logo

trugen jacn

قورال ئېلىپ قاچقان گۇماندار ئېلى مەتتۇرسۇننىڭ تولۇق كىملىكى ۋە ئىش ئىزلىرى ئاشكارىلاندى

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چىقارغان بىر ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن ئىسىملىك خوتەن كېرىيەلىك بىر خىروئېن ئەتكەسچىسى، 1-مارت كۈنى ئۇنى چىڭخەيدىكى بىر مېھمانخانىدا خوتەنگە ئېلىپ ماڭغان ساقچىلارنىڭ قولىدىكى ئىككى ناگاننى ئوقلىرى بىلەن ئوغرىلاپ قېچىپ كەتكەن.

يەنە ساقچى توربېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن قېچىپ 15 سائەتتىن كېيىن تۇتۇلغان؛ ئەمما بۇ ئۇچۇرلار ئۇزۇن ئۆتمەي توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە ئىككى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئېلى مەتتۇرسۇننىڭ مەھەللە كۈيلىرى بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن، ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەندەك، خىروئېن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەمەس، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان. ئۇ بۇرۇن بىر مەھەل يامان يوللاردا ماڭغان بولسىمۇ، كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزگەرگەن ۋە شاڭخەيدە ئاشخانا ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىگەن؛ ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن، كېرىيەنىڭ جاي يېزا قاتتىكۈن كەنتىدىكى ئىقلىمخان ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى ۋە بىر دىنىي زاتنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى بولۇپ، ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەتكە چىققان. بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئېلى مەتتۇرسۇن، بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇن، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىپ بىر مەھەل يۇرت سوراپ يۈرگەن، ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە، ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان، ئۇ شاڭخەيدە ئاشخانا ئېچىپ ئىقتىساد جەھەتتىن روناق تاپقان، شۇنىڭدىن كېيىن يۇرتى كېرىيەدە بىر قاتار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلغان. ئۇنىڭ مەھەللە كويىدىكى بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا كېرىيەنىڭ شەنبە بازار يېزىسىدىكى جەزخورلارنىڭ يىغىپ يامان يولدىن توسقان ۋە ئۇلاردىن پۇل يىغىپ، بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسى تەسىس قىلغان. ئۇ بۇ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بولۇپمۇ ئۇ، يېقىندا بىر مەسچىتكە ۋە تالىپ بالىلارغا پۇل ياردەم قىلغىنى ئۈچۈن، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان. كېرىيە ناھىيىسىدە ئوچۇق مەيدان سوت ئېچىلىپ ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئېلى مەتتۇرسۇن، كېرىيە قاماقخانىسىدىن نامەلۇم يوللار بىلەن قېچىپ كەتكەن، ساقچىلار ئۇنى ئىز قوغلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تۇتۇپ قايتىۋاتقىنىدا، مەزكۇر قورال ئېلىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/mettursun-qoral-03042015152702.html

Share
1737 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.