logo

trugen jacn

قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « نامراتچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى »نىڭ رەزىل ماھىيىتى نەزەر

       

       خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ  قورچاق  خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە سانسىز جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلار قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن  مىلليونلىغان  بىگۈناھ كىشلەرنى ھېچقانداق قانۇنىي  رەسمىيەت ئۆتۈمەي تۇتقۇن قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ تۆگىتىشتىن سىرت يەنە ھەر تەرەپلىمە تۈرلۈك رەزىل سۇيىقەسىتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، بۇ سىياسەتلەرنى قەتئىي ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەتتىكى مىللىيلارنىمۇ جازا لاگېرلىرىدىكى بىگۇناھ مەھبۇسلاردك باشقۇرۇپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس ئاسسىمېلياتسىيە قىلىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە  يۈرگۈزۋاتقان سىياسەت– چارە- تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسلىقلىرىنىڭ بىرى بولسا سۇيىقەستلىك « نامراتچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش » سىياسىتىدىن ئىبارەت.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا باشتىن – ئاخىر بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئۇلارنى نامراتلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تەدبىرىنى قوللاندى. ئۇلار بۇ تەدبىرنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشۇنۇپ يەتكەن. ئەمىلىيەتتىمۇ نامرات مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى كۆچلۈك مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسان  ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش  ئەھۋالى تارىخدا كۆپ كۆرۈلگەن.

قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ « نامراتچىلىقتىن قوتۇلدۇرۇش » تەدبىرى بولسا بۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر،قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتەك ئىسانىيەتكە قارشى جىنايىتى خەلقئارالىق قارشىلىققا ئۆچراپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ كەسكىن تەنقىدى ۋە بۇ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشتەك جىددى تەلەپلىرىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن ھەم ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئىناۋىتىنى ساقلاپ قىلىش ھەم بۇ قاباھەتلىك ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى  ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش نىشانىنى ئۆزگەرتمەي، خەلقئارا جامائەتنى ئالداش يۈزىدىن خىتايلارنىڭ گېپى بۇيىچە ئېيتقاندا « شورپىسىنى ئالماشتۇرۇپ، دارىسىنى ئالماشتۇرماسلىق »دىن ئىبارەت بولغان تېخىمۇ رەزىل بىر ھىيلە- مىكىرىسى.

قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەرنى « نامراتچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش »دىن ئىبارەت بۇ قەبىھ سىياسىتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە مەركەزلىشىدۇ: 1- بىگۈناھ تۇتقۇنلارنى جازا لاگېرلىرىدا ياكى جازا لاگېرلىرىغا يانداش سېلىنغان فابرىكىلاردا قۇل ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش. 2-  ھەر قايسى جايلاردا فابرىكىلىرىنى قۇرۇپ « ئىشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » باھانىسى بىلەن ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئۇرنىدا ئىشلىتىش. 3- شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرى ۋە كولىغا كۆچۈرۈپ، ئەرزەن ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش. 4- يەرلىك ھەر مىللەت دېھقان- ھارۋىچىلارنى مىللىي يېزا- قىشلاقلاردىن چۈل- جەزىرلەردە ھەربىي گازارمىلەردەك سېلىنغان تورالغۇلارغا كۆچۈرۈپ، ئۆمۈر بۇيى نامرات ھالدا تۇتۇش. 5- ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ، خىتايىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تۆت ئەتراپى خىتايلار بىلەن قۇرشالغان قاقاس جايلارغا يۈتكەپ ئۇلارنى ئۆمۈر بۇيى نامرات ھالدا ئۆمۈرىنى ئۆتكۈزۈش.

1- بىگۈناھ تۇتقۇنلارنى جازا لاگېرلىرىدا ياكى جازا لاگېرلىرىغا يانداش سېلىنغان فابرىكىلاردا قۇل ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

خىتاي دائىرلىرى ھەر قايسى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى جازا لاگېرلىرىغا  يانداش سېلىنغان فابرىكىلاردا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەت كىشلىرىنى قوللارچە ئىشلەتمەكتە. بۇ خىل فابرىكىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى كىيىم- كېچەك فابرىكىلىرى بولۇپ، بۇ فابرىكىلارنى ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىدىغان قىلىدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ چوك شىركەتلىرى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان ياكى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى فابرىكىلارنى كۆچۈرۈپ كەلگەن. بىگۈناھ تۇتقۇنلار بۇنداق فابرىكىلاردا ھەقسىز ئون نەچچە سائەتلەپ  قوللاردەك مەجبۇرىي ئىشلىمەكتە. بۇ خىل زاۋۇتلار ئادەتتە چەت ئەللىكلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ خىل فابرىكىلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق بولۇپ، ئۆمۈر بۇيى شۇ فابرىكىلاردا ئىشلەشكە مەھكۇم قىلىنغانلاردۇر.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىنىڭ 2018- يىلى 17- دېكابردا  ئېلان قىلغان ماقالىسىغا قارىغاندا « ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ << قايتا تەربىيە لاگېرلىرى >>غا قامىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ھەر كۈنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيناشقا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر يېڭى خەۋەر تارقالدى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىدۇر. دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن << نيۇيورك ۋاقتى >> گېزىتى ۋە << مالىيە ۋاقتى >> گېزىتى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ئىچىدە ياكى لاگېرغا يېقىن جايلاردا زور كۆلەملىك زاۋۇت- كارخانىلارنى سېلىش ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئەمگەككە سالماقتىكەن. تۇتقۇنلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەشنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن.  ».

« نيۇيورك ۋاقتى »نىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى « بادجېر تەنھەرىكەت كىيىملىرى » شىركىتى خوتەندىكى « تەيدا » دەيدىغان بىر كىيىم – كېچەك زاۋۇتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىملەرنى كىرگۈزگەن. « تەيدا شىركىتى » دەل خىتاينىڭ دۆلەت قانىلىدا مەخسۇس مۇشۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش « كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەش » مەركەزلىرىدە تەربىيەلىنىپ چىققان « ئوقۇغۇچىلار »نىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان زاۋۇت ئىكەن. « نيۇيورك ۋاقتى » گېزىتى شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى شىركەت دائىرىلىرى بىلەن ئەھۋال توغرىسىدا ئالاقىلەشكەن. شىركەتنىڭ باياناتچىسى سېس لېننون ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى بۇ زاۋۇت بىلەن تېخى يېقىندا ئالاقە قىلىپ، دەسلەپتە ئاز مىقداردا مال كىرگۈزگەنلىكىنى، بۇ شىركەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن تولۇق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ».

« گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن بىر دوكلاتىدا « خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقىغانلىقى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زاۋۇت -كارخانىلاردا داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا 40 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە چوڭ ياش كىشىلەر بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئاساسلىقى ئاياللار ئىكەنلىكى »  ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆرسەتكەن. »

2-  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلاردا فابرىكىلىرىنى قۇرۇپ « ئىشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » باھانىسى بىلەن ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

« << نيۇيورك ۋاقتى >> گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت ۋە خىتاينىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەر شۇنداقلا خىتاي تور بەتلىرىدە زاۋۇتنىڭ ئادرېسىغا ئائىت تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يېقىنقى ئايلاردىن بېرى بۇنداق زاۋۇت- فابرىكىلارنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەندە كۆپەيگەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر گېزىت ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ زاۋۇتلارنىڭ كۆپى كىيىم- كېچەك فابرىكىلىرى ئىكەن. بۇ يەردە تۇتقۇنلار ئېيىغا 600 يۈەن ئەتراپىدا ئىنتايىن تۆۋەن مائاش بىلەن ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاساسەن كىيىم- كېچەك فابرىكىلىرى بولغان بۇ زاۋۇتلارنى كىشىلەر ئادەتتە « قارا زاۋۇت » دەپ ئاتايدىكەن. بۇلارنىڭ بۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ناچار شارائىتى ۋە تۆۋەن مائاشلىق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  ».

« چەتئەللەردىكى نۇرغۇن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەۋەر ئورگانلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق ئاتالمىش << كەنتكە ماكانلاشقان زاۋۇت- كارخانىلار >> نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان « مەجبۇرىي ئەمگەك » لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ».

يەرلىك خىتاي دائىرلىرى كولىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ چوك شىركەتلىرى بىرىلىشىپ، جازا لاگېرلىرى ئىچىدە ياكى يېنىدا فابرىكىلارنى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەسلىدە يەرلىك ئىشچىلار ئىشلەيدىغان زاۋۇت- فابرىكىلارنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاقاتقۈزماقتا.

2000- يىلى 5- مايدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاچقان « شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت- ناھىيەلەرنى خىتاينىڭ 19  ئۆلكە- شەھەرلىرىگە « نوقتىلىق ياردەم » بېرىدىغان رايون دېگەن نامدا بۆلۈپ بەردى. شۇندىن باشلاپ، بۇ ئۆلكە- شەھەرلەردىن كەلگەن قاراقچىلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزلىرىنىڭ خالىگىنىچە بۇلان- تاراجىنى باشلاۋەتتى. كانلار،تەبىئى بايلىقلار ۋە يەرلىك يىرىك شىركەتلەر بۇ ئۆلكىلەردىكى شىرىكەتلەر سېتىپ بېرىلدى ياكى كۆتۈرەگە بېرىلدى. ھەر تۈرلۈك بانا- سەۋەپلەربىلەن يەرلىك زاۋۇت- كارخانىلار ۋە كانلارنى تاقىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىيىسىنىڭ ئاڭلىتىشىچە، « < خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010- يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى يەرلىك كۆمۈر كانلاردىن تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق كۆمۈر كان بۇيرۇق بىلەن تاقالغان. >، < خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۆمۈر كانلىرىدىن ئىلى دىيارىدىكى پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنى، ئۈرۈمچى تىك قۇدۇق كېنى، بورتالا كۆمۈر كېنى قۇمۇلنىڭ تارانچى كۆمۈر كېنى ۋە چۆچەك كۆمۈر كېنى قاتارلىق كانلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. > ». « ئۈرۈمچى ليۇداۋان رايونىغا قاراشلىق تىكقۇدۇق كۆمۈر كېنى 2010- يىلى بۇيرۇق بىلەن تاقالغاندىن بۇيان، مەزكۇر كاندىكى كۆمۈر كولاشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان 1500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى ئىشسىز قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ھەر خىل تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قالغان. ».

3- باشقا جايلىرىغا كۆچۈرۈپ، ئەرزەن ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

جەمئىيەتتىكى يەرلىك ھەر مىللەت تۈرك خەلقلىرىنى ئۆز يۇرتىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۈتكەپ، جازا لاگېرلىرىدەك  فابرىكىلاردا تۆۋەن مائاش بېرىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماقتا.

خىتاي كومپارتىيسى ۋە قورچاق ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى خىتايدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۇك ئۇسۇلى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىدىغان مىللەت ئاھالسىنى تارقاقلاشتۇرۇش يەنى بۇ مىللەتنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىپ، خىتايلارنىڭ ئارىسىغا تارقىتۋېتىش كېرەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.  شۇڭلاشقا،ئۇلار بۇ قېتىم قوزغىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىنى دىن، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن باستۇرۇپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش ئوپېراتسىيىسىدە ئۇلارنى بۆلۈپ- بۆلۈپ ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، مىللىيلارنى خىتايلار ئۇلتۇراقلاش رايونلارنىڭ مەركەزلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتىگىيىلىك تاكتىكىسى يەنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى «  ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، مىللىيلارنى باي قىلىش » دىن ئىبارەت رەزىل پىلاننى ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ياش قۇرامىدىكىلەرنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ۋە شۇ جايدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يۇقىتىش، يەرلىكتە قالغان قېرى – چۈرىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى كۆتۈش، بۆش قالغان جايلارغا خىتايلارنى تولغۇزۈش ئارقىلىق « شىنجاڭ »نىڭ دېموگرافىيىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىستراتىگىيىلىك باش نىشانىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى.

خىتاي قورچاق ھۆكۈمىتى « << يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش >> نامىدا  ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن يىراق بولغان يات جايلارغا يۇتكىمەكتە. « < << شىنجاڭ گېزىتى >> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى10 ئېيىدا ( 2019- يىلى— ئاپتوردىن )  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا 2 مىليون 729 مىڭ ئادەم قېتىم ئاتالمىش <<  ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى >>نى يۆتكەپ  ۋەزىپىسىنى بالدۇر ئورۇندىغان. >، <  بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئادەم سانىنىڭ ئۆزىلا 25 مىڭ نەپەردىن ئاشقان. >، <  يېقىندا خىتايچە << تەڭرىتاغ تورى>>  تارقاتقان بىر خەۋەرىگە  قارىغاندا، <<  يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى >> گە ئاساسەن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئادەم سانىنىڭ 25 مىڭ 199 نەپەرگە يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىن 7637 نەپەر كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى >، <  <<  ئىقتىساد گېزىتى >>  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا ئالدىنقى 3 پەسىلدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى 9045 نەپەر ئىكەن. >، <  خىتايچە <<  تەڭرىتاغ تورى >>نىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە << خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن 109 نەپەر ئاتالمىش ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن. >> >، < خىتايچە <<  تەڭرىتاغ تورى >>نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يۆتكەش بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان خوتەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 600 گە يەتكەن. >، < خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ << ئېشىنچا >> ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي يۈز مىڭ خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. >، << بىڭتۇەن گېزىتى >>  نىڭ  6- نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بۇ يىل ئىچىدە بىڭتۇەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى 100 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ». خىتاينىڭ كولىدىكى زاۋۇت- فابرىكىلىرىدە ئىشلەۋاتقان بۇ شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ئەر- ئايال ئىشچىلار ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق شارائىت ۋە قاتتىق رېجىم ئاستىدا ئايىغا 300 يىۋەن مائاش بىلەن  ھەر كۈنى 13 سائەتتىن ئوشۇق ئىشلىمەكتە.

4- يەرلىك ھەر مىللەت دېھقان- ھارۋىچىلارنى مىللىي يېزا- قىشلاقلاردىن چۆل- جەزىرەلەردە ھەربىي گازارمىلەردەك سېلىنغان تورالغۇلارغا كۆچۈرۇپ، ئۆمۈر بويى نامرات ھالدا تۇتۇش.

قورچاق خىتاي  ھۆكۈمىتى « مىلليلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش » دىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىكە يېتىش ئۈچۈن مىللىيلار زىچ ئۆلتۇراقلاشقان جايلاردىكى مىللىي ئاھالىلارنى تارقاقلاشتۇرماقتا. چەت- ياقا جايلاردا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك مىللەت ئاھالىلىرىنى « تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش » باھانىسىدا ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكىنى قەتئىي ئۆيلاشماي، مەجبۇرىي ھالدا كەنت – بازارنىڭ ئەتراپىغا سېلىنغان « ھەربىي گازارما »لارغا كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەر- زىمىنلىرىنى ئىگەللىمەكتە.

«  قەشقەر نەزەرباغدا « سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا » بەرپا قىلىش نامىدا مەۋجۇت قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ، بوستانلىق كوچىلارنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ كاتەكچە شەكىلدە سېلىنغان قورۇلار بىلەن تولغان چەت- ياقىدىكى دەل- دەرەخسىز ئاھالىلەر رايونىغا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ يەنە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچكەندە ئىلگىرىكى مىللىي تۈستىكى ئۆي- سايمانلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ».

تاغلىق رايونلاردا « تەبىئى مۇھىتىنى قوغداش » دېگەندەك باھانىلار بىلەن چارۋىچى قازاق- قىرغىزلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى ئەسىرلەر بۇيى بېقىپ كەلگەن يايلاقلاردا بېقىشغا يول قويماي، قوتانلاردا بېقىشقا مەجبۇرلىماقتا.  چارۋىچىلارنى تاغلاردىن يىراق بولغان يەرلەرگە سېلىنغان كاتەكچىدەك  ئويلەرگە كۆچۈرمەكتە ۋە  مەجبۇرلىماقتا.

5- ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ خىتايىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تۆت ئەتراپى خىتايلار بىلەن قۇرشالغان قاقاس جايلارغا يۈتكەپ، ئۇلارنى ئۆمۈر بۇيى نامرات ھالدا ئۆمۈرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەھكۈم قىلىش.

ھەم ئاكتىپ ھەم تەشەببۈسكار ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسىى دوكتور ئەركىن سىدىق ئاڭلاتقان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھازىر كۇلىنىڭ بىر قانچە ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر يېزىلىرى پەيدا بوپتۇ. ئەھۋالغا قارىغاندا،نۆۋەتتە قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش « شىنجاڭنىڭ  ئەمىنلىكىنى كاپالاتكە ئىگە قىلىش » ئۈچۈن شەرقىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئاھاللىرىنى باسقۇچلۇق ھالدا كولىغا كۆچۈرۈپ، بۆش قالغان جايلارنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن توشقۇزۇشنىڭ ئىستراتېگىيلىك پىلانىنى مەخپىي ھالدا تۈزۈپ بولدى.

گەپنىڭ قىسقىسى،« جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا » دېگەندەك قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « نامراتچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش » دىن ئىبارەت بىر يۈرۈش چارە- تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشىدىكى قەستى بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلىرىنى ئەبەدىي نامرات ھالدا تۇتۇپ، تەدرىجىي ھالدا يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشىتىن ئىبارەت.

     

       ئەسكەرتمە:

مەزكۈر ماقالىدىكى « × × × » ئىچىدىكى تېكىستنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلىمىگەنلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن ئېلىندى.

 

2020- يىلى يانۋار

Share
15159 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.