logo

trugen jacn

مۇجاھىت مەھمەت جانتۈرك ۋاپات قىلدى

9748723963mehmetcanturkمۇھاجىرەتتىكى تونۇلغان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، تەشكىلاتچى، دىنىي ئۆلىما مەھمەت جانتۈرك 1- فېۋرال سەھەردە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە 90 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

    مەھمەت جانتۈرك 1950- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا يەكەندىن ئافغانىستانغا كۆچۈپ چىققان مۇھاجىرلاردىن بولۇپ، 1965- يىلى ب د ت تەرىپىدىن تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قەيسەرىدە ئىستىقامەت قىلىشقا باشلىغان. 1980- يىللىرى جىددە رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى پەخرىي رەئىسى ئىدى.بارلىقىنى ئۇيغۇر خەلقىگە خىزمەت قىلىشقا بېغىشلىغان مەھمەت جانتۈرك ھەدىس ئىلىملىرىدە يېتىشكەن بىر دىنىي ئۆلىما بولۇپ، ئۇزۇن يىللار بويىچە قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا دەرس ئۆتكەنىدى.ئۇنىڭ يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم ماقالە ۋە كىتابلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم.مەھمەت جانتۈرك بۈگۈن (دۈشەنبە 02.02.2015) پېشىن نامىزىدىن كېيىن قەيسەرىنىڭ تارىخىي ھۇنات جامەسىدە جىنازا نامىزى ئوقۇلۇپ، يەرلىككە قويۇلدى؛ جىنازا نامىزىغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قەيسەرى پارلامېنت ئەزالىرى ياشار كارايەل ۋە ئىسمائىل تامەر، كوجاسىنان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مۇستاپا چەلىك، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قەيسەرى ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ باشلىقى مەتە ئەكە، ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتىئىستانبۇلدىن ئايرۇپىلان بىلەن قەيسىرىگە يىتىپ بارغان ھامىت كۆكتۈرك.   ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىگە ۋاكالىتەن جىنازا نامىزىغا قاتناشتى ۋە تەزىيە بىلدۈردى

 

Share
1104 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.