logo

trugen jacn

قاغىلىق ناھىيىسىدە ئاتا-بالا پىدائىيلارنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىككى كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاغىلىق ناھىيىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، توقۇنۇشتا بىر دانە ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇلغانلىقى ۋە بىرقانچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ-يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، دەسلەپكى قەدەمدە بىر قىسىم تولۇقسىز مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە 16-فېۋرال كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا ناھىيىلىك 1‏-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋەقەدە 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى، مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەنى ياراتقۇچىلار قاغىلىقنىڭ تۈگىچى يېزىسىدىن بولۇپ دادا ۋە ئىككى ئوغۇلدىن ئىبارەت بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن؛ بۇلاردىن ئىككىسى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن، بىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئەمما قاغىلىق دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى يارىلانغان ئىككى ساقچىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، باشقا جەريان ۋە يارىدارلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qaghiliq-weziyiti-02192015143318.html

Share
1873 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.