بىرسى بولغان ئالتىنبېك مۇرالىيەۋ، خىتاي دۆلەت جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى
بىشكەك بىرىنجى ماي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2016.يىلى 17.ماي كۈنى سوت ئېچىپ، قىرغىزىستان باش مىنىستىرلىگىگە قاراشلىق،خەلقارا ئورتاقلىق بۆلۈمى مۇدىرى ئالتىنبېك مۇرالىيەۋنىڭ،خىتاي دۆلىتىگە كۆپ مىقتاردىكى پۇل ئارقىلىق باغلىنىپ، قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ ۋە ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم مەخپىيەتلىگىنى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا ساتقانلىغى ۋە ئۇزۇن مەزگىل جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىغى ئۈچۈن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى ۋە بارلىق مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى
ئاتىنبېك مۇرالىيەۋ 2014.يىلى 11.ئاينىڭ بېشىدا تۇتۇپ تۇرمىغا سۇلانغان ئىدى
خىتاي “بىر يول،بىر بەلۋاغ” پروجىسى دائىرىسىدە قىرغىزسانغا 15 مىليارت دولار قەرىز پۇل بىرىش ۋە مەبلەخ سېلىش كىلىشىمىنى يېقىندا تۈزۈشكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا كان،سۇ قۇرلۇشى، يېزا ئىگىلىك،قاتناش-تىرانسىپورت،سودا- سانائەت ساھەسىدە سالغان كۆپلىگەن مەبلەخلىرى بار. مۇشۇنداق بىر شارايىتتا، ئىختىسادى قىيىنچىلىق ئىچىدىكى قىرغىزىستاننىڭ،خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مەخپى دىپلوماتىيە يولى بىلەن يالۋۇرۇش ۋە تەھدىتلىرىگە قارىماي، ئاشكارە سوت ئېچىپ، خىتاي جاسۇسىنى دۇنياغا رەزىل قىلىپ تۇرۇپ ھۈكۈم چىقىرىشى، خەلقارا جامائەتچىلىگىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
مەنبە

吉尔吉斯宣判一“中国间谍”12年刑期

http://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/junshiwaijiao/lxy-05202016153649.html

Share
805 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.