ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
شۆھرەت ھوشۇر
ئىككى كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاغىلىق ناھىيىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، توقۇنۇشتا بىر دانە ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇلغانلىقى ۋە بىرقانچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ-يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، دەسلەپكى قەدەمدە بىر قىسىم تولۇقسىز مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە 16-فېۋرال كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋەقەدە 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى، مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەنى ياراتقۇچىلار قاغىلىقنىڭ تۈگىچى يېزىسىدىن بولۇپ دادا ۋە ئىككى ئوغۇلدىن ئىبارەت بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن؛ بۇلاردىن ئىككىسى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن، بىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئەمما قاغىلىق دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى يارىلانغان ئىككى ساقچىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، باشقا جەريان ۋە يارىدارلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qaghiliq-weziyiti-02192015143318.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER