logo

trugen jacn

قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر

 

مۇزەپپەر قابىلباي

      

       دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (د ئۇ ق نىڭ)  تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنالىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ترىبۇنال ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ھۆكۈمنامە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرىگە قاريتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانيەت قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە ۋە رەزىل باستۇرۇش ئەمىلىيىتىنى « ئىرقىي قىرغىنچىلىق » ۋە « ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت » دەپ قانۇنىي ھۆكۈم چىقاردى.

د ئۇ ق بىر قانچە يىللاردىن بىرى  خەلقئارادا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان فاشىستىك ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى توختىتىش يۈزىدىن نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى قىلدى. د ئۇ ق دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋە ئادالەتپەرۋەر جامائەت  ھەمدە بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ قىسمەن پارلامېنت ۋە كونگرېس ئەزالىرى بىلەن بىرلكتە 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتقان خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشنى بايقۇت قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى ۋە ئېلىپ بارماقتا.

د ئۇ ق ئۆزىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى چېخ جۇمھۈرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى ھەمدە دېموكراتىك ھالدا قۇرۇلتايىنىڭ يېڭى رەھبەرلىكىنى سايلاپ چىقىدى. بۇ رېئاللىقلار  توققۇزچە ئادەم بىلەن « دېموكراتىك سايلام » ئۆتكۈزۈپ دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپ بولغان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ھېچقانداق بىر نەتىجىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي « نامايىش قىلماڭلار، پايدىسى يوق. » دەپ  توۋلاپ، تۇخۇم بېسىم ياتقان كۈرۈك مېكىياندەك ئويدە ياتقان ئۈمىد مۇساباينى ئىنتايىن بىئارام قىلدى ھەمدە نېرۋىسىنى بۇزدى. شۇنىڭ بىلەن پاچىقىغا پىت چۈشكەن بۇ ئەپەندىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىكە رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت شېرىن چۈشىنىڭ تەلتۆكۈس  بەربات بولغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ (ب د ت نىڭ) ھېچقانداق قانۇنىي كۈچى يوق « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىندىجىنېس خەلقلەر توغرىسىدىكى خىتابنامىسى » نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، د ئۇ ق « ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش يولىنى تۇساپ قويدى. » دەپ كارنى يىرتىلغىچە ۋاقىراپ جاقىراشقا باشلىدى. ئۈمىد ئەپەندىم، سىز ئالدى بىلەن ب د ت دىن ئىبارەت بۇ مۇئەسسەسەنىڭ خىتابنامىلىرىنىڭ قانچىلىك قانۇنىي كۈچى بار- يوقلىقى ھەققىدە بىر ئاز ساۋاتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاندىن ب د ت نىڭ مەزكۈر خىتابنامىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولغان « ئاۋانگارت » لىقىڭىزنى باشلىغان بولسىڭىز بوپتىكەن. شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەكى، ب د ت قاتارلىق ھەر قانداق تەشكىلاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئىندىجىنېس خەلقلەرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ھۆقۇقى يوق. ئىندىجىنېس خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئائىت ھەر قانداق قارار ئىندىجىنېس خەلقلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ھەر قانداق بىر ئىندىجىنېس خەلقنىڭ شەرت-  شارائىتى پىشىپ يېتىلسە ۋە ھازىرلانسا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ھوقۇقى بار. ئۈمىد ئەپەندى، سىز كۆتۈرۈپ چىققان « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىندىجىنېس خەلقلەر توغرىسىدىكى خىتابنامىسى » بۇ تەشكىلاتنىڭ باشقا خىتابنامىلىرىغا ئوخشاش ھېچقانداق قانۇنىي كۈچگە ئىگە بولمىغان بىر تەشەببۇسنامىسىدىن ئىبارەت،خالاس. ئۈمىد ئەپەندى، سىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى بەش- ئالتە يىلنىڭ ئىچىدە  ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇيغۇرلار قىرىلىپ تۆگەيدۇ، دەپ سۆزلىدىڭىز. سىز دېگەندەك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. شۇڭلاشقا، سىز ئاغزىڭىزدا شەھەر ئالماستىن، دەرھال ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان بىرەر كونكرېت چارە- تەدبىرلەرنى پىلانلاپ چىقمامسىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كىرىشمەمسىز؟

ئەپسۇس، دۇنيادىكى ئىشلار بەزى ۋاقىتلاردا بەزى شەخسلەرنىڭ خىيالى بويىچە ماڭماي قالىدىكەن. سىز تۇخۇمدىن تۇك ئۇندۇرۇپ، بىر كالتەك ئۇرۇپ يوق قىلىۋەتمەكچى بولغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ھۈرمەتلىك دولقۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش قابىلىيىتىنى تېخىمۇ يۈكسەك سەۋىيىدە جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق د ئۇ ق غا چېۋەرلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق ھەر خىل مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا ۋە خەلقئارالىق ھەر خىل مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، يېڭدىن- يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. بەلكىم، د ئۇ ق نىڭ قازىنىۋاتقان بۇ نەتىجىلىرى سىزنىڭ زەردىڭىزنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋاتقاندۇ. سىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا نېمە ئىشلارنى قىلىدىڭىز ۋە قىلىۋاتىسىز؟ دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كۆرسەتكىدەك قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز ياكى يەنىلا باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كۆتىنى كولاش ئىشلىرى بىلەنلا ئاۋارە بولۇپ يۈرۋاتامسىز- قانداق ؟!

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى دۆچ كەلگەن يىڭى ۋەزىيەتگە ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ كۆرەش نىشانىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاياتنى ساقلاپ قىلىشقا ئۆزگەرتتى. بۇ يەردە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىستىراتىيىلىك باش نىشانىدىن ۋاز كەچكەنلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولماستىن پەقەت باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش مەسىلىسى مەۋجۇت.  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىن ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك خىزمەت نىشانىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاياتنى ساقلاپ قىلىشقا ئۆزگەرتتى. ئۇيغۇر داۋاسىدىكى بۇ باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاۋام خەلقى، خەلقئارالىق دېموكراتىك كۈچلەر، دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنى پەيدا قىلىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەردە خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەيۋەتلىك بىر سىياسىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. ئامېرىكا باشلىق بىر قانچە دېموكراتىك دۆلەت  ھۆكۈمەتلىرى خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتتى ۋە  خىتاي دۆلىتىگە قارىتا ھەر خىل ئىقتىسادىي جازالارنى يۈگۈزدى ۋە يۈگۈزمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى- كېيىن بولۇپ « ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق  سىياسى قانۇنى»  ۋە « ئۇيغۇر مەجبۇريى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى » قاتارلىقلار قانۇنلارنى ئېلان قىلدى. لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنالى ئۆز ھۆكۈمنامىسىدا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرىگە قاريتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانيەت قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە ۋە رەزىل باستۇرۇش ئەمىلىيىتىنى « ئىرقىي قىرغىنچىلىق » ۋە « ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت » دەپ قانۇنىي ھۆكۈم چىقاردى. ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى 2022- يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىكنى تولۇق ياكى قىسمەن دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى. قىسقىسى، د ئۇ ق دىئاسپورادىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارادىكى دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن بىللە ئىشلەش جەريانىدا كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ھەمدە بۇ نەتىجىلىرى ئارقىلىق دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پاراۋۇزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ لوندون تىربونالىنىڭ ھازىرقى زاماندا ئىرقىي قىرغىنچىلققا قارشى تۇرۇشتا ئالەمشۇمۇل ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان قانۇنىي ھۆكۈمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى سەركەردە تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېنىق ۋە روشەن نامايان بولدى.  ئۈمىد ئەپەندى، سىز د ئۇ ق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىلىقلىقىدىن ۋاز كەچتى، دەيسىز.  مابادا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقللەر مەۋجۇت بولماي قالسا، كەلگۈسىدە ئۇ يەردە كىمگە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچىسىز؟

ئۈمىد ئەپەندى، سىزدە سىياسىيونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق –  پەزىلەتتىن زەرىچىمۇ يوق ئىكەن.  ئۆزىڭىز بىلەن بىر مەسلەكتە بولمىغان سىياسىيونلارغا ھەر خىل بەتناملارنى چاپلاپ خالىغانچە ھاقارەتلەيسىز، ئۇلارنىڭ قازانغان نەتىجە ۋە غەلبىلىرىنى بىر تىيىن قىلىپ يوققا چىقارماقچى بولىسىز. شۇنى چۈشىنىپ يېتىشىڭىز كېرەككى، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىپ، باشقىلارنى ھاقارەتلەش ئارقىلىق سىياسىي رەقىبلەر ئارسىدىكى سىياسىي كۈرەشتە غەلبە قىلماق مۇمكىن ئەمەس. يەنە شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەخلاق –  پەزىلەتلىك سىياسىيونلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي رەقىبلرىنىڭ قازانغان  نەتىجىلىرى ۋە غەلبىلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتەك ئېسىل خىسلەتكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى بۇ رەقىبلەرنىڭ قازانغان  نەتىجىلىرى ۋە غەلبىلىرى مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن، پەزىلەتلىك سابىق پرېزىدېنت كلىنتون ئۆزىنىڭ پارتىيىسىنىڭ رەقىب پارتىيىسى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونگېرىس ساناتورى باب دولغا ئا ق ش نىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىداللىرىدىن بىرى بولغان « پرېزىدېنتال مىدالى » نى تەقدىم قىلغان ئىدى. سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت يامان بىر ئىللەت  قاپلاپ كەتكەن بولسا كېرەك. سىز د ئۇ ق غا بولغان ھەسەتخورلۇقىڭىز تۈپەلىدىن دۇنيادىكى ھەممە ئادالەتپەرۋەر خەلقلەر لوندون ئۇيغۇر ترىبۇنالىنى قوللاۋاتقان بىر ۋاقىتتا سىز لوندون ئۇيغۇر سوتى پەقەت ۋىجدان سورىقىدىن ئىبارەت، خىتايمۇ بۇ سوتقا قارشى چىقمايدۇ، دەپ  ۋالاقلاپ كەتتىڭىز. ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ بۇ قىلمىشلىرىڭىز خىتاينىڭ دۇمبىقىنى چالغانغا تەڭ بولۇپ قالدى. زادى سىزدە ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇر ۋە نومۇس دېگەن نەرسىسى بارمۇ- يوق؟!

ئۈمىد ئەپەندى، سىز بىر قېتىملىق ۋىدېئولۇق سۆھبىتىڭىزدە ھەر كىم ئۆز ئەھلى ساھەسىدە سۆزلىشى كېرەك، قوينى قاسساپ سويسۇن، دەپ ئەركىن سىدىق، ئەركىن ئەكرەم ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدىڭىز ۋە  خالىغانچە ھاقارەت قىلىدىڭىز.  ئەندى  ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى بولمىغان ساھە —   ئىستىخبارات ھەققىدە سۆزلەپ كېتىپسىز. قىلغان سۆزلىرىڭىزنى ئۆنتۈپ قالدىڭىزمۇ- قانداق؟ ياكى سىز شۇنداق ئۇرۇنلاردا ئىشلىگەنمۇ- قانداق؟ ئىشلىگەن بولسىڭىز تور بېتىدە ئۈچۈر يۈللاۋەتسىڭىز، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جامائەتى خەۋەردار بولۇپ قالسۇن، ياكى يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سىزدە دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتامدۇ-  يا.

ئۈمىد ئەپەندى، ئەندى قىلىدىغان ئىش تاپالماي  « ئۇيغۇر داۋاسى » دىن ئىبارەت ئاتالغۇدىن قۇسۇر تاپقىلى تۇرۇپسىز؟ بىر ئاتالغۇنىڭ قانداق سېمانتىك مەنىنى ئىپادىلىشى شۇ تىلىنى ئىشلىتىۋاتقان تىل جەمئىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرى « ئۇيغۇر داۋاسى » دېگەن ئاتالغۇغا « شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى » دېگەن ئۇقۇمنى بىرىپ ئىشلەتكەن ۋە شۇنداق مەنىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئاتالغۇ ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئەۋۋال سىز تىلشۇناسلىق ئىلمىدىن بىر ئاز تەلىم ئالسىڭىز بولىدىكەن.

نۆۋەتتە، چەت ئەللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ پەقەت دىپلوماتىك ۋاسىتلار بىلەن ئېلىپ بىرىلىش ئىمكانىيىتىلا مەۋجۇت. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا قانات يايدۇرۇلۇش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت، چۈنكى بۇ كۈرەش قوراللىق ئۇرۇش قىلىشتىن ئىبارەت مەزمۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى  بىلەن ھىندىستاندىكى تىبەتلىكلەرنىڭ ئەھۋالى ئۇتتۇرىسىدا چوڭ پەرق مەۋجۇت. چەت ئەللەردە تىبەتلىكلەردەك  قوراللىق قوشۇن تەييارلاپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىسىز.  شۇنداق بولغان بولسا، ناھايىتى كاتتا ئىش بولغان بولاتتى. قېنى ئەمىسە، قەغەر ئۈستىدە ھەربىي قوشۇن توغرۇلۇق تولا  گەپ قىلماي، دۇنيا ياشلار قۇرولتىيىدا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەسىس قىلىپ قوراللىق ئارمىيە تەشكىللەشكە باشلىمامسىز. باشقىلارنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن، دەپ ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىشىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ !

ئۈمىد ئەپەندى، سىز پەقەت ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىلا « شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق » مەزمۇنىدىكى نۇتۇقلارنى سۆزلەشتىن ئىبارەت ھېچقانداق نەتىجىسى چىقمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ يۈرگىچە ئەڭ ياخشىسى ئۆز تەشكىلاتىڭىز– دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ياش ئەزىمەتلىرىنى باشلاپ مۇستەقىللىق ئەلەمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنت ياكى كونگرېسلىرىنى يوقلاپ، ھۆكۈمەت، پارلامىت ۋە كونگرېس ئەزالىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەرنى ئۆتكەزگەن بولسىڭىز، خېلى نەتىجىلەرنى قازانغان  بولاتتىڭىز. نىمىشكە بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلمايسىز؟ سىزنىڭ پۇت – قولىڭىزنى كىم چۈشەكلەپ قويدى ؟!

سىز د ئۇ ق نىڭ ئۈچ جىنايىتىنى خەلقىئالەمگە جاكارلىدىڭىز. بىرەر كوللېكتىپ ياكى شەخسىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەدىلىيە ۋە سوت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر شەخس ياكى كوللېكىتىپنىڭ باشقا بىرەر شەخس ياكى كوللېكىتىپنى جىنايەت ئۆتكەزدى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشغا ھېچقانداق ھۆقۈقى يوق. د ئۇ ق نىڭ شۇنچىلىك كۆپ جىنايەتلىرى ھەققىدە ئىگەللىگەن پاكىت- ئىسپاتلىرىڭىزنى نىمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا سۇنۇپ ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىشىغا تۈرتكە بولمايسىز؟ بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن شەخس ياكى كوللېكىتىپنىڭ قانۇن سىرتىدا قىلىشى جەمىئەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ساۋادىڭىز يوقمۇ- نىمە؟

ھەر قايسى تەشكىلات، ئۇيۇشما، جەمئىيەت ۋە فوند قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى، نىزامنامىسى، تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە پائالىيەت دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن پرىنىسىپلىرىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىدۇ، ھەمدە سىياسىي پروگراممىلىرى  بويىچە تۈزۈلگەن پىلانلار بۇيىچە ئۆز ئىشلىرىنى ئىشلەيدۇ ۋە قانات يايدۇرۇدۇ. تەشكىلاتلارنىڭ بۇ سىياسىي پروگرامما، نىزامنامە ۋە تەشكىلىي تۈزۈملەرنىڭ قانداق يېزىلىشى شۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىشى، ھەمدە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مەزكۈر تەشكىلاتلارنىڭ شەخسىي ئىشى. باشقا كىشلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۈر تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي پروگرامما ۋە نىزامنامىلىرى ھەققىدە « ئۇنداق يازدى، مۇنداق يازدى » دەپ گەپ قىلىشىغا ھەققى يوق، ئۇلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشقا ھەققىمۇ يوق. بۇ ھەققىدە مەزكۈر تەشكىلاتلارنىڭ جاۋاپ بىرىش مەجۇرىيىتىمۇ يوق، چۈنكى بۇ تەشكىلاتلار خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى ئەمەس. بۇ تەشكىلاتلار پەقەت بىر تۈركۈم مەسلەكداشلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئاممىۋى كوللېكتىپلاردىن ئىبارەت خالاس. ئەگەر بىرەر ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىرى بولسا، ھەر قانداق بىر گراژدان مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي تەرتىپلەر بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ئاپاراتلىرىغا پاش قىلىش ئەرزىلىرىنى سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئارىلىۋېلىش پەزىلەتلىك سىياسىيونلارنىڭ  خىسلىتى ئەمەس.

ھەر قايسى سىياسىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرلىرى ساھەسىدە « بىز ئەڭ ياخشىسىغا ۋەكىللىك قىلىمىز، بىز بىردىن بىر تەشكىلات » دەپ يېزىشى نورمال بىر ئەھۋال. مەسىلەن، ئامېرىكىدا دېموكراتچىلەر پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ھەر ئىككىسىلا بىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىمىز دەپ، ئامېرىكا كونگرېسىدا ھەر تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى لايىھىلەرنى قويىدۇ. ھەتتا فاشىست خىتاي كومپارتىيىسىمۇ ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ يېزىۋالغان. « سۈرگۈندى ھۆكۈمەت » ئاتالغۇسىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالغان دىئاسپورادىكى نەچچە ئون ئادەم تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت كونستىتۇتسىينىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىدا مۇنداق يېزىلغان :

ARTICLE 8. The Government-in-Exile of East Turkistan Republic, which was founded on

September 14, 2004 in Washington, the capital of the United States of America, is the sole

organ of the East Turkistan Republic permitted to exercise legal authority over and to represent

of the people of East Turkistan, until our country has been liberated from China’s rapacious

occupation.

ھۆرمەتلىك ئۈمىد ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت كونستىتۇتسىينىڭ 8- ماددىسىنىڭ مۇنداق يېزىلىغانىلقىغا  قانداق چىداپ تۇرۋاتىسىز؟ نىمە ئۈچۈن ئالتە توك – توك ئادەم قۇرغان  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى خەلققە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، دەپ « خەلق ھەرىكىتى » قوزغاپ ئىمزا توپلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرزە سۇنمايسىز؟!

ھېچقانداق بىر دۆلەت ئورگانى بىرەر ئاممىۋى تەشكىلاتقا « سىلەر خەلققە ۋەكىللىك قىلىسلەر» دەپ تەسدىقنامە چىقىرىپ بەرمەيدۇ. ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ  « بىز خەلققە ۋەكىللىك قىلىمىز» دەپمۇ تەلەپمۇ قىلمايدۇ.  شۇڭلاشقا « < بىرەر تەشكىلات پالان ئىشنى مونوپول قىلىۋالدى. >، < ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايمىز» دەپ،  ئاتالمىش « خەلق ھەرىكىتى » نامىدا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىمۇ « ئالدىرىغان ئىت تامدىن سەكرەپتۇ » دېگەندەك بىر ئىش.  ھەمدە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ۋە توپلانغان ئىمزانى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئورگانىمۇ چىقمايدىغان بىر ئىش. بۇنداق ھەرىكەت پەقەت بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇق ئاۋارە بولۇشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ، خالاس.

سىز بۇ قېتىمقى د ئۇ ق بىلەن بولىدىغان جەڭگە يا مەن سىيىپ كىرىپ ئوخلاپ قىلىمەن يا د ئۇ ق سىيىپ كىرىپ ئوخلاپ قالىدۇ، دەپ قىمارۋازدەك دەتتىكام ئېتىپ ئاتلانغان ئىدىڭىز، جەڭ تېخى يېرىمىغا كەلمەيلا، ۋەزخانلاردەك «  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي يوقالمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار » دەپ ۋەز قىلىشقا باشلىدىڭىز، جەڭ باشلىنىش ئالدىدا « 20 يىل ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىل بولىۋالغان تەشكىلاتقا خاتىمە بىرىش كېرەك » دەپ توۋلىغان ئىدىڭىزغۇ؟ جەڭ تېخى گىرەلەشمە جەڭ ھالىتىگە كىرمەي تۇرۇپ يېلىڭىز پۇسسىدە چىقىپ كەتتىمۇ- نىمە؟ جەڭ مەيدانىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا  سىز ئىتتىپاقداشلىرىڭىزنى  ئەپسۇسلاندۇرۇپ، كىرىپ ئوخلاپ  قالىدىغاندەك قىلامسىز-  نىمە ؟

قىسقىسى، سىز « ئاغزىدا كۈلكە – چاقچاق، قوينىدا پالتا –  پىچاق » دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقالىسىدا ئىپادىلەنگەن خاراكتېرنى ئۆزىڭىزگە سىڭدۈرۈپ ئالغان ۋە ئىچىدە توڭگۈز قاترايدىغان بىر شەخس ئىكەنسىز.  سىزنىڭ پۈتۈن ئىش – ھەرىكىتىڭىز سىزنىڭ دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە چۈشكەن بىر مىتە ئىكەنلىكىڭىزنى مانا مەن دەپ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي خەلقئارادا ئېلىپ بارغان ئۇتۇقلۇق خىزمەتلىرى ئارقىلىق دىئاسپورادىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ  ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولدى ۋە بولماقتا.  دىئاسپوردىكى كۆپچىلىك شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبېك قاتارلىق كىشلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى ۋە بولماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي خەلقئارادا كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئاللاقاچان تونۇلۇپ ۋە ئېتىراپ قىلىنىش بىلەن بىرگە خەلقئارالىق ئادالەتپەۋەر كىشلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى ۋە ئېلىنماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئاللاقاچان دۇنيادا خۇددى ھەيۋەتلىك خانتەڭرى تېغى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا  كۆككە تاقىشىپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاندەك قەد كۆتۈرۈپ بولدى ۋە تۇرماقتا.  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز پىداكارلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا زەپەر قۇچسۇن ! دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا شان –  شەرەپلەر بولسۇن !

2022- يىلى يانۋار

 

 

 

Share
2249 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.